ئالدىنقى كۈنى PaPaBong ناملىق ئاۋاز ئارقىلىق كونترول قىلىنىدىغان ئويۇننى تونۇشتۇرغان ئىدىم. بۈگۈنكىسى App Store دىكى مۇشۇ ساھەدە يول ئاچقۇچى، ئەڭ دەسلەپ ياسالغان ئاۋاز ئارقىلىق كونترول قىلىنىدىغان ئويۇن.
Pah دەيدىغان ئويۇن ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. ئويۇننى ئاۋاز ئارقىلىق كونترول قىلىپ ئويناش بىزگە كۆپ يېڭىلىق ئىدى. Pah بۇ ئېرىقنى ئېچىپ بەرگەندىن بۇيان خېلى كۆپ قىسىم پروگراممىرلار بۇ يېڭىلىق ئۈستىدە ئىزدەنگەن ئىكەن. بۈگۈنكى تونۇشتۇرماقچى بولغان Pa Pa Bong مۇ دەل مۇشۇنىڭ مەھسۇلى!
WWDC 2011 يىغىنى ئېچىلغاندىن كىيىن iOS 5 نىڭ Beta سىناق نۇسقىسى تارقىتىلدى. پروگراممىلار ئۆزىنىڭ پروگراممىر كودى ئارقىلىق بۇ يېڭىلىقنى ئەڭ دەسلەپتە سىناش پۇرسىتىگە ئېگە بولۇشتى. iEatApples يېڭى سېستىما iOS 5 تىكى يېڭىلىقلارنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈپتۇدەك. ئۇلار تونۇشتۇرغان يېڭىلىق جەمئىي 154 خىل ئىكەن.
ئايفونىڭىزغا دورامچۇقلار ئائىلىسىدىن ھېچ بولمىسا بىرەر دانە بولسىمۇ قاچىلانغانغۇ دەيمەن؟ بۈگۈن تەۋسىيە قىلماقچى بولغان بۇ خانقىزمۇ ناھايىتى ئوماق دورامچۇقنىڭ بىرى بولۇپ، ھازىرغىچە مەن بىلىدىغان دورامچۇقلار ئىچىدە ئەڭ ئوماق قىز جىنسىدىكى دورامچۇق ھېساپلىنىدۇ.
WWDC 2011 يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان ئالمىدا يېڭىلىقلار خېلى كۆپ بولىۋاتىدۇ. خەۋەرلەردە 5-ئەۋلاد ئايفوننىڭ ئىسمىنىڭ iPhone 4S دەپ بېكىتىلىپ بولغىنىنى ئېيتىشىۋاتىدۇ. شۇڭا سىرتقى كۆرىنىشى خۇددى iPhone 3G بىلەن 3GS ئوخشىغاندەك iPhone 4 بىلەن 4S نىڭمۇ ئوخشايدىكەن.
ئامېرىكا ۋاقتى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى ھەر يىلدا بىر ئۆتكۈزىلىدىغان ئالما ئاچقۇچىلار (پروگراممېرلار) چوڭ يىغىنى - 2011 WWDC سان-فرانسېسكودا ئېچىلدى. بۇ يىغىندا ئالمىنىڭ بۇرۇنقى قائىدىسى بويىچە مەزمۇن مەخپىي تۇتۇلغان بولۇپ، يىغىننىڭ ئامېرىكا شەرقى قىسىم ۋاقتى 6-ئىيۇن ئەتىگەن سائەت 10 دا ئېىچىلىدىغانلىقى پەقەت نەچچە كۈن بۇرۇنلا ئاشكارىلانغان ئىدى. ئالما شىركىتىنىڭ CEO سى ستىۋ جوبس يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا ئەڭ ئاساسلىقى Mac OX Lion نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى ۋە iOS 5 ئېلان قىلىندى. يىغىندىكى ئەڭ يېڭىلىق بولسا ئالمىنىڭ بۇلۇت مۇلازىمىېترى بولمىش يىپيىڭى iCloud تونۇشتۇرۇلدى.
ئەقىللىق تېلىفۇنلار ئىچىدە Google Android نۆۋەتتە دۇنيا مىقياسىدىكى ئىشلىتىش مىقدارى ئالمىنىڭ iOS ئۈسكۈنىلىرىدىن ئېشىپ كېتىپتۇدەك. لېكىن BusinessInsider تور بېكىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇپ ئالما ئۈچۈن 2 ئېغىز لىللا گەپ قىلىش ئۈچۈن ئالمىنىڭ iOS سىنىڭ Google Android تىن زادى قانداق ئارتۇقچىلىقى بارلىقى توغرىسىدا تۆۋەندىكى 10 تۈرلۈك ئالاھېدىلىكنى تىزىپ چىقىپتۇدەك.
دورامچۇق مۈشۈك تام – دورامچۇقلار ئارىسىدا ئەڭ بۇرۇن چىققان ۋە ئەڭ يۈز تاپقان ئەرمەك ھايۋان ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بۇ مۈشۈكنى Outfit7 شىركىتىنىڭ ئوبراز ۋەكىلى دېيىشكە بولىدۇ. بۇ مۈشۈك خەلقئارادا چوڭ يۈز تېىپىپ كوچىدىكى سەرگەردان ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ھەشەمەت ئۆيىگە يېنىپ كەپتۇدەك…
يېقىندا باھا تۆرىدىن ئورۇن ئالغانلار