ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-10-23

    فەرىدە ئەفرۇز:بىلدىم - [تۈركىيلەر ئەدەبىياتى]

    فەرىدە ئەفرۇز:

    بىلدىم

     

      

    بەلكى سورۇنلاردا كۈلگىنىم راسىتتۇر،

    گۈل كىيگىنىم، گۈللىگىنىم، گۈل بولغىنىم راسىتتۇر،

    كۈيلىگىنىم، كۆيدۈرگىنىم، كۈل بولغىنىم راسىتتۇر،

    ئەمما سىزسىز ھېچكىممەن، بىلدىم.

     

    ئون گۈلۈمدىن ئون گۈلۈم ئېچىلدى، سولدى،

    ياپراقلىرىم سارغىيىپ چېچىلدى، سولدى،

    ئىشىق دېگەنگە كىپەنلەر پىچىلدى، سولدى،

    ئەسسىز، سىزسىز، ھېچكىممەن، بىلدىم.

     

    بىلدىم، قانائەتنىڭ مەنزىلى خۇدا،

    بىلدىم، سائادەتنىڭ تۈنلىرى زىيا،

    تومۇردا ئىشىق دېگەن ئەلەم ئويغانسا،

    بېشىڭغا بالادۇر، بالادۇر، بىلدىم.

     

    بىلدىم، ئارمانلارنىڭ ئۆمرى ئۇزاقتۇر،

    پايانداز سېلىنغان يوللار توزاقتۇر،

    بىلدىم، خىيانەتنىڭ يولى چىراقتۇر،

    بىلدىم، بوينۇمدىكى مارجان – پىراقتۇر،

    بىلدىم ...

     

    بەلكى سورۇنلاردا كۈلگىنىم راسىتتۇر،

    گۈللىگىنىم، گۈل بولغىنىم راسىتتۇر،

    كۈيلىگىنىم، كۈل بولغىنىم راسىتتۇر،

    ئاسماندا ئاي كەبى تۇل بولغىنىم راسىتتۇر،

    سىزسىز، سىزسىز ھېچكىممەن، بىلدىم...

     

     

    ئۆزبىكچىدىن ئەزىزى ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان.

    «ئاشىق رىۋايىتى» ناملىق توپلامدىن.

    分享到: