- سەھىپە:ئۇيغۇربەگ تەجرىبىلىرى
- | باھا يوق
- | زىيارەت: 655 قېتىم ئوقۇلدى
- | خەتكۈچ: ، ئۇيغۇربەگ
ئىمتىھان ھەلەكچىلىگىدە يۈرۈپ،ئازراق چارچاپ قالغانلىقىمنى ھىس قىلىپ،ئەزەلدىن كىرىپ باقمىغان بىرقانچە ناخشا-مۇزىكا بېكىتىگە كېرىپ،بىرنەچچە ناخشىنىڭ ئىسمىنى كىرگۈزدۈم.بەزىلىرىنى تاپتىم،بەزىلىرىنى بولسا يوق.شۇنداق قىلىپ،تاپقان ناخشىلىرىمنى چۈشۈرەي دەپ،بېكەت باشلىقى دېگەن <<بۇيەرنى بېسىڭ>>،<<ئېلاننى چەكسىڭىز چۈشىدۇ>>لەرنى چىكىپ سىناپ باققاندىن كېيىن،ئۆزۈمنىڭ ئالدانغانلىقىمنى ھىس قىلىپ،ئاستا خۇرسىنىپ قويدۇم.
ئەمەلىيەتتە بۇنداق ئىشقا تۇنجى يولۇققىنىم ئەمەس.ئالدىنقى مەزگىلدىمۇ،بىرقانچە ناخشا-مۇزىكا بېتىدىكى ناخشىلار قويۇلمىسا ياكى قېتىۋالسا <<ما يەرنى چەكسىڭىز ناخشا نورمال قويۇلىدۇ>> دېسە ئىشىنىپ چىكىپ كېتىپتىكەنمەن.تورغا يېڭى كۆنگەن چاغلىرىمدا،بىر قىسىم يۈك-ناخشا چۈشۈرۈش بېكەتلىرىدە<<بۇيەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ>>دىگەن يەرنى بىرقانچە يەردە ئۇچرىتىپ،بەزىدە يۇمتال چۈشىرىمەن دەپ لۈكچەك يۇمتاللارنى چۈشۈرۈپ قالغىنىم ھەم ئېسىمگە كەچتى.بەزى يۈك چۈشۈرۈش بېكەتلىرى ھەتتا چۈشۈرۈش دىگەن ئۇلانمىنى ئېلانلار ئىچىگە تىقىۋەتكەن بولغاچقا،ئىزدەپ تېپىشمۇ خېلى قېيىنغا توختىغانىدى.
ھەر بىر بېكەتنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق قىممىتى،ئۆزىگە چۇشلۇق خاسلىقى بار.ئاشۇ بېكەتلەر ئۆزىگە خاس زىيارەتچىلىرى بار.ئەلۋەتتە،يۇقارقى ئەھۋاللاردا توربېكەت ئىگىسى بەلكىم ئاشۇ چىكىلگەن تور ئېلانى ئارقىلىق پۇل تېپىشنى مەقسەت قىلغان.ئەمما،نېمە ئۈچۈن زىيارەتچىلىرىمىزنى ئالدايمىز؟بۇنىڭ ئورنى بارمۇ؟
مەن ئېلان قويۇشقا قارشى ئەمەس.بەزىدە بېكەتلەرگە بېرىلگەن ئېلانلاردىن ئاجايىب تەسىراتلارغا ئىگە بولىمەن.ئۆزۈممۇ ماڭا بەپ بەردى دەپ ئويلاۋاتقان بىر قىسىم بېكەتلەرنىڭ ئېلانىنى كۈندە دىگۈدەك چىكىپ تۇرىمەن.ئەمما،ئېلان چەككىنىمدە جەزمەن بېكەتنىڭ مەزمۇنىغا قاراپ چىكىمەن.خۇددىي نۇرقۇت تورىدا يازغان بىر ئىنكاسىمدەك <<نۇرقۇتنىڭ ئېلانلىرىنى بەزى كۈنلىرى چەككۈم كەلمەيدۇ>>.ئەمما،بېكەت ئاتامانىنىڭ پۇلغا دۈم چۈشۈپ بېكەت مەزمۇنىدىن ئېلان مەزمۇنىنى جېق قىلىۋېلىشىنى،زىيارەتچىلەرنى ئالداپ ئېلان چەككۈزۈشىنى قەتئىي خالىمايمەن.
مەن دائىملىق كىرىپ تۇرىدىغان بىرقانچە بېكەتلەر بار،مەزمۇنىنىڭ سەرخىللىقىغا باقماي،ئېلاننى كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان ھالەتتە تىقىۋەتكەن،شۇ ئېلانلارنى مەن تېپىپ تۇرۇپ چىكىمەن.بەزى بېكەتلەر بار،ئېلاننى يازمىلار بىلەن بىرىكتۈرۈۋەتكەن(يەنى،يازمىلار بىلەن ئېلان مەزمۇنى شۇنداق ياخشى جىپسىلىشىپ كەتكەن)،بۇ ئېلانلارنىمۇ ئۆزۈممۇ بىلمەي چىكىپ قالىمەنيۇ،ئەمما چەككىنىمگە رازى بولۇپ كېتىمەن…
گەپنىڭ خۇلاسىسى،زىيارەتچىلەرنى ئالدىمىساق!…
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن
- [ ئىجادىيەتلىرىمدىن] ئۆزىنى يۇتۇۋېتىش
- [ئويلىنىش]Pjblog4 دەۋرىگە قاچان كىرەرمىز؟ (1)
- [ ئاجايىباتلاردىن ] سىز بىلمەيدىغان 10 جاھاننامىنى تېپىپ چىقتىم،ماڭا ئىشىنەمسىز؟ (21)
- مۇنبىرىمىزنى www.blogdax.com ئارقىلىق زىيارەت قىلىڭ! (13)
- كېلىڭلار ئەزىمەتلەر، WordPress بلوگىمىزغا MP3 قويغۇچنى بىكالىق ھەمدە قىستۇرمىسىز ئورنىتىۋالايلى! (26)
- ئېسىل بولغان 25 دانە iPad پروگراممىسى تەمىنلەش بېكىتىنىڭ لايىھەلىرى
- Prestan Simple 2 ئۇسلۇبىنى يېڭى ئىشلەتكۈچىلەر بىر قىسىم تەڭشەشكە تېگىشلىك جايلار (18)