ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • ئىجادىيەت بېغىدا

    قىرىق يىل مۇھەررىرلىكنىڭ قىرمىزى قەلىمىنى  تۇتۇپ ، تالاي ـ تالاي ئەدىبنىڭ  ئەدىبىي ئەسەرلىرىگە  ئۆز  ئەجرىنى  سىڭدۈرگەن ، ئەتە ـ ئاخشاملىرى ئىجادىيەت بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ ، قارا كۆك  قەلىمىنىمۇ  قولىغا ئېلىشقا  ئۈلگۈرگەن ، نۇرغۇنلىغان  جەلبكار  نەزمە ۋە نەسرلەر يېزىپ، ئۆزىنىڭ لىرىك ۋە تەنقىدىي تۇيغۇلىرىنى  ئوقۇرمەنلىرىگە  بىلدۈرگەن پېشقەدەم شائىر ئابدۇرۇسۇل ئۆمەرنىڭ «ئۈمىد چىچەكلىرى » قاتارلىق تۆت شېئىرلار  توپلىمى ، « بازار نەرخى» قاتارلىق  ئىككى ھېكايىلەر توپلىمى ، «قۇربانلارنىڭ يۈرەك ساداسى » قاتارلىق  ئىككى  ئوبزۇرـ ماقالىلار توپلىمى نەشر قىلىنغانىكەن .

  • ياخشىلىقنى يار تۇتۇڭ

    ئالدىرىماي ئولتۇرۇپ ، ئازادە  پاراڭلىشىش  داۋامىدا  ئالىي  مۇھەررىر ئابدۇرۇسۇل ئۆمەر ئەپەندى ئۆزىنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشىدا  كۆڭلىگە پۈككەن ، ئويلىغان ـ پۈتكەنلىرىنى رىياسىز  سەمىمى  نىيەت  بىلەن  ئوتتۇرىغا  قويۇشقا باشلىدى .

    ـ شائىر ئەپەندى ، كىشىلىك  ھاياتتىكى ياخشىلىق  ۋە  يامانلىق ھەققىدە سۆزلەپ باقامسىز ؟

    ـ ئوبدان . ئالدى  بىلەن ھاياتتىن سۆز  ئاچساق ، مېنىڭچە ، « پولات قانداق تاۋلاندى » رومانىدىكى  ئوستروۋسكىنىڭ  سۆزىنى  ھاياتنىڭ ئۆلچىمى ـ مىزانى دېيىشكە بولىدۇ . ئىنسان  بۇ دۇنيادا ئۆزىگە بىرلا قېتىم كەلگەن ئۆمۈرىنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈشى ، ھاياتلىقىدا ياخشىلىقنى يار تۇتۇپ ، يامانلىقتىن  يىراق  تۇرۇشى ، چەكلىك  ئۆمۈرىنى  خەلققە پايدىلىق چەكسىز ئىشلارغا بېغىشلىشى كېرەك .

  • شائىر ئابدۇرۇسۇل ئۆمەر بىلەن سۆھبەت

    سۆھبەت تەشكىللىگۈچى: غىلاجىدىن ئوسمان (ئىدىل)

    مەنزىل مەردنى تاللايدۇ

    بىرئۆمۈر  نەشرىيات  پىرىنسىپلىرىغا  ئەمەل  قىلىپ ، ئۆزىنىڭ مۇھەررىرلىك مۆھۈرىنى ھىچ ساتمىغان، پاك ـ دىيانەتلىك  بولۇپ، ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتمىغان، قىرىق يىللىق مۇھەرىرلىك  مۇساپىسىدە  قىرلار ئېشىپ، ئاخىرقى مەنزىل بوسۇغىسىدىن مەزمۇت  قەدەملەر بىلەن ئاتلىغان ئالىي مۇھەررىر، پېشقەدەم  ئەدىب ئابدۇرۇسۇل  ئۆمەر ئەپەندى يەتمىشكە يېقىنلىشىپ قالغان بولسىمۇ ، يەنىلا نەۋقىران چاغلىرىدىكىدەك سۇباتلىق ۋە سۇمباتلىق  كۆرۈنەتتى.

  •  

    ئۆمەر مەھمۇد شېئىرلىرى ئۈستىدە ئىككى كەلىمە

    ئايسىمە ئىدىرىس

    ئۆمەرنىڭ شېئىرىنى ئوقۇۋاتقاندا قوبۇللىغۇچى ئىختىيارسىز ھالدا سۆزلىگۈچىنىڭ ئارقىسىغا ئەگىشىپ ناھايىتى مۇڭلۇق بىر كەيپىيات ئىچىگە كىرىپ قالىدۇ.يەنى شائىرنىڭ چوڭقۇر ھىسىيياتىنىڭ (تۇتاشتۇرغۇچى)نىڭ ئارقىسىدا شېئىرنى يۆلەپ تۇرغان بىر قەلبنى(شائىرنى)ھىس قىلغىلى بولىدۇ.

  • تۈنۈگۈن مەن ئۈچۈن بىر گۈزەل ئەسلىمە، بەرىبىر گۈزەل ئەسلىمە، ئۇ ھامان ئارقامدا قالدى. مەن ئالدىمىغا قاراپ ماڭىمەن. بۈگۈندە مېنىڭ يېزىۋاتقانلىرىم بار، ئەتىدە بولسا مېنىڭ يازىدىغانلىرىم. بۈگۈن يېزىۋاتقانلىرىمنى ئەتە ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرمايمەن. چۈنكى تۈنۈگۈن مەن ئۈچۈن بەرىبىر گۈزەل ئەسلىمە، ئەتە يازىدىغانلىرىم بۈگۈننى تۈنۈگۈن دەپ قارايدىغانلاردۇر. ئەمما، بۇ ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس، چۈنكى تۈنۈگۈن، بۈگۈنگە ئەگىشۋېلىشقا بەك ئامراق، ئەتە يەنىلا نامەلۇم. مانا مۇشۇنداق ئەھۋالدىمۇ ھامان تۈنۈگۈننى گۈزەل ئەسلىمىگە قالدۇرۇپ قۇيۇپ، بۈگۈن يازىدىغانلىرىمنى يېزىشىم كېرەك، شۇندىلا ئەتىگە يۈز كېلەلەيمەن!

  •  

    ئۆمەر مەخمۇت

    ئابدۇراخمان ئابدۇكېرىم شېئىرلىرى تور بەت يۈزىدە بىز بىلەن يۈز كۆرۈشكىلى 2~3 يىلچە بولۇپ قالدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇنىڭ شېئىرلىرىغا ئىزچىل تۈردە دېققىتىمنى ئاغدۇرۇپ كەلدىم. ئابدۇراخمان شېئىرلىرىدا «ئەينەن»، «...