apple-age-movie-01

پۈتۈن دۇنيادا يېقىنقى 3 يىلدىن بۇيان ئالما تېلىفونى iPhone ئىنتايىن دەۋر سۈرۈپ كەتتى. بۇ تېلىفوننىڭ تەرەققىياتى، بازار تېپىشى، مودا بولىشى … ئىشقىلىپ ھەممە نېمىسى ئىنتايىن تېز بولىۋاتىدۇ. بەزىلەر مۇشۇ تېلىفوننى دەپ بەزىلەر بۆرىكىنىمۇ سېتىشتى. بەزىلەر يېڭى نۇسقىسىنى ساقلاش ئۈچۈن چىدىر تىكىپ ئايلار ساقلاشتى … ئىشقىلىپ، جوبس باشلىغان ئالما دەۋرى بىز ياشاۋاتقان دەۋرلەردە يۇقىرى پەللىگە چىققان ئىدى …

iPhone نىڭ ئويۇنلىرى، قىزىقارلىق، قوللىنىشچان ئەپلىرى App Store دا ناھايىتى تېز سۈرئەتتە كۆپىيىۋاتىدۇ. مۇشۇ سەۋەبلىك، iPhone بولغانلىقى ئۈچۈن بىكار قالغان ۋاقىتتا ئانچە-مۇنچە ئويۇن ئويناپ SONY PlayStation دەك ئويۇنچۇقلارغا ئېھتىياجىمىزمۇ چۈشمەي قېلىۋاتىدۇ. ئەتىگەن ئاخشاملاردا ھەرخىل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئەپلىرى ئارقىلىق خەۋەر كۆرگىلى، مىكرو بلوگ ئەپلىرى ئارقىلىق بىكار قالغاندا بلوگ كۆرگىلى بولغانلىقتىن، سىرتقا چىققاندا بىزگە ئوبدانلا ھەمراھ بولىدىغان بىر نەرسىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ.

مۇشۇنداق بىر قىزغىنلىق، مودا ۋە تەلپۈنۈش – دۆلىتىمىز رېژىسسورلىرىنى ئېلھامغا كەلتۈرۈپتۇ. رېژىسسور مۇشۇ دەۋردىكى قاتناشقۇچى بولمىش BrainWashed Fan لەرنىڭ ھېسسىياتى، پىسخىكىسى ۋە ئالاھىدىلىكىنى خېلى كۈزەتكەندەك قىلىدۇ. بۇ فىلىم بىزنى بۇ كىچىككىنە تېخنىكا مەھسۇلاتى سەۋەبلىك ئادىمىيلىقنى يوقاتماسلىققا، بۇ دۇنيانى پەقەتلا مودا قوغلىشىدىغان، باشقىلارغا ئۆزىنىڭ نەرسىلىرىنى كۆز-كۆز قىلىشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان ئەخمەقلەر بىلەن توشقۇزىۋەتمەسلىككە، يوتقانغا بېقىپ پۇت ئۇزىتىشقا، ئەڭ مۇھىمى ئۆزىمىزنىڭ ھاياتى قەدىر-قىممىتىمىزنىڭ نېمىلىكى ئۈستىدە ئويلىنىش كېرەكلىكىمىزگە چاقىرىدىكەن.

فىلىمدە يۈز-ئابروينى دەپ ئۆزى بىلىپمۇ كەتمەيدىغان بىر تېلىفون ئۈچۈن بىر پاتمان پۇل خەجلەيدىغان بايۋەچچە، تاپقان تەرگىنىنى بالىلىرىنىڭ ئوقۇشى ئۈچۈن بېرىۋاتقان بولسىمۇ، ساۋاقداشلىرىنىڭ ئالدىدا بويۇن قىسىپ قېلىشنى خالىماي مىڭ بىر مۇشەققەتتە تاپقان پۇللىرى بىلەن ئوغلى ئۈچۈن iPhone سېتىۋالغان دادا، قىز دوست كەلتۈرۈش ئۈچۈن «پۇلنىڭ كۆزىگە ياغاچ تىقىدىغان» يىگىت تەسۋىرلىنىدىكەن.

ئاخىرىدا فىلىمنىڭ ئاساسلىق پىرسوناژى، Apple Store غا ئوخشىغان بىر كىچىك ئالما دۇككىنىدا ئىشلەيدىغان Apple Fan شىياۋمىنىڭ مائاشىدىن تاماق پۇللىرىنى تېجەپ، قىسىپ يۈرۈپ يىغىپ-تۆشەپ پۇل يىغىپ iPhone سېتىۋالغاندا باشقىلارنىڭ ئاللىقاچان يېڭى نۇسقىسىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇرۇنقىلىرىنى سېتىۋېتىشكە باشلىغانلىقى، بىچارە شىياۋمىنىڭ مەڭگۈ بۇ مودىغا ئەگىشىپ بولالمايدىغانلىقىدەك بىر مەزمۇنلار سۆزلىنىدىكەن.

قېنى بۇ فىلىمنى كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە كۆرۈپ چىقايلى.

فىلىمنى كۆرۈپ چىققاندىن كىيىن سىز قانداق تەسىراتقا كەلدىڭىز؟ بۇ خىل ھالەتكە سىز قانداق پوزىتسىيە تۇتىسىز؟

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



20 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. ۋاييەي! بۇ كۇلۇبتا دىۋان ماڭا ئوڭچە قاپتۇ! ھېچكىم مەن ئىنكاس قالدۇرمىغىچە خەت يازمايدىكەن ! ھې ھې! :o))):

    • ئۆزلە قول كەلتۈرۈپ بەرمىسىلە ئالدىلىرىدىن توغرا ئۆتكىلى بولمايدۇ … پۇچۇق ئالما بولغانلىرى بىلەن ھۆرمەتلىرى چوڭ. ھەممىمىزنىڭ ئالدىدا 1-بولۇپ كېتىۋاتىلا ئەمەسمۇ؟ :-D

  2. فىلىمگە كەلسەك ! ھازىر نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ شۇنداق زادى ! ئاددىسى بىزنىڭ خوتەندىكى بەزى بىر تاشچىلا ، خەنزۇچىدىن بىرتال سۆز ئۇخمايدۇ يۇ ئىشلىتىشى iPhone 4 ،ھې ھې ، مۇشۇنداقلارنى كۆرسەم كۆتۈمدە كۈلىمەن. :o))): ئەمدى بۇلارنى قانداق چۈشەنگۈلۈك؟! ئىسرافى كەپ قالمىسىلىغۇ بولاتتىغۇ !

  3. ۋايجان ، مۇشۇ دىۋان گىپىنى بىر قىلىشمىساقچۇ..؟ تېمىنىڭ ھېسياتىغا تەسىر يىتىدىكەن…
    شىنجاڭ بويىچە مۇشۇ بىزنىڭ خوتەندە ئايفون ئىشلىتىدىغانلار ئەڭ كۆپقۇ دەيمەن…؟! بۇ يەردە كىمنىڭلا قولىغا قارىسا دىگۈدەك ئايفون… ئەلۋەتتە تېلفۇن ئۇرۇشتىن باشقا ھېچنىمىگە ئىشلىتىشنى ، ھەتتا كەلگەن تېلفۇننىڭ مۇزىكىسىنىمۇ ئۆزگەرتىشنىمۇ بىلمەيدىغانلار ئايفون دەپ چوڭ بىلىپ ئىشلىتىدۇ…
    ئامال قانچە، پۇلى بار ئادەم ئىشلىتەمىش ئاڭلىشىمچە….

  4. ئاشۇ تاشچىلار پۇل چىقرىپ پىروگرامما تۈزدىغانلارغا پۇل بىرىپ ئايفونلىرىغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ياسىتىۋەتسە پەچەت ئىش بۇلاتتى. ئوقۇغۇچى بولغاچ ئۇلار دىگەن ھەق ئېغىر كىلدىكەن.

  5. پەد بۇرادەر نىمە دەۋاتىسىز! پۇل خەجلەپ ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۈچنى ياساتقىلى بولىدىغان يەرنى بىلىدىغان ئوخشىمامسىز؟ قىلغىلىلام بولسا پۇلدىگەن مۇھىم مەسىلە ئەمەسقۇ.!!

    • مىنىڭ دىگىنىم كونۇپكا تاختىسىغا ئەمەس،ئەپ سىتورىغا .arabic keyboardدەپ كىرگۈزسىڭز ئېلخەت يوللاشتا ئىشلىتىدىغان ئاندىن پەد يۈزىدە ئۇيغۇرچە كىرگۈزچ ئەپتە ئۇيغۇرچىنى تورسىز مۇھىتتىمۇ بىۋاستە يازالايدىغان كىرگۈگۈچنى دىدىم، ئات تاپقۇچە ئىشەك مىنىپ تۇرساقكەن ۋاقىتلىق دەپ ئويلاپ خەت يازسام ئۇلارغا باھاسى سەل يۇقىرى ئىكەن.

    • كىرگۈزگۈچ قوشۇش ئۈچۈن سېستىما ئىچىگە بىر نەرسە قوشۇشقا توغرا كېلىدۇ. سېستىمىنى ئۆزگەرتىدىغان ئىش. بۇنى ئالما تەستىقلىمايدۇ. شۇڭا چوقۇم Cydi دەك قاراڭغۇ بازاردا تىمىسقىلاپ يۈرمەي ئامال يوق. ھەممە ئادەم (قاچقان قاچمىغان) ئورتاق ئىشلىتەلەيدىغان بىر ئەپنى بۇيرۇتۇپ ياسىتىپ، شۇ ئارقىلىق كىرگۈزۈپ تۇرۇشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، «پاسىبان ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ بېتى» نىڭ تورسىز ئىشلەيدىغىنى، قولاي ئىقتىدارلىرى بولغان ئەپ شەكلىدىكىسى دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ. مۇشۇنداق بىر نەرسىنى ياسىتاي دەپ شىنجىندىكى بىر شىركەت بىلەن 25 مىڭ يۈەنگە دېيىشىپ بولغان ئىدىم. لېكىن 5.0 دە قارلۇقتىكىلەر مەسىلھەتنى پۈتتۈرۈپ قوشۇپ قالسا بۇ پۇل ئىسراپلا بولمىسۇن دەپ تاشلاپ قويۇپ تۇرغان. پەد دېگەن بويىچە 1400 دوللارغىلا پۈتىدىغان ئىش بولسا بۇ نوچى بوپ كېتىدىكەن.
      ئەگەر مايورنىڭ چۈشى راست بوپقالسىغۇ … :o))):

  6. بىزدە مودىغا ئەگىشىپ ئايفون سېتىۋالىدىغانلار ھەقىقەتەن كۆپ. بۇنداقلار بۇ ‹زەھەردىنمۇ قىممەت› ئوقەتنىڭ ئىقتىدارىنىڭ 100 دەن بىرىنىمۇ ئىشلەتمەيدۇ… لېكىن نېمىلا بولمىسۇن ئايفون ھەقىقەتەن بىر دەۋرنى ياراتتى.

  7. مەن بەزى پروگرامما تۈزدىغانلارغا دىسەم يۇقىرىسى 5000دوللاردىن 1400دوللارغىچە دەپتۇ.
    Salam,

    Sorry for the late reply.

    I can complete the application and submit it to Apple App Store in around 3 weeks or less for $1400.

    This amount includes:
    - Application Design & Development
    - Annual fees to Apple ($99)

    The application will include the following features:
    - Writing in Uyghur language
    - Copy Uyghur text
    - Send Uyghur emails
    - Search Google, Bing, YouTube in Uyghur language
    - Post Uyghur text to Facebook & Twitter

    All the above functions can be done from within the application (without exiting the application).

    _______________________________________________
    is this app for iPad or iPhone ? or both (universal) ?
    I can build this app for 1 week with this feature :

    - Great Design
    - send email directly from app
    - twitter integration (iOS 5)
    - text editor
    and so on ….

    my price for building this app is 5 0 0 0 $

    universal app
    full application support by me .
    source code which you want to release it on the app store  

  8. كۆنگەن يامانمۇ كۆندۈرگەنمۇ ؟ مەنمۇ بۇنىڭدىن مۇقەددەم بىر يىل بۇرۇن iphoneدېسە ئانچە بەك ئىرەنشىپ كەتمىگەن ئىدىم ، بولمىسىغۇ خىلى زامانلاردىن بۇيان تېلېفون ھەۋەسكارى بولۇپ ، تۈننى تاڭغا ئۇلىۋەتكەن كۈنلىرىممۇ خىلى كۆپ ئىدى . لېكىن 10 ئاي بۇرۇن بىر تۇققىنىم ئالغان iphone غا مۇزىكا قاچىلىيالماي نەچچە يۈز كىلومېتىر يىراقلىقتىن بىر قانچە ھەپتە ھەپىلىشىپ مۇزىكا ،كىنو قاچىلاپ بەرسەڭ دەپ ئەۋەتكەنىكەن ، ھى ھى …. iphone نى تاپشۇرۋىلىپ 8 سائەتتىن كېيىن مەن ئۇ تۇققۇنۇمغا : « سەن بۇ تېلېفوننى ئىشلىتەلمەيدىكەنسەن ( ئەمەلىيەتتە دىمىسىمۇ ئۇ بايۋەتچە بولغان بىلەن بۇنداق ئىشلاردىن زادى بىخەۋەر ئىدى ) ، سەن بۇنى ئىسراپ قىلىۋەتكۈچە ماڭىلا بەر ، بۇ iphone ئەمدى ئاباراكۇم بولدى » دەپ قاخشىغىنىغا ئۇنىماي ، شۇ ۋاقىتتىلا 5000 سومنى بانكا ھېساباتىغا سېلىپ بەردىم ، ئۇمۇ شۇ 5000غا ئالغانىكەن . مانا شۇندىن بىرى مەنمۇ iphone مەستانىسى بولالمىساممۇ ، بۇ جەھەتتە ھەۋەسكارلاردىن بولۇپ قالدىم . لېكىن ئۆتكەن يىلى بازارغا سېلىنىشى بىلەنلا ئالمىغانغىمۇ خىلى پۇشايمان قىلدىم .
    نېمە دەيمىز ئەمدى ، iphone چۈشىنىدىغان ئادەمگە بەكلا قولايلىقكەن ، بىر كومپىيۇتېرنىڭ ئورنىنى ئاساسى جەھەتتىن ئالالايدىكەن ، يۇقىرى تېخنىكىنىڭ پەيزىدىن ئادەمنى قانغۇچە ھوزۇرلاندۇرىدىكەن ، قېيىن ئىشلارنى ئوڭايلاشتۇرۇپ بىرىدىكەن ، باشقا تەرەپلىرىنى قويۇپ تۇراي ، مۇشۇ ئۇيغۇرچە يېزىقىمىزنى پەچەت قوللايدىغانلىقىغا بەك بەكلا قايىللىقىم بار ، ئادەمنىڭ كاللىسىنى ئېچىپ يېڭى ئەقىل ئۈگىتىدىكەن ؛چۈشەنمەيدىغان ئادەمگە نىسبەتەن باھاسى 200يۈەنلىك ئادەتتىكى تېلېفوندىن جىق پەرقى يوق .
    مايور جىق سۆزلەپ قويدى دەپ قالماڭلا : ئاخشام رەھمەتلىك سېتۋ جوبس چۈشۈمگە كىتىپ قاپتۇ ، ئۇنىڭ بىلەن ھەددەپ سۆزلىشىۋاتقۇدەكمەن ، ئۇ ئىنگىلىزچە سۆزلەۋىتىپ ، مېنى چۈشەنمىدى بولغاي دەپ ئويلاپ قالدىمۇ ، ئەيتاۋۇر تۇرۇپلا ئۇيغۇرچە سۆزلەپ چۈشۈپ كىتىپتۇ ، بىر چاغدا قولۇمدىكى iphone نى ئېلىپ ، مانا سىلەر مۇشۇنداق بىزنىڭ ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلمايسىلەر ، كىم سىنى بىزنىڭ تەكشۈرۈشىمىزدىن ئۆتمىگەن ماۋۇ ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى قاچىلىسۇن دېدى ، دەپ كايىپ كەتكۈدەك ، يەنە مەندىن :تۈرمىدىنمۇ قاچۇرۇپ بوپسەن ھە ، بوپتۇ ئۇيغۇرچە يېزىقىڭنى راۋان قوللىناي دەپسەندە ، مەن ئامېرىكىغا قايتقاندىن ئاۋۇ ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچۈڭنىڭ نۇسخىسىنى مېنىڭ ئېلخىتىمگە يوللاپ بەر ، سەن بىلەن تونۇشۇپ قالغانلىقنىڭ يۈزىنى قىلىپ مەن سىلەرگە قانۇنلۇق ھالدا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى IOS5گە قوشۇپ بىرەي ، دەيدۇ . مەن بولىدۇ سېتۋ ئەپەندى ، لېكىن سىزدىن بىر مەسىلىنى سورىۋالاي ، نېمىشقا IOS5گە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى قوشمىدىڭىز دېسەم ، ھە بىزنىڭمۇ ئويلىغىنىمىز بار ، بىز ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئالماا مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا چۈشەنچە يوق دەپ ئويلاپتىكەنمىز ، لېكىن ئەھۋال بىزنىڭ تەسەۋۋۇر قىلغىنمىزدىن كۆپ يۇقىرى چىقىتى ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى بۇ بازارمۇ خىلى پېشىپ يىتىلىپ قاپتۇ ، بىر ئەمدى بۇ بازارغا ئومىيۈزلۈك يۈرۈش قىلساق بولغۇدەك دەپ ئويلاۋاتىمىز ، بىز ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى IOS5نىڭ بىرىنچى قېتىملىق يامىقىدا يەنى IOS5.1 دا سېستىمىغا قوشۇۋىتىمىز ، ئۇيغۇرچە فونىتلىرىڭلارمۇ بۇرۇنقىدىن چىرايلىق بولۇپ كىتىدۇ ، سەن بۇ ئېيتقانلىرىمنى ئەتە پاسىبان كۇلۇبىدا ياخشى بىر تېما يېزىپ ئۇيغۇر ئەھلىگە جاكارلاپ قوي ، دەپلا ئۇچۇپ ، سېتۋ جوبس بوۋاي .
    بىر چاغدا سېتۋ جوبس بوۋاي بىلەن سۆھبىتىمنى پاسىبانىمدا تېما يازاي دەپ شۇنداق تەييارلىق قىلىۋاتسام ، 6:15گە توغۇرلاپ قويغان iphone نۇم تۇيۇقسىز سايراپ كەتتى ، ……… ھەي قارىسام چۈشۈمكەن ئەمەسمۇ بۇرادەرلەر …………
    مەيلى نېمىلا بولمىسۇن بۈگۈن چۈشۈمدە كۆرگەنلىرىمنى ( بۇ چۈش راستىنلا كۆرگەن چۈش جۇمۇ ، ھەرگىز توقۇلما ئەمەس ، يەنە بەزى جەريانلىرى ئىسىمدىن كۆتۈرۈلۈپ قاپتۇ ) ، پاسىباندا تېما قىلىپ يازاي دەپ ، ھەر قانچە قىلىپمۇ مەخپى شىفىرىمنى تاپالمىدىم ، تېزىملاتقان ئېلخەت بۈگۈن قېرىشقاندەك ئېچىلمىدى ، شۇڭا مۇشۇ يەرگىلا ئاددى بولسىمۇ يوللاپ قويدۇم .
    پاسىبانداشلار : «توخۇ داڭگال چۈشەيدۇ ، ئۆچكە جاڭگال » دېگەندەك ، مايور كۈندە iphone چۈشەيدىكەن دەپ مەسخىرە قىلىپ كەتمەڭلا يەنە ، مەن iphone ئىشلەتكەن 10 ئايدىن بۇيان تۇنجى قېتىم مۇشۇ iphone ھەققىدە چۈش كۆرۈشۈم . سىلەرمۇ قانداق چۈش كۆردۈڭلا ، ئاڭلاپ باقايلقچۇ قېنى ؟

    • ما چۈشىڭىز قىززىپتۇ. جوبس كۇلۇبىمىزنىمۇ بىلىدىكەن تېخى ھە؟ :o))): راس گەپنى قىلسام مەنمۇ سىزنىڭ چۈشىڭىزدىكىگە ئوخشاش مەزمۇندا بىر قېتىم چۈش كۆرگەن ئىدىم. لېكىن ئۇ چاغدا مەن ئېنگىلىزچە پاراڭلىشىپ كېتىپتىكەنمەن. :o))): شۇ چاغدىمۇ بۇ قېرى ماڭا ۋەدە بەرگەن ئىدى. مېنى تېخى ئالمىنىڭ باش شتابىغا باشلاپمۇ ئەكىرگەن. ئاجايىپ بىر چۈش كۆرۈپتىكەنمەن. ئويغىنىپ چۈش ئىكەنلىكىنى بىلىپ ئەپسۇسلانغان بولساممۇ خوش بوپقالغان ئىدىم. بەلكىم ئاز يېقىندا بۇمۇ ئەمەلگە ئېشىپ قالار، ئىنشا ئاللاھ.

  9. يۇقارقى مايور نامىدىكى ئىنكاسنى iphone دا يازغان ئىدىم ، ئوتتۇرلۇقتا بىر يەرنىڭ قۇر ئالمىشىپ كىتىپتۇ ، تەھرىرلەشكە ھوقۇق يەتمىدى پاسىبان بۇرادەر ، مۇمكىن بولسا تەھرىرلەپ قويسىڭىز .

  10. مايور los5 تە يازدىڭىزمۇيا تۆۋەن نەشرىگە چۈشۈۋالدىڭىزمۇ؟
    بۇ چۈشىڭىز ھەممىدىن بەك ماڭا ياقتى

    • ئىنكاس يازىدىغان يەردە iOS 50 بولسىمۇ ئۇيغۇرچە يېزىلىۋېرىدۇ. iPhone دا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ بولىشىنىڭ ھاجىتى يوق. ئېنگلىزچە كونۇپكا تاختىسىغا توغرىلاپ يازساق ئۇيغۇرچە چىقىۋېرىدۇ

  11. ھى ھى … مەن يەنىلا IOS5.0دىن چۈشۈۋالدىم ، IOS5 دە پەقەت ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى قاملاشتۇرالمايلا يىنىپ چۈشكەن ، بولمىسا يەنە باشقا تەرەپلىرىغۇ خىلى يارىغان .  

  12. قايسى كۈنى ئۆينىڭ پەستە بىر نەچچە ئىشچىلار يولنىڭ بۇزۇلغان يېرىنى ياساۋىتىپتىكەن ، ئۆتۈپ كەتكەچ قارىسام بىرسىنىڭ قولىدا iPhone تۇرمامدۇ ، كۈلگىلىرىم دىگەن كېلىپ :o))): ( زاپىرى ئەمەسكەن جۇمۇ )
    ئۇچىسىغا قارىسا توپا – تەرەت ، قولىغا قارىسا iPhone ، راستلار كۈلكىلىك تۇيىلىدىكەن :o))):

    مۇشۇ iPhone دىگەن ئوقەتنى ئالغان كۈنى كېچىنى ئۇخلىماي ئۆتكۈزىۋەتكەن ئىدىم مەنمۇ …. ھەييييي … ئوتى يامان نەرسە ئىكەن بۇ ……

  13. ماڭا تەسىر قىلدى ماۋۇ …بىر ئىنىمغا كۆرسىتىپ قويسام بولغۇدەك …

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)


App Store دىن ئىزدەش

iOS 5 نىڭ بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسلىرى

iOS 5.0 ئابونتلىرى 5.0.1 گە يېڭىلىماقچى بولسا OTA شەكلىدىلا يېڭىلىسا بولىدۇ. بۇ ئەڭ قولاي ھەم ئەڭ ئىخچام ئۇسۇل. (مۇناسىۋەتلىك يازما) يېڭىلاش باسقۇچى: 设置-通用-软件更新

iPhone 3GS 4.3.5 5.0 5.0.1
iPhone 4 4.3.5 5.0 5.0.1
(iPhone 4 (CDMA 4.2.10 5.0 5.0.1
iPhone 4S - 5.0 5.0.1
iTouch 3 4.3.5 5.0 5.0.1
iTouch 4 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 1 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 2 Wifi 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 2 3G 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 2 CDMA 4.3.5 5.0 5.0.1

نۆۋەتتە iTunes نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى 10.5.2 . بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسى: [Windows 64] [Windows 32] [Mac]

iTools نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى iTools 2011 Beta 1215 . بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسى:
[English Version] [简体中文] [iTools for Mac]

© 2012 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
E-mail : ICP 备案 : 新ICP备10202432号
بەت ئۈستىگە قايتىش