-
2011-10-22
مۇھەممەد يۇسۇف:ئانا يىغلار - [تۈركىيلەر ئەدەبىياتى]
مۇھەممەد يۇسۇف (ئۆزبېكىستان):
كۆڭلۈم قالسا بۇلبۇلدىن ھەم گۈلدىن ھەم،
قالار بولسام بىر كۈن ئاخىر تىلدىن ھەم،
ئەگەر بىر زات يىغلىسا چىن دىلدىن ھەم،
ئانا يىغلار، ئانا يىغلار، ئانا ئۇ.
سىغماي قالسام شۇنداق كەڭ بۇ جاھانە،
ئاسمانلارغا روھىم بولسا راۋانە،
جانسىز تېنىم ئۈستىدە ھەم پەرۋانە،
ئانا يىغلار، ئانا يىغلار، ئانا ئۇ.
سۇنار بولسا قولۇمدىكى تار، دۇنيا،
ئۈچ كۈن ئۆتمەي ئۇنۇتقاي دوست-يار، دۇنيا،
يەرۇ-كۆكنى تىترىتىپ زار-زار دۇنيا،
ئانا يىغلار، ئانا يىغلار، ئانا ئۇ.
گۈلدەك كۈلۈپ يۈرمەسمىدى ئوغلۇم دەپ،
يېرىم كۆڭلى تولماسمىدى ئوغلۇم دەپ،
«ئاناڭ ئۆلسە بولماسمىدى» ئوغلۇم دەپ،
ئانا يىغلار، ئانا يىغلار، ئانا ئۇ.
شائىرنىڭ «مۇھەممەد يۇسۇف » ناملىق ئۆزبېكچە توپلىمىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى:
مەھمۇدجان خوجا ئۈمىدۋار
«ئەدەبىي تەرجىمىلەر» ژورنىلى 2011-يىللىق 9-سانىدا ئېلان قىلىنغان.