ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2012-01-31

    شائىرلار گۇمراھلارمۇ؟ - [ئىسلام ۋە دۇنيا]

    شائىرلار گۇمراھلارمۇ؟


    بۈگۈن مۇنبەردىكى مەلۇم بىر شېئىر ئۈستىدە مۇنازىرە بولۇپ، ئارىدا تورداش ئىنىمىز ئابدۇسالام مۇھەممەت بەگزات « شائىرلار گۇمراھلارمۇ؟» دېگەن سۇئالغا خېلى مۇۋاپىق جاۋاب بەردى. مەن شۇ مۇنازىرىدىكى ئاشۇ ئىنكاسنى ساقلاپ قويۇش كېرەك، بۇنىڭ ھەم شائىرلىق كوچىسىدا يۈرگەنلەرگە پايدىسى بولىدۇ دەپ ئويلاپ بىلوگىمغا يوللاپ قويدۇم.

     

    «قۇرئان كەرىم» دە « شائىرلار گۇمراھلاردۇر» دېگەن ئايەت يوق. توغرىسى مۇنداقكەن:

    ( شائىرلارغا گۇمراھلار ئەگىشىدۇ.ئۇلارنىڭ (سۆز) ۋادىللىرىدا تېڭىرقاپ يۈرگەنلىكىنى كۆرمەمسەن؟ئۇلار قىلمايدىغان نەرسىنى قىلدۇق دەپ سۆزلەيدۇ.) (سۇرە «شۇئەرا»،223-226ئايەتلەر)

    ئۇشبۇ نەقىل ئېلىنغان ئايەتنىڭ لەفزەن مەنىسىدىن دەل شۇنداق ھۆكۈم جارى بولىدۇ ۋە شائىرلارنىڭ گۇمراھلىقى شەك -شۈبھىسىز تەستىق ئېتىلىدۇ. لېكىن ھەر بىر ئەقىل ئىگىسىگە مەلۇم بولۇپ قالسۇنكى، بىز دەل مۇشۇنداق ئايەت كەلىمىلەرنىڭ تەرجىمە مەنىسىدە خاتالىشىمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن ئايەتلەرنىڭ تەپسىرلەنگەن مەناسىغا مۇراجىئەت قىلىشىمىز زۆرۈردۇر.

    «شائىرلارغا گۇمراھلار ئەگىشىدۇ (سۈرە شۇئەرا، 224 - ئايەت)». ئەلى ئىبنى ئەبۇ تەلھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبىرىمىزنىڭ تاغىسى ئابباس ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىپنىڭ ئوغلى ئابدۇللا ئىبنى ئابباسنىڭ: «ئىنسان ۋە جىنلارنىڭ ئىچىدىكى ئازغۇنلۇق يولىدىكىلەر كاپىرلارغا ئەگىشىدۇ» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان. بۇ بۇ ھەدىسنى ئابدۇراھمان ئىبنى زەيد ئىبنى ئەسلەم ۋە باشقا ساھابىلار تەستىقلىغان. (دېمەك بۇ يەردە «شائىر» ئاتالغۇسى گۇمراھلىقنى تەشۋىق قىلغۇچى سۆزمەن كىشىلەرگە قارىتىلغان، قالغىنى ئاللاھقا مەلۇمدۇر)

        ئىكرەمە ئىبنى ئەبۇ جەھل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىر - بىرىنى شېئىر بىلەن سۆكىشىدىغان ئىككى شائىر بار ئىدى. بىر بۆلۈك كىشىلەر بىرىنى، يەنە بىر بۆلۈك كىشىكلەر يەنە بىرىنى قوللىدى. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھتائالا ‹شائىرلارغا گۇمراھلار ئەگىشىدۇ (سۈرە شۇئەرا، 224 - ئايەت)› دېگەن ئايەتنى چۈشۈردى.

    «ئۇلارنىڭ (سۆز) ۋادىلىرىدا تېڭىرقاپ يۈرگەنلىرىنى كۆرمەمسەن (سۈرە شۇئەرا، 225 - ئايەت». بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى ھەققىدە ئەلى ئىبنى ئەبۇ تەلھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئابدۇللا ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان: « (بۇ ئايەتى كەلىمنىڭ مەنىسى) ئۇلار بارلىق پايدىسىز ئىشلار بىلەن ھەپىلىشىپ يۈرىيدۇ (دېگەنلىك بولىدۇ)». يەنە زەھھاك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئابدۇللا ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى ھەققىدە «ئۇلار سۆزلەرنىڭ ھەممە تۈرلىرىدە تېڭىرقاپ يۈرىيدۇ (دېگەنلىك بولىدۇ)» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان.

    «ئۇلار قىلمايدىغان نەرسىلىرىنى قىلدۇق دەپ سۆزلەيدۇ (سۈرە شۇئەرا، 226 - ئايەت». ئەۋفى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئابدۇللا ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىسىدا بىرى ئەنسار، يەنە بىرى باشقا قەۋمدىن بولغان ئىككى شائىر بولۇپ، ئۇلار بىر بىرىنى ئەيىبلىشەتتى. ئۇ ئىككىسىنىڭ ھەر بىرىسىنىڭ يېنىدا ئۆز قەۋمىدىن بولغان (ئۇلارنى قوللايدىغان) ئەخمەقلەر بار ئىدى. ئاندىن ئاللاھتائالا ‹شائىرلارغا گۇمراھلار ئەگىشىدۇ. ئۇلارنىڭ (سۆز) ۋادىلىرىدا تېڭىرقاپ يۈرگەنلىكىنى كۆرمەمسەن؟ئۇلار قىلمايدىغان نەرسىنى قىلدۇق دەپ سۆزلەيدۇ.) (سۇرە «شۇئەرا»، 224-226ئايەتلەر) دېگەن ئايەتلەرنى چۈشۈردى.

    يەنە مەككە مۇشرىكلىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئىشەنمەي پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى «شائىر» دەپ تۇرىۋالغاندا ئاللاھتائالا مۇنۇ ئايەتلەرنى نازىل قىلغان: «ئۇنىڭغا (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) بىز شېئىر تەلىم بەرمىدۇق، ئۇنىڭغا شېئىر مۇناسىپمۇ ئەمەس. ئۇ پەقەت تىرىكلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش، كاپىرلارغا ئازابنىڭ تىگىشلىك ئىكەنلىكىنى (بىلدۈرۈش ئۈچۈن نازىل بولغان) ۋەز نەسىھەتتۇر ۋە روشەن قۇرئاندۇر (سۈرە ياسىن، 69 - 70 - ئايەتلەر)». «بۇ قۇرئان ئەلۋەتتە ھۆرمەتلىك پەيغەمبەرنىڭ (ئاللاھ تەرىپىدىن يەتكۈزگەن) سۆزىدۇر، ئۇ شائىرنىڭ سۆزى ئەمەستۇر، سېلەر ناھايىتى ئاز ئىشىنىسىلەر، ئۇ كاھىننىڭ سۆزىمۇ ئەمەس، سېلەر ئاز ۋەز - نەسىھەت ئالىسىلەر، (ئۇ) ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر (سۈرە ھاققە، 40 - 43 - ئايەتلەر)».

    مۇھەممەد ئىبنى ئىسھاق ئەبۇ ھەسەن سالىم بۇرادنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: ئاللاھتائالانىڭ «شائىرلارغا گۇمراھلار ئەگىشىدۇ (سۈرە شۇئەرا، 224 - ئايەت)» دېگەن ئايىتى چۈشكەندە ھەسسان ئىبنى سابىت، ئابدۇللاھ ئىبنى راۋەھە ۋە كەئب ئىبنى مالىك قاتارلىق (ئىسلام شائىرلىرى) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا يېغلاشقان ھالدا كېلىپ: «ھەقىقەتەن ئالللاھتائالا يۇقىرىدىكى ئايىتىنى چۈشۈرگەندە بىزنىڭ شائىر ئىكەنلىكىمىزنى بىلەتتى» دېيىشتى. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: «پەقەت ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، ئاللاھنى كۆپ زىكر قىلغان، زۇلۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئۆزىنى قوغدىغان شائىرلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا» دېگەن ئايەتنى ئوقۇپ بېرىپ: «سېلەر ئاللاھتائالانىڭ ‹ئاللاھنى كۆپ زىكر قىلغان، زۇلۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئۆزىنى قوغدىغان شائىرلار› دېگەن ئايەتلىرىدە تىلغان ئالغان شائىرلاردۇرسىلەر» دېدى. بۇ ھەدىسنى ئىبنى ئەبۇ ھاتەم ۋە ئىبنى جەرىرمۇ ئىبنى ئىسھاقتىن شۇنداق رىۋايەت قىلغان.

    يەنى ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەسسان ئىبنى سابىتقا: «كاپىرلارغا (شېئىر) بىلەن ھۇجۇم قىلغىن، جىبرىئىل سەن بىلەن بىللە» دېگەنلىكى بايان قىلىنغان.

    ئىمام ئەھمەد يەنە مۇنداق بىر ھەدىسنى رىۋايەت قىلغان: كەئب ئىبنى مالىك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: «شەك شۈبھىسىزكى، ئاللاھ شائىرلار ھەققىدە ئايەت چۈشۈردى (بۇ يەردە «شائىرلارغا گۇمراھلار ئەگىشىدۇ. ئۇلارنىڭ (سۆز) ۋادىلىرىدا تېڭىرقاپ يۈرگەنلىكىنى كۆرمەمسەن؟ ئۇلار قىلمايدىغان نەرسىنى قىلدۇق دەپ سۆزلەيدۇ» دېگەن ئايەت كۆزدە تۇتىلىدۇ) دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «... جىنىم ئۇنىڭ قولىدا بولغان زات ئاللاھتائالانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سېلەر (ئى شائىرلار! تىلىڭلار بىلەن كاپىرلارغا) ئاتقان شېئىرىڭلار خۇددى نەيزىدۇر» دېگەن.

     

    分享到: