-
2011-01-31
مەشرەب شېئىرلىرىدىن پارچىلار - [تۈركىيلەر ئەدەبىياتى]
مەشرەب شېئىرلىرىدىن پارچىلار
سويلاپ ، سويلاپ ناز قىل، مەن ئۆرگۈلەيىن،
نازىڭ ئالدى كۆڭلۈمنى ، نازۇك نىھالىم،
تۈرلۈك،تۈرلۈك جىلۋەڭگە جانىم بېرەيىن،
ئالتۇن، كۆمۈش يولۇڭغا چېچىش خىيالىم.
خەمچە -خەمچە قاشلارىڭ، بادام قاپاغىڭ،
خۇمار-خۇمار كۆزلەرىڭ، يۈسۈف سىياقىڭ،
چىقتى جانىم ، ئەي پەرى، ھەي-ھەي فىراقىڭ،
ئەمدى ساڭا بولسۇن بۇ مېنىڭ ۋەبالىم.
چۈچۈك-چۈچۈك سۆزلەرىڭ شەكەردىن ئارتۇق،
مۇنچە لەبىڭ ھەسەلدىن بولۇرمۇ تاتلۇق؟
خالۇ-خەتىڭ قويۇپ داغ باغرىمغە ئوتلۇق،
ئارەزى رۇخسارىڭغە ياندى چىراغىم.
قارا - قارا كۆزلەرىڭ مۇغان نەشئەسى،
خىرمەن-خىرمەن جەمالىڭ زىلال چەشمەسى،
ئاشىقلارىڭنىڭ ئاھۇ-نالە تۇشەسى،
مەن بىر ئۆلۈك مۇرتەكمەن، قانى مەدارىم.؟
چەمەن-چەمەن گۇللارىڭ،نىھاللارىڭدىن،
سانسىز يارا كۆڭۈللەر مىژگانلارىڭدىن،
ئىشق ئەيلەسە قىز-يىگىت ئوغلانلارىڭدىن،
دۇنيا-دۇنيا ئاچىلۇر لالە ئۇزارىم.
دۇنيا - دۇنيا يىغلاغىل مەشرەب ياش ئاقسۇن،
ئاشىق ئېلىن كۆڭلىنە ئوت بولۇپ يانسۇن،
غەفلەتدە يۈرگەنلەر بۇ ئوتدە يانسۇن،
كۆيۈپ-كۆيۈپ كۈل بولسۇن بۇ كارى بارىم.
مەنبە : «مەشرەب شېئىرلىرىدىن تاللانما» ناملىق توپلامدىن.
历史上的今天:
2011-يىلى مەن ياقتۇرۇپ ئوقۇغان كىتابلار 2012-01-31شائىرلار گۇمراھلارمۇ؟ 2012-01-31شېئىرىيەت سېپىدىكى ئۈمىدلىك ياش ئۆمەر مەھمۇد 2011-01-31