خوش، ئالدىنقى بىر چاغدا «WordPressدە يازمىلارغا فىلەش ۋە مۇزىكىلارنى كود ئارقىلىق قىستۇرۇشنىڭ تەدبىرى»نى يوللىغاندىن كېيىن، بەزى بلوگ ئەزىمەتلىرى بۇ ئۇسۇلنىڭ بەزى بلوگلاردا قاملاشمايۋاتقانلىقلىرىنى ئىنكاس قىلىشتى. بەزى بلوگگېرلار ھەتتا بۇ ئىقتىدارنى قىستۇرما ئارقىلىق، ھەتتا پۇلغا قوشتۇرۇۋاتىدۇ. خوش، بۈگۈن ئۇيغۇربەگ سىلەرگە بۇ ئىقتىدارنى قانداق قوشۇشنى بىر ئۆگۈتۈپ قوياي، ئېپى كەلسە سىزمۇ باشقىلارغا پۇلغا قىلىپ بىرەرسىز. ئەمىسە، يازمىنىڭ داۋامىغا مەرھەمەت! پرېستان ئېيتىدۇلەركى : بۇ ئىقتىدارنى ئۆگەنمىگەن بلوگگېر ياخشى بلوگگېر ئەمەس!…
بىرىنچى خىل قويغۇچ : ئۇيغۇربەگنىڭ كەپىسى شەكلىدىكى قويغۇچ
«ئۇيغۇربەگنىڭ كەپىسى»گە بېرىپ MP3 ناخشىلارنى ئاڭلاپ باققان بلوگگېرلار بىلىشى مۇمكىن، مەندە ئاجايىپ ئۇز قويغۇچتىن بىرى بار بولۇپ ئۈنۈمى تۆۋەندىكىدەك :
بۇنداق قويغۇچنى ئورنىتىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى باسقۇچلارنى بېسىڭ :
1. بۇ يەرنى بېسىپ قويغۇچنىڭ فىلەش ھۆججىتىنى چۈشۈرۈۋېلىڭ ھەمدە ئۇسلۇب فولدېرى(ئۇسلۇبىڭىز بار ھۆججەت قىسقۇچ)غا يۈكلەڭ.
2. تۆۋەندىكى كودنى ئۇسلۇبنىڭ functions.php ھۆججىتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ?> دېگەن كودنىڭ ئۈستىگە قويۇڭ :
function mp3player($atts, $content=null){
extract(shortcode_atts(array("auto"=>'0'),$atts));
return '
}
add_shortcode('mp3','mp3player');
3. يازما يوللىغاندا، يازما تەھرىرلىگۈچىنى HTML تەھرىرلىگۈچى ھالىتىگە ئۆتكۈزۈڭ ھەمدە تۆۋەندىكى كودنى چاپلاڭ :
[m*p3 auto="1" vol="60" ]MP3URL[/m*p3]
ئىزاھات : مەزكۇر كودنى ئىشلەتكەندە، كوددىكى * بەلگىسىنى ئېلىۋېتىشنى ئۇنۇتماڭ. يۇقارقى كوددىكى auto:بولسا مۇزىكا ئاپتوماتىك قويۇلامدۇ (0 ياكى 1)نى بىلدۈرىدۇ.
ئىككىنچى خىل قويغۇچ : كىچىك شەكىلدىكى قويغۇچ
بۇ خىل قويغۇچنىڭ ئۈنۈمى تۆۋەندىكىدەك :
بۇنداق قويغۇچنى ئورنىتىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى باسقۇچلارنى بېسىڭ :
1. بۇ يەرنى بېسىپ قويغۇچنىڭ فىلەش ھۆججىتىنى چۈشۈرۈۋېلىڭ ھەمدە ئۇسلۇب فولدېرى(ئۇسلۇبىڭىز بار ھۆججەت قىسقۇچ)غا يۈكلەڭ.
2. تۆۋەندىكى كودنى ئۇسلۇبنىڭ functions.php ھۆججىتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ?> دېگەن كودنىڭ ئۈستىگە قويۇڭ :
function myplayer($atts, $content=null){
extract(shortcode_atts(array("auto"=>'no',"loop"=>'no'),$atts));
return '
}
add_shortcode('music','myplayer');
ئىزاھات : كوددىكى قىزىل بەلگە ئۇرۇۋەتكەن جايلار قويغۇچنىڭ رەڭگى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئۆزىڭىز تەتقىق قىلىپ باققايسىز.
3. يازما يوللىغاندا، يازما تەھرىرلىگۈچىنى HTML تەھرىرلىگۈچى ھالىتىگە ئۆتكۈزۈڭ ھەمدە تۆۋەندىكى كودنى چاپلاڭ :
[m*usic ]MP3URL[/m*usic]
ئىزاھات : مەزكۇر كودنى ئىشلەتكەندە، كوددىكى * بەلگىسىنى ئېلىۋېتىشنى ئۇنۇتماڭ. يۇقارقى كودلاردىكى MP3URL بولسا MP3 ھۆججىتىڭىزنىڭ ئېنىق ئادرېسى.
خوش، مۇزىكا قويغۇچنى ئورنىتىشنى شۇنداق تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ كەتتۇق، كۆزىمىزمۇ تالدى، مەزكۇر تەدبىردىن ياخشى پايدىلانغان سىزنىڭ ئىنكاس يازماسلىققا قانداق باھانىڭىز بار؟!…
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن
- [كاتتا رېتسىپ]بىرىنچى دەرىجىلىك تورنامى ‹‹.TK››گە ئېرىشىش قوللانمىسى (34)
- [خەققە دەپ قويماڭ ھە!]توردىكى فىلىملەرنى چۈشۈرۈش ئۇسۇلى ئەسلى مۇنداق
- بلوگ ئاپتورىنىڭ Gravatarباش سۆرىتىنى بلوگنىڭ Favicon سۆرىتى قىلىپ بەلگىلەش تەدبىرى (25)
- [ئىجادىي ئۇسلۇبىمىز] يېڭى ئۇسلۇب uzblog1.0 ئېلان قىلىندى! (2)
- ۋېرتىكال ۋە گورىزونتال باشلىغۇچى تىزىملىك ياساش (1)
- بۈگۈن Godaddyدىن تىزىملاتقان تور نامىڭىز مۇقىممۇ؟ (11)
- WordPress ھەققىدە يىللىق خۇلاسە
- [يەرلىك قىستۇرما] WP-beFont – ۋوردپرەس 3.5 نەشىرىگە ئۇيغۇرچە فونت ۋە كىرگۈزگۈچ قىستۇرمىسى (8)
- نېمىشقا سىزنىڭ wordpress بلوگىڭىز E-mail ئەۋەتەلمەيدۇ (3)
- بلوگنى سىپەمدىن قوغداپ قېلىشنىڭ 6 تەدبىرى (2-باب: خاككېر ئېمپىرىيىسى) (3)
- Prestan Simple 3 نەشىرىنى جىددي ياساۋاتىمەن، تەكلىپ پىكىر بارمۇ؟ (27)
- js ئارقىلىق بلوگ ئۈستىگە ئۇچۇر(ئېلان) چىقىرىش (2)