سىياھ ۋە ماي قەلەم دېغىنى چىقىرىۋېتىشنىڭ ئاددىي ئۇسۇللىرى

يوللىغۇچى : يوللىغان ۋاقىت : 2014-06-30 16:43:04

قىزىل، قارا، كۆك رەڭلىك سىياھ ۋە ماي قەلەم سىياھلىرىنىڭ ھەممىسى ئادەتتە ھەر خىل بوياقلاردىن تەييارلىنىدۇ. سىياھ داغلىرىنى چىقىرىۋېتىشتە ئادەتتە %2 لىك قويۇق مارگانسوپ (يەنى كالىي پېرمانگانت) ئېرىتمىسى بىلەن ئاۋۋال رەڭسىزلەندۈرۈپ، ئاندىن پاكىز سۇدا چايقىۋەتسە

    \
     
        قىزىل، قارا، كۆك رەڭلىك سىياھ ۋە ماي قەلەم سىياھلىرىنىڭ ھەممىسى ئادەتتە ھەر خىل بوياقلاردىن تەييارلىنىدۇ. سىياھ داغلىرىنى چىقىرىۋېتىشتە ئادەتتە %2 لىك قويۇق مارگانسوپ (يەنى كالىي پېرمانگانت) ئېرىتمىسى بىلەن ئاۋۋال رەڭسىزلەندۈرۈپ، ئاندىن پاكىز سۇدا چايقىۋەتسەكلا بولىدۇ. چۈنكى مارگانسوپ ئېرىتمىسى بۇ خىل بوياقلارنى ئوكسىدلاپ رەڭسىزلەندۈرۈۋېتەلەيدۇ. ئىشلەتكەن ۋاقىتتا ئاۋۋال بۇ خىل ئېرىتمىنى داغ بار ئورۇنغا مۇۋاپىق تېمىتىپ، ئاندىن يەنە ئۈستىگە بىر قانچە تامچە %3 لىك ھىدروگېن پېروكسىد ئېرىتمىسى تېمىتىپ، ئاندىن يۇيۇۋەتسەكلا سىياھ داغلىرىنى پاكىز چىقىرىۋېتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
        يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئۇسۇللاردىن باشقا يەنە تۆۋەندىكى ئاددىي ھەم قولايلىق بولغان ئۇسۇللارنى سىناپ كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ.
    1.قىزىل سىياھ دېغىنى ئاۋۋال كىر سوپۇندا يۇيۇپ، ئاندىن %10~%20 لىك ئىسپىرىت ئېرىتمىسى بىلەن سۈرتۈپ چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ.
        2.كۆك سىياھ دېغىنى ئاۋۋال %2 لىك چۆپ كىسلاتاسى بىلەن سۈرتۈپ، ئاندىن ۋىتامىن C تابلېتكىسىدىن بىر تالنى ئۇششاق ئېزىپ، نەمدەلگەن داغ ئىزى بار ئورۇنغا قويۇپ، ئۇۋۇلاپ سۈرتۈپ بېرىش ئارقىلىق چىقىرىۋېتىشكە بولىدۇ. ئاق رەڭلىك رەختلەردىكى قىزىل سىياھ دېغىنى %10 لىك ئاممىياك سۈيى ۋە ئىشقار ئېرىتمىسى ياكى %10 لىمون كىسلاتا ئېرىتمىسى بىلەن سۈرتۈپ چىقىرىۋېتىشكىمۇ بولىدۇ.
        3. ماي قەلەم دېغىنى ئاۋۋال سوپۇن سۈيىدە يۇيۇپ، ئاندىن %95 لىك ئىسپىرت (ئاق ھاراق بولسىمۇ بولىدۇ) ياكى بېنزول ۋە ياكى ئاتسېتپون ئېرىتمىسى بىلەن سۈرتۈپ يۇيۇش ئارقىلىق چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ.
        4. قارا سىياھ دېغىنى ئاۋۋال داغ بار ئورۇننى نەمدەپ، ئاندىن گۈرۈچ تالقىنى، ياڭيۇ ۋە كىر سوپۇندىن تەييارلانغان يىلىمسىمان ماددىنى سۈركەپ، ئۇۋۇلاپ ئاندىن چىقىرىۋېتىشكە بولىدۇ. ئەگەر داغ تولۇق چىكەتمىسە %10 لىك چۆپ كىسلاتاسى ياكى تاتىرات كىسلاتا ئېرىتمىسى بىلەن سۈرتۈپ چىقىرىۋەتسە بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۆرۈك مېغىزى، خام تۇخۇملارنى بەلگىلىك نىسبەتتە ئارىلاشتۇرۇپ مەلھەم تەييارلاپ، ئاندىن داغ بار ئورۇنغا سۈركەپ ئۈچ مىنۇتتىن كېيىن پاكىز سۇدا يۇيۇپ چىقىرىۋېتىشكىمۇ بولىدۇ.
        تەييارلىغۇچى: ھۆسناجى ئابدۇرېھىم
        مۇھەررىر: پەزىلەت تۇرغۇن
        («بىلىم-كۈچ» ژورنىلىنىڭ 2014-يىللىق 4-سانىدىن ئېلىندى، تەييارلىغۇچى: نەفىسە) 



ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر سىياھ داغ يۇيۇش