chrome-song

خوش، ئالدىنقى بىر چاغدا «WordPressدە يازمىلارغا فىلەش ۋە مۇزىكىلارنى كود ئارقىلىق قىستۇرۇشنىڭ تەدبىرى»نى يوللىغاندىن كېيىن، بەزى بلوگ ئەزىمەتلىرى بۇ ئۇسۇلنىڭ بەزى بلوگلاردا قاملاشمايۋاتقانلىقلىرىنى ئىنكاس قىلىشتى. بەزى بلوگگېرلار ھەتتا بۇ ئىقتىدارنى قىستۇرما ئارقىلىق، ھەتتا پۇلغا قوشتۇرۇۋاتىدۇ. خوش، بۈگۈن ئۇيغۇربەگ سىلەرگە بۇ ئىقتىدارنى قانداق قوشۇشنى بىر ئۆگۈتۈپ قوياي، ئېپى كەلسە سىزمۇ باشقىلارغا پۇلغا قىلىپ بىرەرسىز. ئەمىسە، يازمىنىڭ داۋامىغا مەرھەمەت! پرېستان ئېيتىدۇلەركى : بۇ ئىقتىدارنى ئۆگەنمىگەن بلوگگېر ياخشى بلوگگېر ئەمەس!…

تىزىملىك ئىقتىدارى (Menus) بولسا wordpress نىڭ ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان ئىقتىدارى، بۇ ئارقىلىق سىز ئۆزىڭىز باشلىغۇچى تىزىملىكنى ئىختىيارىڭىزچە قوشالايسىز ياكى ئېلىپ تاشلىيالايسىز. مەلۇم سەھىپىنى، ئىچكى-تاشقى ئۇلانمىنى ياكى مەلۇم بەتنى تىزىملىككە ئۇلاپ قويالايسىز، ئۇسلۇبىڭىزدا بۇنداق ئىقتىدار بولسا سىزگە ئاز بولمىغان قولايلىق ئېلىپ كېلىدۇ، مەسىلەن مەن يېزىپ چىققان Prestan Simple 2 ئۇسلۇبىدا تۇغ ئۈستى ۋە ئاستى ئايرىم-ئايرىم ئىككى خىل تىزىملىك بار. سىز پەقەت تۆۋەندىكى 2 قەدەمنى ئوڭۇشلۇق باسسىڭىز تىزىملىك ئىقتىدارى ئۇسلۇبىڭىزدا پەيدا بولىدۇ.

  • سەھىپە:WP ئۇسلۇبى
  • | باھا:39
  • | زىيارەت: 5,255 قېتىم ئوقۇلدى
  • | ئاپتور: پرېستان
  • | 2012.03.21

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىغا دائىم كېلىپ تۇرىدىغان ياكى ئۇقۇشماي كىرىپ قالغان بلوگداشلار، نورۇز ئۆتكۈزىدىغانلارنىڭ نورۇزىغا مۇبارەك بولسۇن، ئۆتكۈزمەيدىغانلارنىڭ يېڭى كۈنىگە مۇبارەك بولسۇن. بۈگۈن تۇرايىمىزدا شۇنداق بىر ئىش بار، قايسى كۈنى بىرلەشكەن بلوگلار تەشكىلاتىنىڭ تەشۋىقات بۆلۈم مۇدىرى ئۇيغۇربەگ ‹‹Prestan Simple 2.0››ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ئىدى، بۈگۈن كەمىنە توققۇز كۈن ئۇخلىماي، تاماق ئورنىغا سۇ ئىچىپ جاپالىق ئىشلەپ-تەتقىپ قىلىپ ئاخىرى بۇ ئۇسلۇبنى پۈتتۈردۈم. خاتالىقلىرىمۇ ئاساسەن ھەل بولدى، ئۇسلۇبنى ئەينى چاغ ئاكتىپ ئىنكاس يازغانلار بىمالال چۈشۈرسەڭلار بولىدۇ، ئۇ چاغدا خاتالىق كۆرسەتمىگەن بلوگگېرلار مەزكۇر ئۇسلۇبنى چۈشەرگەندە ‹‹پرېستان ئالىيلىرى ياشىغايلا!››دەپ قويغايسىزلەر، ناۋادا زىيادە چارچاپ كېتىپ ئاغرىپ قالسام ئاشۇ شۇئارلىرىڭلارنى ئاڭلاپ بولسىمۇ بالدۇرراق ئەسلىگە كىلىۋالغۇسىمەن، شۇئار توۋلايدىغان جاي مەزكۇر يازمىنىڭ ئاستىدىكى ئىنكاس ئورنىدا، باللا،  ئەمىسە ئۇسلۇبنى چۈشۈرۈشكە قاراپ : ئالغا!....

ئۇزۇن بوپتىكەن، تۇرمۇش خاراكتىدىكى بىر نېمىلەرنى يېزىپ باقمىغىلى. ئالدىنقى قېتىم، ئۆزقانى بلوگىنىڭ ئاتامانى ئۈچۈن Iphone 4Sنى سېتىۋېلىپ كەلگەن ئىدىم. ئەمەلىيەتتىغۇ Iphone 4S ئېلىش ئۇنچىۋالا يوغان ئىشمۇ ئەمەس، شۇنداقلا بۇ خاتىرىنى يېزىشتىكى مەقسىدىم قانداقتۇر بىر ئىشنى كۆز-كۆز قىلىش ئەمەس، بەلكى، مۇشۇ Iphone 4S نامىدىكى تېلىفوننى سېتىۋېلىش جەريانىدا كۆرگەن-ئويلىغانلىرىمنى ئورتاقلىشىپ ئۆتۈشتىن ئىبارەت. شۇنداق قىلىپ، ئازراق كۆپۈك چاچرىتىپ قويغاندىن كېيىن يازمامنى باشلىۋېتەي.

 

140-1

ئەي خالايىق، ئەي ئاۋام خاس، بلوگ ئۇسلۇبىغا زار بولغان، ئۇسلۇب تاپالماي خار بولغان، بلوگلىرى قانغا تولغان ئەزىمەتلەر، ئاڭلىمىدىم دېمەڭلاركى، ئۇسلۇب قاتىلى، تۇرايىمىزدىكى داڭلىق قاسساپ پرېستاننىڭ بىر قوللۇق پىلانلىشى، بلوگ ئىچى-سىرتىدىكى ئۇنسۇرلارنىڭ تىل بۈرۈكتىرىشى بىلەن ياسالغان ئۇسلۇب Prestan Simple رەسىمىي تۈردە يېڭىلاندى. بۇ قېتىملىق يېڭىلىنىشتا ئۆزگىرىشلەر ناھايىتى كۆپ، ئېنىقكى، خاتالىقلارمۇ ناھايىتى كۆپ، ئالدىنقى قېتىم تۇرايىمىزنىڭ ئۇسلۇبىدىكى خاتالىق-يېڭىلىقلىرىنى كۆرسۈتۈپ بەرگەنلەرگە شۇنداقلا بۇ قېتىملىق خاتالىقنى كۆرسۈتۈپ ياكى تېپىشىپ بەرگەنلەرگە مەزكۇر ئۇسلۇب ئالدىدىن سوۋغا قىلىنىدۇ، پۇرسەت غەنىيمەن، شۇ ھامان مەزكۇر جاكارنامىنى ئىجرا قىلىپ ئالتۇن ئۇسلۇبنى قولغا چۈشۈرگەيسىزلەر! بۇ قېتىملىق پائالىيەتنىڭ راستلىقىغا بىرلەشكەن بلوگلار تەشكىلاتى باش نازارەتتە، بىرلەشمىگەن بلوگلار تەشكىلاتى خالىسانە نازارەتتە بولغۇسى! پائالىيەت باشلاندى، خاتالىق تېپىشقا قاراپ ھۇررا!…

خاتالىق تېپىش بېتى :  http://simple.prestan.net

ئىزاھات: خاتالىقلارنى مەلۇم قىلغاندا تور كۆرگۈچ، تور كۆرگۈچنىڭ نەشىرى، ئىشلەتكەن سېستىمىڭىز قاتارلىقلارنى ئۇنۇتماڭ، زۆرۈر بولسا سۆرەتكە تارتىپ prestan@qq.com غا ئەۋەتىپ بىرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز! مەزكۇر ئۇسلۇبدىكى مەسىلىلەر ھەل قىلىنغاندىن كېيىن تارقىتىلغۇسى!

بلوگىڭىزغا تىز سۈرئەتتە بلوگ ئاستىغا چۈشۈش، ئۈستىگە قايتىش ۋە ئىنكاس يېزىش رايۇنىغا بېرىش كونۇپكىسىنى قوشۇپ قويسىڭىز زىيارەتچىلەرگە ئاز بولمىغان قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلەلەيسىز. زىيارەتچىلەر بىرلا بېسىپ بلوگنىڭ ئەڭ ئاستىغا، يەنە بىرلا بېسىپ ئەڭ ئۈستىگە قايتالايدۇ، ئەڭ مۇھىم يازما بېتىدە بىر كونۇپكا بىلەن ئىنكاس رايونىغا بارالايدۇدە سىزنىڭ يازمىڭىزغا ئۈماق باھادىن بىرنى قالدۇرۇپ كېتىپ قالىدۇ، ئۈنىمىنى مەزكۇر بلوگنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن كۆرۈۋېلىڭ، ئۇنداقتا بىز ئىشنى باشلايلى.


بلوگىڭىزدىكى زىيارەتچىلەرنىڭ باھاسىغا سىز جاۋاب قايتۇرسىڭىز، ئاپتوماتلىق ئېلىكترونلۇق خەت ئەۋەتىدۇ، زىيارەتچىلەر بۇ خىل ئىقتىدار ئارقىلىق ئۆزىگە قايتقان جاۋابنى دەل ۋاقتىدا كۆرەلەيدۇ، ھەمدە بلوگىڭىزغا ئاز بولمىغان ئېقىم ئېلىپ كېلىدۇ.

101249A53-6

ئامېرىكا جەڭ فىلىملىرىنى تولا كۆردۈم، جۇڭگو جەڭ فىلىملىرىنى بولسا كۆرمەي دېسەكمۇ كۆرۈشكە مەجبۇر بولدۇق، بەزىدە ئولتۇرۇپ جاھاننى سوراي دەپ قالغان نېمىس ئەسكەرلىرىنىڭ باتۇرلارچە قىلغان جەڭلىرىنى كۆرۈپ، ئامېرىكا فىلىملىگە ھەيران قالدۇق، نېمىشقا ئامېرىكا فىلىملىرىدە دۈشمەنلەرمۇ شۇنداق يامان، شۇنداق باتۇر، نېمىشقا جۇڭگو فىلىملىرىدە ياپۇن ئەسكەرلىرى شۇنداق دۆت، شۇنداق ھاماقەت، شۇنداق كالامپاي دېيىشتۇق. خوش، بۈگۈن يەنە ئامېرىكا جەڭ فىلىملىرى بىلەن جۇڭگو جەڭ فىلىملىرىدىكى باشقا بىر قىسىم پەرقلەرنى ئۆگۈنۈپ ئۆتەيلى، قانچىسىنى سىز بىلىسىزكىن!…


ئۇيغۇربەگنىڭ ئۇسلۇبىنى ئۆزگەرتىش جەريانىدا ئاكتىپ ئىنكاسچىلارنىڭ باش سۈرئىتىنىڭ ئاستىغا دەرىجىسىنى كۆرسىتىدىغان تاياقچە ئورۇنلاشۇرغان ئىدۇق، بىر قانچە دوستلار بۇنداق ئىقتىدارنى قانداق چىقارغانلىقىمىزنى، ئۆزىنىڭمۇ بۇنداق ئىقتىدارنى قوشقۇسىنىڭ بارلىقىنى ئېيىتتى، بۇ يازمىدا مۇشۇ ئىقتىدارنى قوشۇش ھەققىدە توختىلىمەن.

كۆپىنچە مۇنبەرلەردە «سىز كۆرمەكچى بولغان مەزمۇن ئىنكاس يازغاندىن كېيىن كۆرۈنىدۇ» دېگەندەك خەتلەرنى ئۇچرىتىمىز، زىيارەتچىلەر ئىنكاس يېزىپ بولغاندىن كېيىن يۇشۇرۇن مەزمۇن كۆرۈنىدۇ. ئىزدەپ باقسام WordPressكىمۇ شۇنداق ئىقتىدارنى قوشقىلى بولىدىكەن، ئەگەر سىزمۇ شۇنداق ئىقتىدارغا مۇھتاج بولسىڭىز  تۇرايىمىزدىكى «WordPress تە مەلۇم مەزمۇننى ئىنكاس يازغاندىن كېيىن كۆرۈنىدىغان قىلىشنىڭ تەدبىرى»ناملىق يازمىدا ھەممىنى دەۋەتتۇق، ئىشەنمەمسىز، ئەمىسە يازمىغا مەرھەمەت...

192-1

بىلگىنىمىزدەك، بەزەن چاغلاردا بىز بلوگىمىزدا ياكى تور بېكىتىمىزدە مۇشۇ يېقىنقى كۈنلەردە ئەڭ كۆپ كۆرۈلگەن يازمىلارنى چىقىرىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھىس قىلىپ قالىمىز. ھىس قىلىپ قالغانغىلا بولامتى، ئۇنىڭغا تەدبىر ئىشلەش كېرەك. ئۇنىڭ تەدبىرى نەدە؟ ئۇنىڭ تەدبىرى بۈگۈنكى «WordPressدە يېقىنقى 30 كۈن ئىچىدىكى ئاۋات يازمىلارنى چىقىرىشنىڭ تەدبىرى»ناملىق يازمىمىزدا، ئەمىسە، دەرسخانىغا مەرھەمەت…

424-1

خوش، يېقىندىن بۇيان بلوگىڭىزدا ئىنگىلىزچە ئىنكاسلار يېغىپ كەتتىمۇ؟ بەلكىم «يېڭى WordPressچىلەرنىڭ 5 قىززىق ئىشلىرى، سىز قانچىسىنى قىلىپ باقتىڭىز» ناملىق يازمىمىزدا ئېيتىلغاندەك، بۇ ئىنكاسلاردىن ھاياجانلىنىپ ئۇ ئىنكاسلارنى تەستىقلاپ، جاۋاب بېرىپ ئولتۇرۇۋاتامسىز؟ كېيىن قارىسىڭىز بۇ ئەخلەت ئۇچۇرلار كۈنىگە 100 تالدىن، ھەتتا 1000 تالدىن كۆپىيىۋاتقان، سەل بىنورماللىق ھىس قىلىۋاتقىنىڭىزدا تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ، سىزگە كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قىلىۋاتقان، سىز مۇدائىپە كۆرۈشنى ئەمدى باشلاپ، كۈندە ئىنكاس ئۆچۈرۈش بىلەن مەشغۇل بولىۋاتقان، كېيىن ئۆچۈرۈپ بولالماي چارچاپ كېتىۋاتقان، ئاھ، بۇنداق ھالدا بلوگ يازغاندىن بېرىپ ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىغا بېرىپ ئىنكاس يازسامچۇ دەپ چۈشكۈنلىشىپ كېتىۋاتقان... ھىم، قايغۇرماڭ،  بۈگۈن مۇشۇ ئەخلەت ئۇچۇرلار ئۈچۈن «ئاكام سەمەت» قىستۇرمىسى ۋە ئۇنىڭ ئارقىلىق سپەم(ئەخلەت ئۇچۇر)لارنى قەتلىئام قىلىش تاكتىكىسىنى ئۆگۈنۈپ قويغۇلۇق، ماڭا ئىشىنىڭكى، سىزگە ياشاش يولى ھامان بار!…

无觅相关文章插件,快速提升流量