ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-10-05

    ئابدۇراخمان ئابدۇكېرىم شېئىرلىرى توغرسىدا - [چاغداش ئەدەبىيات تەتقىقاتى]

     

    ئۆمەر مەخمۇت

    ئابدۇراخمان ئابدۇكېرىم شېئىرلىرى تور بەت يۈزىدە بىز بىلەن يۈز كۆرۈشكىلى 2~3 يىلچە بولۇپ قالدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇنىڭ شېئىرلىرىغا ئىزچىل تۈردە دېققىتىمنى ئاغدۇرۇپ كەلدىم. ئابدۇراخمان شېئىرلىرىدا «ئەينەن»، «دەل» خاتىرلەش ئۇسۇللىرى كۆپرەك قوللىنىلغان. ئەينەن خاتىرلەش دېگىنىمزدە، تويغۇنى ئەينەن خاتىرلەشنى كۆرسىتىدۇ. دەل خاتىرلەش بولسا، سۆزلەرنى سېلىقلاشتۇرۇپ، ئىچكى ھىسياتنى سۇسلاشتۇرۇشقا ئۇرنماستىن، دەل شۇ سۆزنى ئىچكى ھىسياتنى ئېچىپ بىرىشتىكى ئاچقۇچ قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇندىن باشقا، ئابدۇراخمان شېئىرلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا ئەكىس ئەتتۈرگەن مۇھىت، تىپىك ئۇيغۇر مۇھىتىغا ئەڭ يېقىن نوقتىدا تۇرغانلىقىدا. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تەرەپلەر تۈپەيلى مەندە ئابدۇراخمان ئابدۇكېرىم شېئىرلىرى ئۈستىدە ئىككى ئېغىز سۆز قىلىش ئىستىكى توغۇلدى.
    تۆۋەندە بىز ئابدۇراخمان ئابدۇكېرىمنىڭ بىرقىسىم شېئىرلىرى ئۈستىدە تەھلىل يۈرگۈزۈش ئارقىلىق، ئۇنىڭ سۆز تاللاش ماھارىتى ، شېئىرلىرىدىكى مۇھىت ئامىللىرى ھەمدە شېئىر يۈكلىگەن مەنە قاتلىمى قاتارلىقلار بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز.
    1. سۆز تاللاش ماھارىتى
    ئابدۇراخمان شېئىرلىرىدا تۇيغۇسىنى ئەينەن خاتىرلەيدىغان سۆزلەرنى تاللاشقا ئەھمىيەت بەرگەن. بۇ خىل سۆز تاللاش قەستەن سىلىقلاشتۇرۇشتىن خالى بولۇپ، ھەر بىر سۆز ئەسلى تويغۇغا سادىق بولغان ئاساستا ئىچكى ھىسياتنى يۇرۇتۇپ بېرەلىگەن.
    ھاياتنىڭ جالاپلىقىنى بىلىپ تۇرساممۇ، 
    ئۆلگۈدەك سۆيدۈم ئاھ يەنە مەن ئۇنى. 
    ...
    ( «قارا چۈمۈلە» دىن پارچە)
    ساي قاراڭغۇلىقدا سۆيمەكتە شامال
    تەن جۇدالىقىدا كۆيمەكتە شامال
    ئەمچەكلىرى تاشتەك قاتتىق ئەي ئايال!
    شاراب كەلتۈر قان شارابى
    («شاراپ كەلتۈر، قان شارابى» دىن پارچە)
    يۇقارقى ئىككى پارچىدىكى «ھاياتنىڭ جالاپلىقىنى بىلىپ تۇرساممۇ» ، «ئەمچەكلىرى تاشتەك قاتتىق ئەي ئايال» دېگەن مىسرالاردىكى سۆزلەر سىلىقلاشتۇرمىلىققا ئۆكتە قوپقان ھالدا، تويغۇنى بىۋاستە خاتىرلىگەن، ھەمدە سۆز بىلەن سۆزنىڭ جىپسلىشىپ بىر پۈتۈن مەنە قاتلىمى ھاسىل قىلشتا ئىجابىي رول ئوينىغان. بۇ مىسرالارنى سىلىقلاشتۇرۇپ ئوقۇپ باقساق، [ھاياتنىڭ جاپالىقلىقىنى بىلىپ تۇرساممۇ ، سۈتلىرى لىق تولغان ئەي ئايال...] دېگەندەك ئوقۇشقا بولىدۇ. ئەمما بۇنىڭدا ئەسلى تويغۇغا سادىق بولغان شېئىرلىق خۇسۇسىيەت تۆۋەنلەپلا قالماستىن، ئىپادىلەشتە ئەينەن بولۇشقا تەسىر يېتىدۇ. شوڭا، ئابدۇراخماننىڭ سۆز تاللاشتا، ئىچكى ھىسياتقا، تويغۇغا سادىق بولۇپ، نازۇكلىشىشتىن يىراق تۇرۇشى، بىز تىلغا ئالغان مىسرالارنىڭ ئىستىتىك زوق بىرىش قىممىتىنى ئاشۇرغان.
    شېئىردا سۆزلەرنى كەڭ مەنە بوشلۇقى بىلەن تەمىنلەش، ئوقۇرمەننىڭ تەپەككۇرىنى غىدىقلايدىغان مۇھىم ئامىل. ئابدۇراخمان شېئىرلىرىدا مەزكۇر نوقتا مۇنۇ مىسرالاردا ئۇچرايدۇ.
    بۇ خەت
    ئاسمان بىلەن يەرنىڭ خېتى
    دەرەخ بىلەن ئەرنىڭ خېتى
    (« قارا خەت» تىن پارچە)
    [ئاسمان، يەر، دەرەخ، ئەر] دىن ئىبارەت بۇ تۆت سۆز، ئوخشاشلا «بۇ خەت» نىڭ يازغۇچىسى (ئېگىسى) بولغان. ئۇچاغدا «خەت» دېگەن بۇ سۆز ماكانغا سىموۋۇل قىلىنغان بولىدۇ. چۈنكى، ئۇ تۆت سۆزگە ئورتاق بولغىنى ماكاندىن ئىبارەت. بۇ ماكان ئەرنىڭ ماكانى، دەرەخنىڭ ماكانى، يەرنىڭ ماكانى ۋە ئاسماننىڭ ماكانىدىن ئىبارەت پارچە- پارچە ماكانلارنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ ماكانلار، ئەرنىڭ ماكانىدىن، ئاسماننىڭ ماكانىغىچە كېڭىيىپ، خىلمۇ- خىل قىياس ۋە ھەرخىل تەپەككۇرلەرنىڭ تۇغۇلىشىغا كەڭ بوشلۇق ھازىرلايدۇ.
     بۇندىن باشقا، ئۇ سۆزلەر «ئاسمان بىلەن يەر»، «دەرەخ بىلەن ئەر» دەپ رىتىملىشىپ، كۈچلۈك ئاھاڭدارلىقنى شەكىللەندۈرۈگەن، بۇنىڭ بىلەن شېئىرنىڭ ئوقۇرمەنگە زوق بىرىش قىممىتى تېخىمۇ ئاشقان.
    ئومۇمەن، ئابدۇراخمان شېئىرلىرىدا سۆزلەر بىۋاستە تويغۇنى، قايناق ئىچكى ھىسياتنى خاتىرلەش ئۈچۈن دەل تاللانغان بولۇپ، بۇ خىل سۆز تاللاش ماھارىتى ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى بەدىئىلىك جەھەتتە يۈكسىلىشكە يۈزلەندۈرگەن.
    2. ئابدۇراخمان شېئىرلىرىدىكى شېئىرى مۇھىت
    ئابدۇراخمان شېئىرلىرىدا يۇرۇتۇلغان مۇھىت تىپىك ئويغۇر مۇھىتى. دۇنيا بۇيىچە ئىككىنچى چوڭ قوملۇق باغرىدا ياشاۋاتقان بۇ قەۋىمنىڭ يۇشۇرۇن ئېڭىنى قېزىشتا، ئۇلارنىڭ ياشاش شارائىتىنى مۇھىت كاتوگىرىيسىگە كىرگۈزۈپ تەسىۋىرلەش ئىنتايىن مۇھىم.
    قۇمنىڭ چەكسىز ئىككى پۇتى ئارىسىدىكى
    غايىپ بۇلۇش ئالدىدىكى توغراقلاردەك
    كېچە، ئاي ۋە بىر توپ خەلق
    ( «بىر تۈپ ئاپتاپەرەسنىڭ ھىكايسى» دىن پارچە)
    بىرىنچى مىسرادىكى «قۇم» سۆزى، چەكسىز ئىككى پۇتقا ئىگە قىلىنىپ، بىر مەنزىرە ھاسىل قىلالىدى. «توغراق»، «كېچە»، «ئاي» دىن ئىبارەت بۇ مەنزىرىنىڭ ئىلمىنتلىرى ئۇنى بېيىتتى. كىيىن يەنە، « بىر توپ خەلق» دىيىلىش ئارقىلىق بۇ مۇھىتنىڭ «بىر توپ خەلق» نىڭ مۇھىتى ئىكەنلىكى يۇرۇتۇپ بېرىلدى.
    ئوت كۆيمەكتە ئوچاقتا گۈر-گۈر
    شامال چىقماقتا تالادا غۇر-غۇر
    پىچىقىنى قۇيۇپ بېشىغا
    كېچە بىلەن توي قىلغان ئۇيغۇر
    («يولدا ياتقان يىلان» دىن پارچە)
    بۇ مىسرالاردىن بىز يەنە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قىسمەن تۇرمۇش كارتىنىلىرىنى كۆرۈۋالايمىز. مەسىلەن: پىچاقنى باشقا قويۇپ يېتىش، قورقۇنۇشنى پەسەيتىشنىڭ بىرخىل ئۇسۇلى. ئۇ دىننىڭ ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىغا كۆرسەتكەن بىۋاستە تەسىرىنى بىلدۈرىدۇ.
    ئەلقىسە بىر كۈنى شۇنداق بىركۈنى
    ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىدىكدەك
    قېشى كامان، كىرپىكلىرى ئوق
    كۆزى ئاسمان يۇلتۇزلىرى يوق
    گۈزەل بىر مەلىكىنى كۆرۈپ قالدى
    ئىشقىدا چاراسلاپ كۆيۈپ قالدى ئۇ
    ( «پادىچى ئابدۇراخمان» دىن پارچە)
    ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىدە كۆپ ئۇچرايدىغان مۇشۇ خىل ۋەقەلىكلەر، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاڭ پائالىيەتلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، شېئىردا بۇخىل مۇھىت ئامىلىنى قوللىنىش، چۆچەككە ھېرىسمەن خەلقنىڭ ئىچكى ھىسياتىنى ئىپادىلەشتە مۇھىم ئۇرۇن تۇتىدۇ.
    3. شېئىر يۈكلىگەن مەنە قاتلىمى توغرسىدا
    شېئىر يۈكلىگەن مەنە قاتلىمى شېئىرنىڭ مۇھاپىقىيىتىنى بەلگىلەشتىكى ئەڭ ھالقىلىق ئامىل. بىر شېئىرنىڭ ئۇزۇن مۇددەت ئوقۇرمەننىڭ ئېسىدە ساقلىنىشى شېئىردىكى لىرىك كەيپىيات ۋە شەكىل ئالاھىدىلىكىدىن باشقا، شۇ شېئىر ئۆز ئىچىگە ئالغان مەنە قاتلىمىنىڭ چوڭقۇرلۇقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئابدۇراخماننىڭ « سەھرالىق بالا»، « پادىچى ئابدۇراخمان» قاتارلىق شېئىرلىرى، شېئىر ئۆز ئىچىگە ئالغان لىرىك كەيپىيات، تويغۇغا بېقىنغان ئەركىن شەكىل ئالاھىدىلىكى قاتارلىقلاردىن سىرىت، يۈكلىگەن مەنە قاتلىمىنىڭ چوڭقۇرلۇقى بىلەن ئوقۇرمەنلەر قەلبىدىن ئورۇن ئالالىغان.
    تۆۋەندە بىز ئابدۇراخماننىڭ « سەھرالىق بالا» ناملىق شېئىرىنى ئوقۇپ كۆرەيلى!
    نەيزە بۇيى ئۆرلىمەي بۈگۈن 
    قۇياش يىغلاپ ماڭغاندۇ نەگە 
    نېمە دېگەندۇ دېرىزىلەگە 
    كەتمەن چاپتىم قارا كۈچۈم بىلەن 
    خۇتۇن ئېلىش-ئالالماسلىقىم 
    باغلىق ئاشۇ ئالتە مو يەرگە... 
    بۇ بىر بۆلەكتىكى « قۇياش» بىلەن «مەن» ئارىسىدىكى باغلىنىش ئىنتايىن ئۇستىلىق بىلەن يارىتىلغان. دەسلىپىدە «مەن»، «قۇياش» نىڭ يىغىسىدىن تەشۋىشلەنگەن، چۈنكى، «نىمە دېگەندۇ دېرىزىلەرگە» دىيىلىشنىڭ ئۆزى تەشۋىشلىنىشنىڭ ئىپادىسى. كىيىن يەنە، ئۆزىدە بار ئاخىرقى قارشىلىق كۆرسەتكۈچى، جىسمانىي كۈچ بىلەن قۇياشنىڭ ئىزلەڭگۈلىكىگە كەسكىنلىك بىلەن جەڭ ئېلان قىلغان. بۇنى بىز «كەتمەن چاپتىم قارا كۈچۈم بىلەن / خۇتۇن ئېلىش ئالالماسلىقىم / باغلىق ئاشۇ ئالتە مو يەرگە» دېگەن مىسرالاردىن ئېنىق كۆرۈۋالايمىز. «مەن» پەقەت تەبىئىي ئاپەت (قۇياشنىڭ ئىزلەڭگۈلىكى) بىلەن تىركىشىش ئارقىلىقلا ئاندىن خوتۇن ئېلىش ئارزۇسىغا يېتىشنى ئويلايدۇ.
    ئۇغۇل بالا دېگەن دۇنياغا
    ئۆلۈم ئۈچۈن يارالغان تۇرسا
    ئۇزاققىچە ياشاپ نە قىلاي!
    سەي توغرىغان قىڭرىقىڭ ياكى
    يار يېلىمدەك شۇ مېھرىڭ بىلەن
    ئۆلتۈر مېنى، ئۆلتۈر ئەي ئايال!
    بۇ مىسرالاردا «مەن»، «ئۆلۈم» ۋە «ئايال» ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ماھىرلىق بىلەن يارىتىلغان. يەنى، «مەن»، ئۆزىنىڭ يارىلىشىنى «ئۆلۈم» ئۈچۈن دەپ قارايدۇ. ئايال «مەن» نى  ئۆلتۈرگۈچى. ئۇنداقتا، «مەن» نىڭ، يارىلىشى يەنە ئۆز نۆۋىتىدە «ئايال» ئۈچۈن بولغان بولىدۇ. چۈنكى ئايال مەننى يارىلىش نىشانىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئۆلتۈرۈشى كېرەك. بىراق، بۇيەردىكى ئۆلتۈرۈش «سەي توغرىغان قىڭرىقىڭ ياكى / يار يېلىمدەك شۇ مېھرىڭ بىلەن» بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا، «ئۆلۈم» بىلەن ۋىسال سىمىتىرىك مۇناسىۋەت ھاسىل قىلىپ ئۈستىمۇ- ئۈست چۈشۈپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەن «ئايال» غا ۋىسالىڭغا مېنى يەتكۈز دېگەن خىتاپنى «ئۆلۈم» گە يۇشۇرۇپ ئوتتۇرىغا قويالايدۇ.
    شاختا ئويناپ تۇرغان قۇچقاشلار 
    كۈيلەپ بولدى غېرىپلىقمنى 
    قاچانغىچە خىيال قىلىمەن 
    نامرات تۇرۇپ باينىڭ قىزلىرىنى...

    بۇ مىسرالاردا مۇناسىۋەت ئەمدى  ئىجتىمائىي ئۇرۇنغا كۆچىدۇ. «باي» لىق ۋە «نامرات» لىقتىن ئىبارەت ئىجتىمائىي ئۇرۇن مۇناسىۋىتىدە «مەن» ھامان ئامالىسىزىقىنى ھىس قىلىدۇ. دېمەك بۇ خىل ئىجتىمائىي ئۇرۇننىڭ زىدىيىتى، «مەن» نىڭ چارىسىزلىقى ئارقىلىق ئۆزىنى كۆرسىتەلەيدۇ.
    مەھەلىنىڭ باشلىقى ئەگەر 
    سۈيلەپ قالسا يەر قەرزىنى 
    چاك-چاك يېرىلىپ كەتكەن يەرلىرىم 
    كىرىدىغانغا يەر تاپالماي 
    كىرىۋالسا مېنىڭ ئىچىمگە 
    ۋە بىچارە سۇ خەلقى ئوخشاش 
    ئۇسساپ كەتسە قانداق قىلارمەن...
    مەزكۇر بۆلەكتە «مەن» تىراگىدىيگە دۇچار بولغان. يەرلەر چاك- چاك يېرىلىپ، دەسلىپىدە دىيىلگەن، «مەن» نىڭ «خوتۇن» ئېلىش ئارزۇسى بەرباد بولۇپلا قالماستىن، يەنە يېڭى بىرخىل رەھىمسىز ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت (قەرىزدار ۋە قەرىز سۈيلىگۈچى مۇناسىۋىتى) شەكىللەنگەن. «يەرلەر» نىڭ، «مەن» نىڭ ئىچىگە كىرىۋېلىشى، ھەمدە «سۇ خەلقى» نىڭ «ئۇسساپ كېتىشى»، بۇ تىراگىدىيىنىڭ بىر خەلقنىڭ ئورتاق تىرگىدىيسى ئىكەنلىكىنى ئۆزىگە جەملىيەلىگەن. ئۇنىڭ بىر خەلقنىڭ ئورتاق تىرگىدىيسى بولۇشتىكى ئاساس شۇكى، «ۋە بىچارە سۇ خەلقى ئوخشاش» دېگەن مىسرانىڭ ئىنتايىن ئۇستىلىق بىلەن ئىخچاملانغانلىقىدا.
    ئومۇملاشتۇرغاندا، ئابدۇراخمان بۇ پارچە شېئىرىغا خەلقنىڭ ئورتاق تىرگىدىيىسنى، ئۆز تىرگىدىيسى ئىچىگە قويۇپ، يۇرۇتۇپ بېرەلىگەنلىكى ئۈچۈن مۇھاپىقىيەت قازانغان.
    يۇقىرىدا ئابدۇراخمان شېئىرلىرى ئۈستىدە ئومۇمىي لىنىيىدە تۇرۇپ، تەھلىل ئېلىپ بېرىلدى. يەنە بىر قىسم ئىنچىكە نوقتىلارغا قارىتا ئۇنىڭ كىيىنكى ئىجادىيىتىگە قاراپ داۋاملىق ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىلىدۇ. مەن ئابدۇراخماننىڭ كىيىنكى ئىجادىيىتىدە تېخىمۇ زور ئۇتۇقلارنى قازىنىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن!


    پايدىلانغان مەنبەلەر:
    [url]http://bbs.qoghlan.com/read.php?tid=94[/url]
    [url]http://www.ahbulut.com/bbs/read.php?tid=164[/url]
    [url]http://www.ahbulut.com/bbs/read.php?tid=132[/url]
    [url]http://www.ahbulut.com/bbs/read.php?tid=100[/url]
    [url]http://www.xamal.cn/xamal.asp?id=1255[/url]
    [url]http://www.xamal.cn/xamal.asp?id=1274[/url]
    [url]http://www.xamal.cn/xamal.asp?id=1704[/url]
    [url]http://bbs.qoghlan.com/read.php?tid=146[/url]
    [url]http://bbs.qoghlan.com/read.php?tid=116[/url]
    [url]http://bbs.qoghlan.com/read.php?tid=1467[/url]
    [url]http://bbs.qoghlan.com/read.php?tid=1254[/url]
    [url]http://bbs.qoghlan.com/read.php?tid=1069[/url]
    [url]http://bbs.qoghlan.com/read.php?tid=1080[/url]

     

    مەنبە: چوغلان مۇنبىرى


    收藏到:Del.icio.us