- سەھىپە:ئۇيغۇربەگ تەجرىبىلىرى, بلوگشۇناسلىق تەتقىقاتى
- | باھا:46
- | زىيارەت: 3,795 قېتىم ئوقۇلدى
- | ئاپتور: ئۇيغۇربەگ
- | 2012.06.13
دەرس ۋاقتى ھاڭۋىقىپ ئولتۇرسام، خىيال قۇشلىرىم پەرۋاز قىلىپ بۇنىڭدىن 8 يىل بۇرۇنقى ئاشۇ سەبى، غەمسىز تولۇقسىز ئوتتۇرا ھايات مەزگىلىم ئېسىمگە كەلدى. كېيىن، ئىچكىرىگە ئاتلاندۇق، ئوقۇدۇق، جاپا چەكتۇق، غەم كۆپەيدى. ھەر قېتىم ئىچكىرىدىن يۇرتقا ماڭىدىغان چاغدا، ھەر بىر ۋاگۇننىڭ بېشىدا « سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ئۆلچىمى : سەككىز شەرەپ، سەككىز نومۇس» دېگەن سۆزلەر يېزىلغان تاختايغا كۆزۈم چۈشەتتى، شۇ ھامان دەرس ۋاقتىدىكى خىيال قۇشۇم تۇرايىمىز ئۈچۈن بىر ئىلھام بۈركۈتىگە ئايلاندى، شۇ ھامان مەزكۇر يازمىنى پۈتتۈرۈپ چىقاردىم، كۆرۈپ بېقىڭلار، قوشۇلامدىكەنسىلەركىن؟ قوشۇلمىغانلار ئايىقىڭلارنى ئاتارسىلەر، قوشۇلىدىغانلار چاۋاكلارنى چالارسىلەر، تولۇقلايدىغانلار بولسا ئىلھام قۇشۇڭلارنى قويۇۋەتكەيسىزلەر…