10 سېكۇنت

يوللىغۇچى : يوللىغان ۋاقىت : 2014-06-20 09:32:17

10 سېكۇنتبىر دارۋاز ماھارەت كۆرسىتىۋاتاتتى، ئۇنىڭ ھەرىكەتلىرى شۇنچىلىك خەتەرلىك ئىدى. ئۇ تۇيۇقسىز دار ئۈستىدە شاپپىدە تۇرۇپ قالدى، بىراق 10 سېكۇنتتىن كېيىن ئۇ يەنە ئويۇنىنى داۋاملاشتۇردى. داردىن چۈشكەن...

    10 سېكۇنت
     
    بىر دارۋاز ماھارەت كۆرسىتىۋاتاتتى، ئۇنىڭ ھەرىكەتلىرى شۇنچىلىك خەتەرلىك ئىدى. ئۇ تۇيۇقسىز دار ئۈستىدە شاپپىدە تۇرۇپ قالدى، بىراق 10 سېكۇنتتىن كېيىن ئۇ يەنە ئويۇنىنى داۋاملاشتۇردى. داردىن چۈشكەندىن كېيىن ئۇ شاگىرتلىرىغا مۇنداق دېدى:
    - ئەينى چاغدا تۇيۇقسىز چىققان شامال ئۇچۇرۇپ كەلگەن توزان كۆزۈمگە كىرىپ كەتتى، شۇ چاغدا «بۈگۈن تۈگەشتىم» دەپ ئويلىدىم،  ئەمما يەنىلا يېڭىلگىنىمگە تەن بەرمىدىم. ئۆزۈمگە:«ئۆزۈڭنى تىنچ تۇت، مۇقىم تۇر، بەرداشلىق بەر» دېدىم. ھەش-پەش دېگۈچە كۆزۈمدىن چىققان ياش ئۇ چاڭ-توزاننى يۇيۇپ كەتتى، مەنمۇ ماھارىتىمنى تولۇق كۆرسىتەلىدىم.
    بەرھەق نەق شۇ 10 سېكۇنت ئۇنىڭ ئىرادىسىنى چىڭىتقان، بەدىنىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، داردىن چۈشۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان. شۇنداقكەن،10 سېكۇنت تۇرۇۋېلىش قارىشىنى ھاياتنىڭ زۆرۈر دەرىسلىكى قىلماي بولامدۇ؟!
    بەزىدە كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچىلك ۋاقتتىكى ھەرىكىتىمىز بىزنى ئۆمۈرلۈك مۇۋەپپىقىيەتتىن مەھرۇم قىلىشى مۇمكىن، ناۋادا ئادەم ئوڭۇشسىزلىقتىن ئوڭۇشلۇق قىسمەتكە يول ئالغاندا ئۆزىنى تۇتۇشنى بىلمىسە، ئۆزىدە چوقۇم خاتا تۇيغۇ پەيدا قىلىپ قويۇشى، سۆز ۋە ھەرىكەتتە كونتروللىقىنى يوقىتىپ، مەڭگۈلۈك ئازابقا مۇپتىلا بولۇشى تامامەن مۇمكىن. ئەڭ ياخشىسى ئادەم 10 سېكۇنت تۇرۇۋېلىپ ئۆزىنى كونترول قىلغىنى، ئوڭۇشلۇق ئىلگىرىلىگەندە قارىغۇلارچە كۆرەڭلەپ پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويمىغىنى، ھەرخىل ئېزىقتۇرۇشلارغا ئەسىر بولۇپ، مېڭىۋاتقان يولىدىن چەتنىمىگىنى تۈزۈك.
    مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى.
     
     ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئەسەر ئاللاقاچان ئوكيان قامۇسىنىڭ ئۈندىدار (ۋېيشىن) سالونىغا يوللىنىپ بولغان! ئوكيان قامۇسىغا ئەگىشىپ سەرخىل مەزمۇنلاردىن ۋاقتىدا بەھرىمان بولۇڭ، ئىزدەش نامى: okyanqamus
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر شامال