ئايفون يۇقىرى ئىقتىدارلىق ئەقىلفون بولغىنى بىلەن MP3 فورماتىدىكى ئاۋازنى بىۋاستە قوللىمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىر قىسىم ئىشلەتكۈچىلەر ئۆزى ياقتۇرغان مۇزىكىلارنى قوڭغۇراق ئاۋازى قىلىپ توغرىلىيالماي ئاۋارە بولۇپ يۈرۈپتۇ. شۇڭا بۇ دەرسلىكنى پۈتتۈردۈم.
iPhone، iPod Touch، iPad قاتارلىق ئالما مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەتكۈچىلەر ئۈسكۈنەڭلارنىڭ FaceTime دەيدىغان بىر جايىغا دىققەت قىلغان بولىشىڭلار مۇمكىن. بۇنىڭ نېمىلىكىنى، قانداق ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلەمسىلەر؟
پات-پات ئايفوننىڭ توكى يەتمىدى، بىر كۈنلا يېتىدىكەن، كۈندە بىر قاچىلىمىسا بولمايدىكەن، دەپ قاخشاپ قالىدىغانلارنى كۆرۈپ قالىمەن. Android نىڭ بۇ جەھەتتە ئارتۇقچىلىقى بارلىقىنى بۇ روبوتقا ئامراق بۇرادەرلىرىمىز پەش قىلىپمۇ ئۆتتى. لېكىن تولىمۇ ئەپسۇسلانغان ھالدا شۇنى ھېس قىلىپ يەتتىمكى – ئاندرويىد بىكارغا باتارىيەسى ئالماشتۇرىلىدىغان قىلىپ لايىھەلەنمىگەن ئىكەن.
نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان تېلىفونۇمنىڭ نەشىرى 4.2.1 دىلا ئىدى. 4.3 نەشىرىدە خېلى كۆپ يېڭىلىقلار يېڭىلانغان بولسىمۇ ئامېرىكا نۇسقىسىدىكى ئايفون بولغاچقا خاتىرجەم يېڭىلىيالماي قىينىلىپ يۈرگەن ئىدىم. بۈگۈن قاپيۈرەكلىك بىلەن 4.3.3 كە ئوڭۇشلۇق يېڭىلىۋالدىم.
iOS ئۈسكۈنىلىرىنىڭ باشنى ئاغرىتىدىغان بىر چاتىغى بار. ئۇ بولسىمۇ نەشىرىنى كۆتۈرىۋالساق چۈشۈرۈپ بولالمايمىز. چۈنكى ئالما ئۈستىگە يامىشىدۇ، پەسكە چۈشمەيدۇ. بۇنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەبى – تۆۋەن نەشىردە تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلى ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن يېڭى نەشىردە ئاشۇ يوچۇقنى يامايدۇ. ئابونتلارنىڭ يېڭى نەشىرىنى تۈرمىدىن قاچۇرالماي كونىسىغا چۈشىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئەقىللىق جوبس مۇشۇنى ئويلاپ چىققان.
ئايفوننىڭ رەسىمگە تارتىشقا ئائىت ئەپلىرى نۇرغۇن. لېكىن شۇ ئەپلەر ئىچىدە ئىشىنىمەنكى بۇنىڭغا ئوخشاش پەچەت ئەپتىن ساناقلىقلا چىقسا كېرەك. بەلكىم بۇ ئەڭ ياخشىسىدۇر. بۇ ئەپ زادى قانداق قىلالايدۇ؟ بۇنى يازمىنىڭ داۋامىغا قاراپ ئاندىن بىلگەيسىز.
بۈگۈن سەھەر بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ئۆزۈمچە شۈك بوپقالدىم. كاللامدا، ستېۋ جوبس ئەمدى قېرىپتۇ. ئەمدىلىكتە خىزمىتىدىن ھەقىقىي ئىستىپا بېرىپتۇ. ئالمىنىڭ يېڭى ئېراسى باشلىنىدىغان بوپتۇدە، دېگەنلەرنى ئويلىدىم.
ھەرقانداق بىر ئالما ئىشلەتكۈچىسىنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان بىر دانە Apple ID (ئالما كىملىكى) بولىشى كېرەك. بۇ كىملىك بىلەن ئالمىنىڭ ھەرقانداق يېرىدىن ھەقسىز ۋە ھەقلىق بولغان نەرسىلەرنى سېتىۋالغىلى، ئالمىنىڭ ھەر خىل مۇلازىمەتلىرىدىن بەھرىمەن بولغىلى بولىدۇ. ئۇنداقتا بۇ كىملىكنى قانداق ئىلتىماس قىلىمىز؟
يېقىندا باھا تۆرىدىن ئورۇن ئالغانلار