«تاسقاش» قا بەرداشلىق بەرگەنلەرلا ئۇتىدۇ

يوللىغۇچى : يوللىغان ۋاقىت : 2014-06-28 19:27:24

«خۇاۋېي» ئارقىدا قالغان %5 نى شاللاش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، شىركەت ئۈچۈن تىرىشىپ ئىشلىگەن ھەم نەتىجە ياراتقانلارنى مۇكاپاتلىغان؛

     
    «تاسقاش» قا بەرداشلىق بەرگەنلەرلا ئۇتىدۇ
    رۇخسارى ئابدۇرېشىت
     
    «بايلىق» ژۇرنىلىنىڭ 2011-يىللىق دۇنياۋى 500 كۈچلۈك كارخانا تىزىملىكىدە «خۇاۋېي» 351-ئورۇنغا تىزىلىپ، جۇڭگونىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتارغا تىزىلغان پۇقراۋى كارخانىسى بولۇپ قالغانىدى، شۇ چاغدا «سىسكو» نىڭ باش لىدىرى مۇنداق دېگەن:«بۇنىڭدىن كېيىنكى نەچچە يىلدا بىزنىڭ پەقەت بىرلا رىقابەتچىمىز بولىدۇ، ئۇ دەل <خۇاۋېي> !».
    «خۇاۋېي» نىڭ بۇ مۇۋەپپەقىيىتىنى ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس ئىجرا قىلىش مەدەنىيىتىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ، ئەلۋەتتە. «خۇاۋېي»نىڭ قىسىمدىن چېكىنگەن قۇرغۇچىسى رېن جېڭفىي ئىلگىرى مۇنداق دېگەنىدى:«ئەگەر بىر پولك تاغ چوققىسىنى ئىگىلىيەلمىسە، پولك كوماندىرىنى شۇ جايدىلا ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇپ، باتالىيون كوماندىرىنى ئۇنىڭ ئورنىغا قويۇش، ئۇ غەلبە قىلالىسا، پولكنى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇش كېرەك». دېمەك، ئۇ خىزمەتچىلىرىدىن ئىشنى جايىدا قىلىپ، نەتىجىنىڭ ياخشى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلاتتى ھەمدە خىزمەتچىلەرگە باھا بېرىش ۋە ئۆستۈرۈشكە ئاساس قىلاتتى. ناۋادا بىر باشقۇرغۇچىنىڭ ئىجرا قىلىش ئۈنۈمى تۆۋەن بولسا، ئۇ دەرھال شاللىناتتى.
    «خۇاۋېي» ئارقىدا قالغان %5 نى شاللاش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، شىركەت ئۈچۈن تىرىشىپ ئىشلىگەن ھەم نەتىجە ياراتقانلارنى مۇكاپاتلىغان؛ تىرىشچان، لېكىن قولىدىن ئىش چىقمايدىغان؛ قابىلىيەتلىك، لېكىن ھۇرۇنلارنى ئويلانمايلا ئىشتىن توختاتقان. «خۇاۋېي» نىڭ بۇ خىل شاللاش تۈزۈمى خىزمەتچىلەرنى ئىجرا قىلىش كۈچى زور كوللېكتىپقا ئايلاندۇرغان ھەم مۇشۇ كوللېكتىپقا تايىنىپ، بۈگۈنكىدەك كىشىنى پەخىرلەندۈرىدىغان نەتىجىلەرنى ياراتقان.
    ھازىر ھەممىدە ئۈنۈم بىرىنچى، ئۈنۈم بولمىسا نەتىجە بولمايدۇ، گۈزەل كېلەچەكمۇ بولمايدۇ؛ ئۈنۈم بىلەن تاپاۋەتنىڭ مۇناسىۋىتى ئوڭ تاناسىپ، ئۈنۈم قانچە يۇقىرى بولسا، كىرىممۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. «خۇاۋېي» بۇ خىل ئارقىدا قالغانلارنى شاللاش تۈزۈمىگە تايىنىپ، خىزمەتچىلىرىنى ئۈزلۈكسىز رىغبەتلەندۈرۈپ، ئىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، شۇنچە كۆپ ئالاقە ئەسۋابلىرى سودىگىرىنى كەينىگە تاشلىيالىغان.
    مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى.

     ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئەسەر ئاللاقاچان ئوكيان قامۇسىنىڭ ئۈندىدار (ۋېيشىن) سالونىغا يوللىنىپ بولغان! ئوكيان قامۇسىغا ئەگىشىپ سەرخىل مەزمۇنلاردىن ۋاقتىدا بەھرىمان بولۇڭ، ئىزدەش نامى: okyanqamus
     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر كارخانا