ئەخلاق بىلىمنىڭ رولچىسى

يوللىغۇچى : يوللىغان ۋاقىت : 2014-06-24 18:59:02

پەقەت ئاقكۆڭۈل كىشىلەرلا مول بىلىمنى ئىنسانلارغا بەخت يارىتىشقا ئىشلىتىدۇ. بولمىسا ئۇ ئاپەتكە ئايلىنىشى مۇمكىن.

    \
     
        ياز كۈنلىرىنىڭ بىر ئاخشىمى، قۇياش گەرچە تاغ كەينىگە مۆككەن بولسىمۇ، بىراق ھاۋانىڭ تەپتى ئازراقمۇ يانمىغانىدى. ئەتراپ سالقىنداشقا چىققان ئادەملەر بىلەن تولغان بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنى يەلپۈگەچ ئۆز ئارا پاراڭلىشاتتى.
        -بىلىم ئاجايىپ نەرسە ھە!-دېدى پاكارغىنە كىشى. گەپنى ئاڭلىغۇچى چاچلىرى ئاقارغان، يېشى ئۇنىڭدىن چوڭراق ئادەم بولۇپ، قارىماققا ئىنتايىن بىلىملىك كۆرۈنەتتى.
        -بىلىم ئاجايىپ نەرسە،-ئۇ گېپىنى تەكرارلىدى،-بالىلىرىم ئەمدىلا بەش-ئالتە ياشقا كىرگەن بولسىمۇ، مېنىڭ 12 ياش ۋاقتىمدىكىدىن كۆپ نەرسىلەرنى بىلىدۇ، ئۇلار ھەر خىل كىتابلارنى ئوقۇيدۇ، ھەر خىل مەسىلىلەرنى مۇزاكىرىلىشىدۇ.
        ئەپەندىم ئەجىبا سىز بۇنداق قارىمامسىز؟
        -ھەي ئەپەندىم،-دېدى چوڭراق ئادەم سۈرلۈك تەلەپپۇزدا،-بۇ بىلىمنىڭ قايسى تەرەپكە ئىشلىتىلىشىگە باغلىق. ئۇ ئاپەتكە ئايلىنىشىمۇ مۇمكىن. شۇنى بىلىڭكى، بىلىم كۈچنى زورايتىدۇ. بىراق كۈچنىڭ ياخشىسىمۇ بولىدۇ، يامىنىمۇ بولىدۇ.
        پاكارغىنە كەلگەن كىشى:
        -راستىنلا چۈشىنەلمىدىم، كۈچنىڭ قانداقمۇ يامان تەرىپى بولىدۇ؟-دەپ سورىدى.
        -سىزگە دەپ بېرەي، بۇنىڭدا چوڭقۇر قائىدە بار. مەسىلەن، ئاتنى تىزگىنلىيەلىسەك ئۇنى ھارىۋىغا قاتقىلى، ئادەملەرنى، نەرسىلەرنى توشۇغىلى بولىدۇ. بىراق كونترول قىلالمىساق، ئاتنىڭ ياۋايىلىقى تۇتۇپ، ئارغامچىلارنى ئۈزۈپ، مىنگەن ئادەمنى يەرگە ئېتىپ، ھارىۋىلارنى سۇندۇرىدۇ. يەنە مىسال ئالساق، سۇنى ئېرىقلارغا توغرا باشلىيالىساق ئېتىزلارنى سۇغارغىلى بولىدۇ. ئەگەر توغان يار ئېلىپ كەتسە، سۇ ھەممە نەرسىنى ئېقىتىپ كېتىدۇ، ئېتىزدىكى زىرائەتلەرنىمۇ ۋەيران قىلىدۇ. كېمىنى ئالساق، كېمىچى مەنزىلنى ئېنىق بىلسە، قىرغاققا بالدۇر ئاپىرىدۇ. ئەگەر يۆنىلىش خاتا بولۇپ قالسا، يەلكەن كۆپ بولغان بىلەنمۇ يۈرۈش لىنىيەسى ئۇزىراپ كېتىدۇ. ئەگەر بىلىم كۆپ بولسىمۇ ياخشى يەرگە ئىشلىتىلمىسە، كىشىنى تۇيۇق يولغا باشلايدۇ.
        -ئەمدى چۈشەندىم،-دېدى پاكارغىنە ئادەم.
        -مەن سىزنىڭ بىلىمنى توغرا ئىشلىتىشنىڭ ياخشى ئىش ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. پەقەت ئاقكۆڭۈل كىشىلەرلا مول بىلىمنى ئىنسانلارغا بەخت يارىتىشقا ئىشلىتىدۇ. بولمىسا ئۇ ئاپەتكە ئايلىنىشى مۇمكىن.
        «مائارىپ ھەققىدە ھېكايەتلەر» ناملىق كىتابتىن ئابدۇمىجىت مۇھەممەد تەرجىمىسى
        («شىنجاڭ ياشلىرى» ژورنىلىنىڭ 2013-يىللىق 7-سانىدىن ئېلىندى، تەييارلىغۇچى: نەفىسە) 



ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئەخلاق بىلىم رول