«سىيىۋاتقان بالا» ھەيكىلى

يوللىغۇچى : يوللىغان ۋاقىت : 2014-07-02 19:47:50

بىريۇسسېل شەھىرىنىڭ سىمۋولى بولغان «سىيىۋاتقان كىچىك بالا» ھەيكىلىنىڭ ياسالغىنىغا 300 يىلدىن ئاشتى، ئۇ توغرۇلۇق تارقالغان ھېكايىلەرمۇ كۆپ.

    \
     
        «سىيىۋاتقان كىچىك بالا» ناملىق مىس ھەيكەلنى بېلگىيەلىك ھەيكەلتىراش دۇكسنوي ياسىغان بولۇپ، بۇ ھەيكەل تىكلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەي ئوغرىلىنىپ ئىز-دېرىكى بولمىغان. ھازىر كىشىلەر كۆرىۋاتقان مىس ھەيكەل ئاشۇ ھەيكەلگە تەقلىد قىلىنىپ ياسالغان بولۇپ، ئۇنى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ھەيكەلتىراش 1630-يىلى ياساپ چىققان. بىريۇسسېل خەلقى بۇ مىس ھەيكەلنى «بىريۇسسېلنىڭ شەھەر پۇقراسى» دەپ ئاتىشىدۇ.
        بىريۇسسېل شەھىرىنىڭ سىمۋولى بولغان «سىيىۋاتقان كىچىك بالا» ھەيكىلىنىڭ ياسالغىنىغا 300 يىلدىن ئاشتى، ئۇ توغرۇلۇق تارقالغان ھېكايىلەرمۇ كۆپ. 17-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، فىرانسىيە بىريۇسسېلنى بويسۇندۇرۇش غەرىزىدە، غالجىرانە ھۇجۇم قىلىدۇ، ئەمما چېكىندۈرۈلىدۇ. شەرمەندە بولغانلىقىدىن غەزەپلەنگەن فىرانسىيە ئارمىيەسى، بىر كۈنى كېچىدە يوشۇرۇنچە بىريۇسسېل شەھەر ئەتراپىغا پارتلاتقۇچ بومبا ئورۇنلاشتۇرۇپ، شەھەرگە بۆسۈپ كىرمەكچى بولىدۇ. قىل ئۈستىدە تۇرغان مۇشۇ پەيىتتە، ئۆيىدىن سىرتقا چىقىپ كىچىك تەرەت قىلماقچى بولغان جۇلىيان ئىسىملىك بەش ياشلىق ئوغۇل بالا بۇنى كۆرۈپ قېلىپ، بومبىغا سىيىپ پىلتىسىنى ئۆچۈرۈۋېتىدۇ ھەمدە چوڭ ئادەملەرنى ئويغىتىدۇ. ئۇلار دەرھال جەڭگە ئاتلىنىپ، فىرانسىيە ئارمىيەسىنى مەغلۇب قىلىدۇ. شۇ ئارقىلىق بۇ كىچىك بالا پۈتۈن شەھەرنى قۇتقۇزۇپ قېلىپ، بېلگېيەنىڭ قەھرىمانىغا ئايلىنىدۇ. بۇ بالىنىڭ ئاشۇ ئالاھىدە تۆھپىسىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، كىشىلەر ئۇنىڭ مىس ھەيكىلىنى قاتۇرۇپ، ئەينى يىلى بۇ بالا سۈيدۈكى بىلەن پارتلاتقۇچ بومبىنىڭ پىلتىسىنى ئۆچۈرگەن ئاشۇ كوچىغا تىكلەيدۇ.
        «سىيىۋاتقان كىچىك بالا» مىس ھەيكىلىنىڭ ئېگىزلىكى 53 سانتىمېتىر بولۇپ، ئىككى مېتىر ئېگىزلىكتىكى مەمەر تاشتىن ياسالغان نەقىشلىك پەشتاق ئۈستىگە تۇرغۇزۇلغان؛ ئۇ قىپيالىڭاچ، چېچى پاخپايغان، بۇرنى سەل ئېگىز، كۈلۈمسىرەپ تۇرغان، ئىنتايىن ئوماق بولۇپ، پەشتاق ئۈستىدە تۇرۇپ، خۇددى يېنىدا ئادەم يوقتەك خاتىرجەم «سىيىپ» تۇرىدۇ. ئۇنىڭ «سۈيدۈكى» خۇددى تاغ جىلغىسىدىكى ئېقىندەك يىل بويى توختىماستىن ئېقىپ، پەشتاقنىڭ ئاستىدىكى كۆلچەككە قۇيۇلىدۇ. ئۇنىڭ ئاشۇ بالىلارچە شوخ قىياپىتى، خۇددى تىرىكتەكلا كۆرىنىدىغان كۆرۈنۈشى ئىنتايىن جانلىق بولۇپ، كىشىنى تولىمۇ مەپتۇن قىلىدۇ.
        نۇرغۇن كىشىلەر «سىيىۋاتقان كىچىك بالا» ھەيكىلىنى يالىڭاچ ھەيكەل دەپ ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇ ياسىلىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۇنىڭغا كىيىم كىيگۈزۈلگەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، 17-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى، فىرانسىيە بىلەن بېلگىيە ئۇرۇشىدا قاپسېلىپ قالغان فىرانسىيە ئارمىيەسىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، فىرانسىيە پادىشاھى، بىريۇسسېلنى توپقا تۇتۇشنى قارار قىلىدۇ. ئەمما بۇ «ئىنتايىن ۋەھشىيانە ھەم قىلچە ئەھمىيىتى بولمىغان توپقا تۇتۇش» بولۇپ، فىرانسىيە ئارمىيەسىنى قۇتۇلدۇرالمايلا قالماستىن، بەلكى بىريۇسسېلنى ۋەيران قىلىۋېتىدۇ. ئۈچ يىلدىن كېيىن بىريۇسسېل شەھىرى قايتىدىن قۇرۇلىدۇ. بىريۇسسېل شەھىرىنىڭ قايتىدىن قۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، ئەينى ۋاقىتتىكى «تۆۋەن دەرىجىلىك دۆلەتلەر» (ھازىرىقى بېلېگىيە بىلەن گوللاندىيەنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان) نىڭ ھۆكۈمرانى پادىشاھ بافالىيە تەنتەنىلىك تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزىدۇ. ئۇ بىريۇسسېل پۇقرالىرىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، بىر سېرىق رەڭلىك پەلتونى «سىيىۋاتقان كىچىك بالا» غا تەقدىم قىلىدۇ. بۇ پەلتو دەل ئاشۇ ھەيكەلگە كىيدۈرۈلگەن تۇنجى كىيىم ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن «سىيىۋاتقان كىچىك بالا» ھەيكىلىگە كىيىم تەقدىم قىلىش ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلمەكتە.
        ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە ئەلچىلىرى بېلگىيەنى زىيارەت قىلغان چاغدا، ئالاھىدە تىكىلگەن بىر قۇر كىيىمنى ئۇنىڭغا سوۋغا قىلىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ مەخسۇس كىيىم ئىشكابى بولۇپ، ئۇنىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەردىن تەقدىم قىلغان كىيىمى 700 قۇردىن ئاشىدۇ. نۆۋەتتە بۇ كىيىملەر بىريۇسسېل شەھەرلىك مۇزېيدا ساقلىنىپ كۆرگەزمە قىلىنماقتا.
        (ئاپتور: «شىنجاڭ سەنئىتى» ژۇرنىلى رېداكسىيەسىدىن)
    مۇھەررىر: تۇردىھاجىم تۇرغۇن
    («شىنجاڭ ياشلىرى» ژورنىلىنىڭ 2013-يىللىق 8-سانىدىن ئېلىندى، تەييارلىغۇچى: نەفىسە) 


ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.