ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-01-31

    شېئىرىيەت سېپىدىكى ئۈمىدلىك ياش ئۆمەر مەھمۇد - [سەرخىللار ئارخىپى]

    شېئىرىيەت سېپىدىكى ئۈمىدلىك ياش ئۆمەر مەھمۇد 

     

    ئۆمەر مەخمۇت، 1987- يىلى 1- ئاينىڭ 29- كۈنى ئاقسۇ ۋىلايىتى شايار ناھىيسىدە دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. باشلانغۇچ، تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى شاياردىن ئىبارەت مېھىرى ئىسسىق، گۈزەل ماكاندا تاماملىغان. 2005- يىلى 9- ئايدىن باشلاپ قەشقەر پىداگوگىكا ئىنتىستىتوتىنىڭ ھاياتلىق ۋە مۇھىت ئىلمىي فاكولىتىتى بىئولوگىيە مائارىپ كەسپىگە قۇبۇل قىلىغان. 2009- يىلى 9- ئايدا ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن، ئالاھىدە ئۇرۇن ئوقۇتقۇچىلىقى ئىمتىھانىسىغا قاتىنىشىپ، ئاقسۇ ۋىلايىتى ئونسۇ ناھىيسىى گۈلئاۋات يېزىسىغا تەقسىم قىلىنغاندىن باشلاپ شۇ يەردە ئىشلەۋاتىدۇ.
    ئۆمەرنىڭ تۇنجى شېئىرى «ئاي نۇرىدا شائىرە قىز» «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» نىڭ 2008- يىللىق 1- سانىدا ئېلان قىلىنغان. ھازىرغىچە «ئاقسۇ ئەدەبىياتى»، «تەڭرىتاغ»، «كروران» قاتارلىق ژورناللاردا 10 پارچە شېئىرى ۋە بىر پارچە ھېكايىسى ئېلان قىلىندى.
    بىز بۇ ياش قەلەم ئىگىسىنىڭ ئىجادىيىتىگە تېخىمۇ زور يۈكسىلىشلەرنى تىلەيمىز!

    ــــــ مەسئۇل مۇھەررىردىن


    تۈنۈگۈن مەن ئۈچۈن بىر گۈزەل ئەسلىمە، بەرىبىر گۈزەل ئەسلىمە، ئۇ ھامان ئارقامدا قالدى. مەن ئالدىمىغا قاراپ ماڭىمەن. بۈگۈندە مېنىڭ يېزىۋاتقانلىرىم بار، ئەتىدە بولسا مېنىڭ يازىدىغانلىرىم. بۈگۈن يېزىۋاتقانلىرىمنى ئەتە ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرمايمەن. چۈنكى تۈنۈگۈن مەن ئۈچۈن بەرىبىر گۈزەل ئەسلىمە، ئەتە يازىدىغانلىرىم بۈگۈننى تۈنۈگۈن دەپ قارايدىغانلاردۇر. ئەمما، بۇ ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس، چۈنكى تۈنۈگۈن، بۈگۈنگە ئەگىشۋېلىشقا بەك ئامراق، ئەتە يەنىلا نامەلۇم. مانا مۇشۇنداق ئەھۋالدىمۇ ھامان تۈنۈگۈننى گۈزەل ئەسلىمىگە قالدۇرۇپ قۇيۇپ، بۈگۈن يازىدىغانلىرىمنى يېزىشىم كېرەك، شۇندىلا ئەتىگە يۈز كېلەلەيمەن!

     ياراتقۇچىنىڭ ياراتقۇچىسى


    سۇغا
    مۇۋاپىق نىسپەتتە توپا قۇيۇپ،ئارىلاشتۇرىمەن...
     
    ئاۋال كۆزدىن باشلاش كېرەك
    كۆزىنى كېچە بىلەن ئويىمەن
    ئاندىن
    ئۇنىڭ ئاستىغا
    مېنى سۆزلەيدىغان تىل چىقىرىمەن
    بەلكىم
    كېچە بىلەن تىل ئارىسىدا مېنىڭ ئاجىزلىقىم ساقلىنىپ قالىدۇ
    شۇڭا،ئۇ جايدا تەنھالىق بولىدۇ...
    ئاندىن،كۆزلىرىنىڭ ئۈستىگە
    ھەسەن-ھۈسەن ياسايمەن
    پۈتكەن جايلىرىنى بىر قۇر كۆرۈپ چىققاندىن كىيىن
    باغرىمغا چىڭ باسىمەن
     
    دەل مۇشۇ جايغا كەلگەندە
    مېنى يارىتىشقا باشلايدۇ 

    بىر دەرەخنىڭ ھەسرىتى
     
    تېنىمگە پاتمايۋاتقان سېنى
    قانداق ئىپادىلەش كېرەك؟
     
    كېچىدىن يىراق ئاۋۇ دېرىزە
    مېنى شۇنچىلا قىيناپ تۇرىدۇ
    بىر تۈپ دەرەخ مەن شۇنداق...
    دېرىزە ئىچىدە بىر پەرى ئولتۇرىدۇ.
     
    ئەجەبلەنمەڭ
    بىر دەرەخنىڭ بىر قىزنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشى
    ماۋۇ كېچىدە تامامەن مۇمكىن ئىدى...
     
    بەلكىم ئۇلار مېنى كۆزگە ئىلمايدۇ
    ئۇلار ئېگىز، بەستلىك
    ئۇلار سېمىز، ئۇستىخانلىق
    ئۇلار...
     
    مېنىڭ ئۇلارغا ئوخشىمايدىغان يېرىم
    مەن بىر تۈپ دەرەخ ئىدىم...
    ئۇلار مېنىڭ يۇپۇرمىقىمنى
     ئۇنىڭ قۇلىقىغا قىسىپ قوياتتى
    مەن ھاياجانلىناتتىم
    ئاندىن ئاستا - ئاستا قۇرۇپ كېتەتتىم...
     
    مەن يەنىلا بىر تۈپ دەرەخ بولاتتىم...
    ئۇلار مېنىڭ دەرەخ ئىكەنلىكمنى بىلمەيتتى
    سەن ماڭا پىچىرلاپ تۇرغاندا
    ئۇلار سېنى رەنجىتكەن  بولاتتى
    دەردلىرىڭ مېنى تۆكۈۋالاتتى...
     
    ئاھ!...مەن بىر تۈپ دەرەخ ئىدىم
    تېنىمغا پاتمايۋاتقان سېنى
    قانداق ئىپادىلەيتتىم؟...

    گۈل سېتىۋېلىش


    بىر تال گۈل ئالدىم
    ئۇزۇن ۋە چوڭقۇر بىر تال گۈل...

     

    -ئاكا گۈل سېتىۋىلىڭ
    قىزچاق پەرمان چۈشۈردى
    كۆزىدە قاراڭغۇ بىر تىل
    قىزىل گۈل دېدى


    يىراق بۇ كوچا قىزىل رەڭ
    ئاۋۇ ئاپتۇبۇس
    لىپمۇ-لىق ھەمدە
    ئاستا قىزىل رەڭ...


    كېچىكىپ كەتتىم
    سۇلۇشۇپ قېلىشى مۇمكىن
    ۋاقىت تۆكۈلىۋاتىدۇ
    ئالدىراش غەمكىن...

     

    مەنبە : يازغۇچىلار مۇنبرى

    分享到: