ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • تۈركچە: سەندىن ۋاز كەچمەيمەن

     ھاياتتا ۋاز كىچىپ بولمايدىغان شۇنداق مۇھىم نەرسىلەر باركى، ئۇ ھەتتا ئۆزىمىزدىن ھەم ئۈنۈملۈكتۇر. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىمىزدىن كەچسەك كىچىمىزكى، پەقەت ئۇنىڭدىن كەچمەيمەن. ھاياتتا ئەلۋەتتە كىچىشنى ھەم بىلىدىغان ئادەم بولۇش كېرەك. چۈنكى قىسمەت تەقدىرىمىزنى ئۆزىمىز پۈتۈپ چىقالمايمىز. ئاللاھ، بۇيرىغاننى كۆرمەسكە ئامالىمىز يوق. دېمەك، ئاللاھ بۇيرىغاننى قوبۇل قىلىشنى بىلىش ھەم كېرەك.
    بەزىدە ئويلاپ قالىمەن. نېمىلەردىن كېچىشىم كېرەك؟ نېمىلەردىن كەچمەسلىكىم كېرەك؟! بۇ زادى نېمە؟ شۇنداق، بۇ دەل مۇھەببەت. مېنى ئەڭ كۆپ ئويلاندۇرغان، ئەڭ كۆپ ئىككىلەندۈرگەن نەرسە دەل مۇھەببەت بولدى. قېنى ناخشىغا دىققىتڭىزنى بېرىڭ. سىز نېمىلەردىن كەچتىڭىز؟ نېمىلەردىن كەچمەيسىز؟ نېمىشقا؟!!

  • تۈركچە ناخشا: ئۆلسەممۇ ئايرىلمايمەن يار سەندىن
     
    شۇ قەدەر گۈزەل بىر ئاۋاز بىلەن مۇھەببەت ئۈچۈن ئېيتىلغان بۇ ناخشىنىڭ يۈرىكىڭىزنى تىترەتمەسلىكىگە ئىشەنمەيمەن.

  • مۇھەممەد يۇسۇف (ئۆزبېكىستان):

    سىر

     

    شامالدەك بىقارار شائىر سۆيگۈسى،

    سۆلىتى ـــ ئۇنىڭ بار مالۇ-مۈلكى شۇ.

    ھىجرانىم تارقىتار رەيھان ھىدىنى،

    مېنى تاللىغىنىڭ غەلىتە ئىشقۇ؟!

  •  

    فەرىدە ئەفرۇز:

    بىلدىم

     

     

      

    بەلكى سورۇنلاردا كۈلگىنىم راسىتتۇر،

    گۈل كىيگىنىم، گۈللىگىنىم، گۈل بولغىنىم راسىتتۇر،

    كۈيلىگىنىم، كۆيدۈرگىنىم، كۈل بولغىنىم راسىتتۇر،

    ئەمما سىزسىز ھېچكىممەن، بىلدىم.

  •  

    مۇھەممەد يۇسۇف (ئۆزبېكىستان):

     

    ئانا يىغلار

     

     

     

    كۆڭلۈم قالسا بۇلبۇلدىن ھەم گۈلدىن ھەم،

    قالار بولسام بىر كۈن ئاخىر تىلدىن ھەم،

    ئەگەر بىر زات يىغلىسا چىن دىلدىن ھەم،

    ئانا يىغلار، ئانا يىغلار، ئانا ئۇ.

  • نەۋائى ئىجادىيىتىنىڭ ئىدىيىۋى مەنبىئى ھەققىدە قىسقىچە مۇلاھىزە-2

    ئاپتور: ئابلاجان ئۈمىديار

     

      

      شائىر نەۋائى يەنە ئالەمنىڭ گۈزەللىكى، ئىنسان ئارزۇ-غايىلىرىنىڭ رىئال ھەم مۇقەرەرلىكى، ئەمما پەلەكنىڭ رەھىمىسىزلىكى ھەققىدە ئالاھىدە توختىلىدۇ. ئىنساننى پۈتكۈل ئالەم ۋە ھاياتلىق تۈرلىرىنىڭ مەركىزىدە قويۇپ تونىغان.نەۋائى ئۆز ئەسەرلىرىدە ئىپادىلەنگەن مەرىپەتپەرۋەرلىك، ئادالەتپەرلىك ۋە گۇمانىزم قاتارلىق ئىلغار ۋە تەرەققىيپەرۋەر قاراشلىرىنى سەنئەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى شەكلى ئارقىلىق ئىپادىلەپ ، ئۇلارنى يۈكسەك ئىدىيىۋى چوڭقۇرلۇققا ئىگە قىلالىغان. نەۋائى ئىجادىيىتىدىكى بۇ خىل ئىدىيىۋى يۈكسەكلىك ئۇنىڭ ئىشىق ۋاسىتە قىلىنغان لېرىك غەزەللىرى ۋە ئىپىك ئەسەرلىرىدە تېخىمۇ جانلىق ئىپادىلىنىدۇ.

  • نەۋائى ئىجادىيىتىنىڭ ئىدىيىۋى مەنبىئى ھەققىدە قىسقىچە مۇلاھىزە-1

    ئاپتور: ئابلاجان ئۈمىديار

    مۇھىم مەزمۇنى: ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 15- ئەسىردە ئۆتكەن مەشھۇر مۇتەپەككۇر شائىرى نەۋائى (1441-1501) ئۆزىنىڭ 60 يىللىق ھاياتى ۋە ئىجادىيىتىدە ئەدەبىياتىمىز ئۈچۈن مەڭگۈلۈك ئۆرنەك بولغىدەك يۈكسەك بەدىئىي نەمۇنە ياراتقان. نەۋائى ئەسەرلىرى يۇقىرى بەدىئىي سەۋىيە ۋە يۈكسەك ئىستېتىك قىممەتكە، كۈچلۈك پەلسەپىۋى ئىدىيىۋى ئاساسقا، يۈكسەك دەرىجىدىكى ئۇنىۋېرساللىققا ئىگە. بۇ ماقالىدە، نەۋائى ئىجادىيىتىنىڭ ئىدىيىۋى مەنبىئى ھەققىدە قىسقىچە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلىدۇ.

     

        ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: نەۋائى ئىجادىيىتى ئىدىيىۋى مەنبىئى

  •  

    مەكتۇب

     

     

    سۆيگىنىم، سۆيگىنىم ئاغرىيدۇ دىلىم،

    جېنىم بەك قىينىلار سىزنى ئەسلىسەم.

    گۈلدەك يۈزىڭىزنى سىيلار ئەمدى كىم،

    مېنى ئويلارسىزمۇ-يوقمۇ ئاشۇ دەم؟!

  • ئانا، ئامان بول

     

    ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن

     

    ئانا، سەھەر گۈل تاشلاپ قويۇپ

    كېتىپ قالدىڭ چۈشۈمدىن تېزلا.

    بۈگۈن مەندە ئەڭ ئېسىل نەرسە

    پەقەت سېنىڭ، سېنىڭ ھىدىڭلا.

  • شۋېتسىيە شائىرى توماس2011-يىللىق نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

     

    جۇڭگو ئاخبارات تورى 6 - ئۆكتەبر خەۋىرى: شۋېتسىيە خان جەمەتى پەنلەر ئاكادېمىيىسى شۋېتسىيە شائىرى توماس تىرانسترومېر (Tomas Transtroemerنىڭ 2011 - يىللىق نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىنى ئېيتقان

  • 18-نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»نى تارقىتىش يىغىنى ئېچىلدى

     

     

       18-نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»نى تارقىتىش يىغىنى 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۈرۈمچى «كوئېنلۇن مېھمانسارىيى»دا غەلبىلىك ھالدا ئېچىلدى.

  • يۈر مۇھەببەت، كەتتۇق بۇ يەردىن

     

     

    ئاي يۈزىدىن نۇر ياغدى سىم – سىم،

    يۈر مۇھەببەت، كەتتۇق بۇ يەردىن.

    شېرىن چۈشلەر كۆرسۇن سۆيگىنىم،

    يۈر مۇھەببەت، كەتتۇق بۇ يەردىن.