ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2012-01-31

    2011-يىلى مەن ياقتۇرۇپ ئوقۇغان كىتابلار - [تەۋسىيە كىتابلار]

     

    2011-يىلى مەن ياقتۇرۇپ ئوقۇغان كىتابلار

     

    يىل ئۆرۈلگەن دەملەردە يازغۇچىلار مۇنبىرىدە ئىنىمىز مۇھەممەتجان توختى «2011-يىلى مەن ياقتۇرۇپ ئوقۇغان كىتابلار» دېگەن ئوقۇرمەنلىك تەسىراتىنى يوللاپ مېنىڭمۇ بۇ ھەقتە ئويلىنىشىمغا تۈرىتكە بولدى. راسىت، بۇنى بىر دەڭسەپ بېقىش كېرەك ئىدى.

    مەنمۇ تۆۋەندە ئۆتكەن يىل ياقتۇرۇپ ئوقۇغان كىتابلىرىمدىن بىر قانچىنى تاللاپ باقتىم:

     

    1. «چالىقۇشى» رومانى - مەزكۇر روماننى باشقىلار خېلى ماختاپ بەرسىمۇ قىزلار ئوقۇيدىغان كىتاب دەپ ئويلاپ قولۇمغا ئالماپتىكەنمەن. ئەمما بۇ يىلقى تۈركىي مىللەتلەر ئەدەبىياتىغا بولغان ھېرىسمەنلىكىم بىلەن بۇ كىتابنى قولۇمغا ئالدىم. كىتاب ھەقىقەتەن ماختىغۇچىلىكى بار ئەسەر ئىكەن. مېنى ئەسەرنىڭ گۈزەل تىلى، ئۆزگىچە بايان قىلىش سەنئىتى، خاراكتېرلارنىڭ چىنلىقى تولىمۇ سۆيۈندۈردى. بۇ رومانغا ئىلگىرى «قىزلارغا خاس رومان» دېگەن قارىشىمنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى سۆيۈنۈش ئىچىدە ئىتىراپ قىلدىم.

     

    2. «مەشرەب» ناملىق شېئىرلار توپلىمى - مەزكۇر توپلامنى نەشىردىن چىققاندىن بۇيانلا يېنىمدىن ئايرىمىدىم. پىشقەدەم ئۇستاز شائىر مۇھەممەتئىلى زۇنۇن تەشنائىي ئەپەندىنىڭ شېئىرىيەت ئىجادىيىتىگە سەل قاراپ كەپتۇق دەپ ئويلىدىم. ئۇنى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىدىن كېيىن ئۇنىڭ ئىزىنى باسالىغان بىر ياراملىق شاگىرىت دەپ قارىدىم.

     

    3. «پىروزىغا ئومۇمىي نەزەر»  (小说面面观)- فوستىرنىڭ بۇ كىتابىنى بۇ يىل ئاساسەن يېنىمدىن ئايرىمىدىم. بەك ئاستا ئوقۇدۇم. نۇرغۇن جايلىرىدا خېلى ھاردۇرۇپ قويدى. خەنزۇچە كىتاب ئوقۇش مېنى خېلى تىز ھاردۇرۇپ قويدى. بولۇپمۇ بۇ نەزىرىيە كىتاب بولغاچقا تېخىمۇ شۇنداق بولدى. ئەمما كىتابتىكى يېڭىچە نەزىرىيە نۇقتىلىرىنى ئىگەللەش ئۈچۈن ئاستا بولسىمۇ بىر قېتىم ئوقۇپ چىقتىم. بۇ كىتاب ئالدىنقى يىلى كۆرگەن لى جيەنجۈننىڭ «پىروزا ئىستىلىستىكىسى ئۈستىدە تەتقىقات» ناملىق ئەسىرىدىكى بەزى نۇقتىلارنى تېخىمۇ كونكىرېت، چوڭقۇرراق ئىگەللىشىمگە ياردەمدە بولدى. بارا - بارا بۇ كىتابتىكى نەزىرىيەنىڭ كېيىنكى ئىزدىنىشلىرىمگە تۈرىتكە بولالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

     

    4. «ئىلى پەرزەنتلىرى» ناملىق داستاننىڭ 1- تومى - بۇ پىشقەدەم شائىر مۇھەممەتجان سادىق ئەپەندىنىڭ داستانى بولۇپ، بۇ يىل داستاننىڭ ئىككىنچى تومى نەشىر قىلىنىشتىن سەل ئاۋۋال «قۇياش كىتابخانىسى»دا بۇ كىتابنىڭ 1-تومى ئۇچراپ قالدى. قولۇمغا ئېلىپ شۇ يەردىلا ۋاراقلاپ باقتىم. داستاننىڭ شېئىرىي تىلىنىڭ گۈزەللىكى مېنى ئۆزىگە تىزلا جەلىپ قىلدى. شۇ يەردىلا مۇقەددىمە قىسمىنى ئوقۇپ بوپتىمەن. سېتىۋىلىپ كىلىپ ئوقۇدۇم. ئوقۇش جەريانىدا ئۇزۇندىن ئىچىمنى تاتلاپ كېلىۋاتقان بىر ئىلھام، ئۈمىد ئويغاندى. شۇنىڭ بىلەن قولۇمغا قەلەم ئالدىم. ئاللاھ خالىسا بۇ ئىلھامنىڭ تۈرىتكىسىدە بىر نەرسىلەرنى ھېلىغىچە جىجىپ كېلىۋاتىمەن. قانداق بولمىسۇن ئىچمدىكىنى، ئويلىغانلىرىمنى بىر يېزىۋالسام دەپ ئۈمىد قىلىۋاتىمەن. كېيىن مەزكۇر داستاننىڭ 2-تومىمۇ ئېلان قىلىندى. ئەمما مەندىن چاققانراق بىر دوستۇم ئوقۇپ كىلىپ ماڭا 2-تومىنى ھېكايە قىلىپ بەردى. داستاننىڭ تۈگەللىمىسدىن قارىغاندا داستان پۈتۈنلەي مەغلۇب بولغان ئىدى. شۇڭا 2-تومىنى ئوقۇمىدىم. كۆڭلۈمدىكى زىلزىلىنىڭ پەسىيىپ قېلىشىنى خالىمىدىم.

     

       دوستۇم قېنى سىزمۇ ئوقۇغان كىتابلىرىڭىزدىن بىر خۇلاسە چىقىرىپ بېقىڭ!

     

    分享到: