Prestan Simple 2 ئۇسلۇبىنى يېڭى ئىشلەتكۈچىلەر بىر قىسىم تەڭشەشكە تېگىشلىك جايلار


بۇرۇن باشقا ئۇسلۇب ئىشلىتىپ، يېڭىدىن Prestan Simple 2 ئۇسلۇبىنى قاچىلاپ ئىشلەتكەن دوستلار ماڭا ئۇسلۇبنى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن مۇنداق بىر قانچە جاينىڭ نورمال سىز ئىكەنلىكىنى ئېيتتى، مەن تۆۋەندە قانداق ھەل قىلىش ھەققىدە تەپسىلى توختىلىپ ئۆتەي.

1. باشبەتتىكى كىچىك رەسىم نورمال بولماسلىق

بۇ مەسىلىنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى: سىز بۇرۇن ئىشلەتكەن ئۇسلۇبدا مۇشۇنداق كىچىك رەسىم كېسىش ئىقتىدارى بولغان بولسا، رەسىم رازمېرنى Prestan Simple 2 ئۇسلۇبىنىڭ رازمېردىن چوڭ ياكى كىچىك كېسىپ قويغان بولىشى مۇمكىن. بۇندىن باشقا يەنە بىر سەۋەب سىز ئاراق سۇپىدىن كىرىپ تەڭشەكلەرنىڭ ئىچىدىكى مېدىيا تۈرىنى بېسىپ ئېچىپ بېقىڭ. «سۈرەت رازمېرى» تۈرىنىڭ «كىچىك كۆرۈنۈش رازمېرى» قانچىگە تەڭشەلگەن ئىكەن، سىز ئۇنىڭ مەزكۇر ئۇسلۇبنىڭ كىچىك رەسىم رازمېرى ئۈچۈن ئېگىزلىكى 100، كەڭلىكىنى 140 دېگەن سانغا ئالماشتۇرسىڭىز بولىدۇ، باشقىچە تەڭشەك بولسا يۇقىرىقىدەك خاتالىق كۆرۈنىدۇ. ئەگەر سىز تېخىمۇ بىخەتەر بولسۇن دېسىڭىز ئۇسلۇب ھۆججىتىنىڭ ئىچىدىكى style.css نى ئېچىپ تۆۋەندىكى كودنى ئىزدەپ تېپىڭ.

.thumbnail img{position:absolute;z-index:3;}

يۇقۇردىكى كودنى تۆۋەندىكى كودقا ئالماشتۇرۇپ قويسڭىز بولىدۇ.

.thumbnail img{position:absolute;z-index:3;height:100px; width:140px;}

2. يازما زىيارەت سانىدا views دېگەن ئىنگىلىزچە خەت كۆرۈنۈپ قېلىش

بۇ مەسىلىنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى: سىز قاچىلىغان WP-PostViews قىستۇرمىسىنى تېخى تۇلۇق تەڭشەپ بولالماپسىز. سىز ئارقا سۇپىدىن كىرىپ تەڭشەكلەرنىڭ ئىچىدىكى PostViews تۈرىنى بېسىپ ئېچىڭ، تەڭشەك رايونىدىن Views Template تۈرىدىكى كودنى تۆۋەندىكى كودقا ئالماشتۇرۇڭ.

زىيارەت:%VIEW_COUNT% قېتىم

Most Viewed Template تۈرىدىكى كودنى تۆۋەندىكى كودقا ئالماشتۇرۇڭ.

  • href="%POST_URL%"  title="%POST_TITLE%">%POST_TITLE% - %VIEW_COUNT% قېتىم
  • ئۆزگەرتىپ بولۇپ ساقلاپ چىقىپ كەتسىڭىز بولىدۇ.

    3. يازما ئارىسىدا سۈرەتلىك فىلىم بولسا باشبەتتە كۆرۈنۈپ قېلىش

    بۇ مەسىلىنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى: سىز يازما يازغاندا ھەر بىر يازمىغا «تۇلۇق ئوقۇش بەلگىسى» نى قىستۇرۇپ ماڭمىغانلىقتىن كېلىپ چىققان. مەسلەن، سىز ماقالىنى يېزىپ مەلۇم ئورۇنغا كەلگەندە يازما يېزىش رايونىدىكى قورال ئىستونىدىن «تۇلۇق ئوقۇش بەلگىسى(more)» نى بېسىپ قويسىڭىز مۇشۇ قىسىم باشبەتتە ئۈزۈپ ئېلىنىدۇ. سىز بۇرۇندىن ئۇنداق «تۇلۇق ئوقۇش بەلگىسى(more)» نى قويۇپ ئادەتلەنمىگەن بولسىڭىز، قورقۇپ كەتمەڭ، مەزكۇر ئۇسلۇبنىڭ «تۇلۇق ئوقۇش بەلگىسى(more)» قويۇلمىغان ئەھۋال ئاستىدا يازمىڭىزنىڭ باشلىنىشىدىكى 300 خەتنى ئاپتوماتلىق كېسىپ ئېلىپ باشبەتتە كۆرسىتىش ئىقتىدارى بار. ئەمما دوستلارغا تەۋسىيە قىلىدىغىنىم يەنىلا «تۇلۇق ئوقۇش بەلگىسى(more)» نى يازمىغا قىستۇرۇپ مېڭىش.
    ئەسلى گەپكە كەلسەك، سىز قىستۇرغان فىلىم كودىنى مەزكۇر ئۇسلۇب خەت دەپ قاراپ باشبەتتە كۆرسىتىپ سالغان، ئۇنداقتا بۇنى قانداق ئوڭشايمىز؟ بۇنىڭمۇ ئامالى بار، بىز پەقەت تۆۋەندىكى css كودىنى style.css نىڭ ئەڭ ئاستىغا چاپلاپ قويساق، باشبەت يازما رايونىدا فىلىم كۆرۈلمەيدۇ.

    .entry_post object{display:none}

    تامام. يەنە قانداق خاتالىق بولسا قالدۇرۇڭلار، بىللە ھەل قىلىمىز.



    无觅相关文章插件,快速提升流量

    
    18 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...
    • مەن قاچىلىسام ھېچنىمە چىقمىدى :cry:

    • kaliptax | 2012.03.30 جاۋاب

      http://uytv.tk/ كىرىپ كۈرۈپ باقسىڭىز مەنمۇ قاچىلىغان بېشىدا بەك چىرايلىق تۇيۇلغان ماڭا بىراق ھازىر يەنى بىر كۈندىلا ھەتتا باشقۇرۇش سۇپۇسىغىمۇ كىرگىلى بولمايۋاتىدۇ بىلوگ بولسا ئۆزىڭىز كۇرۇپ بېكىڭ http://uytv.tk/ مانا مۇشۇنداق :cry:

      • پرېستان | 2012.03.31

        نېمىنىڭ باش سۇپىسىغا كىرگىلى بولمىدى؟ مەقسىتىڭىزنى ئېنىق چۈشىنەلمىدىم.

      • ئۇيغۇربەگ | 2012.04.1

        نېمە بولغاندۇ؟ ئۇسلۇبنى يۇيۇۋېتىپ، كېرەكسىز قىستۇرمىلارنى ئۆچۈرۈپ ياكى توختۇتۇپ قويۇپ قايتا قاچىلاپ باقامسىز؟

    • يانتۇ تەكشىلىك | 2012.03.30 جاۋاب

      ئەسسالسممۇ ئەلەيكۇم پىرىستان ئەپەندى، بۇ ئۇسلۇبنىڭ خىتىنى سەل چوڭايتىشنى ،تېخىمۇ ئىنىق چىقىرىشنى ئوۇلىدىڭىزمۇ؟ خەت بەك كىچىك، كىرمجاندىمۇ خەتلەر ئۈزلۈپ چىقىۋالىدۇ. سۇئال: قانداق قىلىپ ئەڭ ئۈستىدىكى باش بەت، بىلوگ ھەققىدە دىگەن سەھىپىلەرنى يېڭى بەتتە ئاچىدىغان قىلمىز؟

      • پرېستان | 2012.03.31

        خەتنى يوغان قىلىمەن دېسىڭىز، style.css نىڭ ئىچىدىكى font-size:…px; دېگەن يەردىكى … نىڭ ئورنىغا چوڭرارقساننى ئالماشتۇرۇپ بېقىڭ. يېڭى بەتتە ئېچىش ئۈچۈن مەن ئويلىنىپ باقاي.

      • پۇرسەت | 2012.03.31

        مەن ھەممىنى15px قىلىپ تەڭشەپ قويدىم،ىېلى يامان ئەمەس كۆرىنىۋاتىدۇ

    • ئۇگەن | 2012.03.31 جاۋاب

      مەنمۇ بۇ ئۇسلۇپنى ئىشلىتىۋاتمەن .نورمال ئىشلىەۋاتىدۇ بەك يقتۇرۇپ قالدىم بۇ ئۇسلۇپنى :razz:

    • ئۇگەن | 2012.03.31 جاۋاب

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇيغۇر بەگ ماڭا بىر ياردەم قىلغان بولسىڭىز بلوگىمنىڭ كىرىش ،تىزىملىتىشتىن ئارقا بەتكە ئۆرنى يەنىلا خەنزۇچە تۇرىدۇ بۇنى قانداق ئۇيغۇرچۇلاشتۇرىمىز .مەسلەن ئۇيغۇرچىلاشتۇرساقمۇ قايسى ئورۇنغا قويىمىز؟ بىر ياردەم قىلغان بولسىڭىز :?:

      • ئۇيغۇربەگ | 2012.04.1

        ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، سىز قايسى سۇپىدا ئىشلىتىۋاتىسىز بۇ ئوقەتنى؟

    • ئۇدۇن | 2012.04.1 جاۋاب

      IE9 دا يان سېتون ئارىلىقى بەك قىستاڭ بولۇپ قاپتىكەن ، ئاشۇنى پرېستانغا دەيمەن دەپ ئۇنتۇپ قاپتىكەنمەن ، بولسا مۇشۇنى ئوڭشاپ باقسىڭىز!

    • ئۇگەن | 2012.04.1 جاۋاب

      مەن پىرىستان تارقاتقان Prestan Simple 2نى ئىشلىتۋاتىمەن .تور بەت بوشلۇقى ھەقسىز بوشلۇق
      主机屋تارقاتقان بوشلۇقىنى ئىشلىتىۋاتقان ئاراقا بەتكە كىرىش ئورننى يەنى (ئابۇنىت نامى ،پارۇل ،)دىەەندەك ئورۇننى قانداق ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشنى ئۇقالماي قالدىم .

      • ئۇيغۇربەگ | 2012.04.1

        ناۋادا سىز ئۇيغۇرچە wordpressنى قاچىلىغان بولسىڭىز ئارقا سۇپا ئەزەلدىن ئۇيغۇرچە كۆرۈنۈشى كېرەك ئىدىغۇ؟

    • ئەركە | 2012.04.1 جاۋاب

      مەن قاچىلىسام بەت ئۈستىدىكى كاتېگورىيە دىگەنلار يوق بولۇپ بەت تىزىملىكى پەيدا بوپ قاپتۇ، بۇنداق ئەھۋالدا بلوگ پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ كىتىدىكەن. بۇنى قانداق ئوڭشايمىز…؟ لېكىنزە چىرايلىق ئۇسلۇبكەن بۇ. ئاندىن يۇقىرىدا دىيىلگەن بەت يۈزىدىكى رەسىم نورمال بولماسلىق مەسىلىسىدە مىنىڭكىدە بۇرۇنقى رەسىم كىچىك تۈگۈل پەقەت چىقمىدى، بۇ قانداق ئىش..؟ بۇنى قانداق ئوڭشايمىز..؟ :sad:

      • پرېستان | 2012.04.2

        كىچك رەسىمنىڭ قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى بىلمىدىم، ئەمما ئۈستى تىزىملىكنىڭ گېپى ئۇسلۇب تارقاتقاندىكى فىلىمدا بار.
        http://www.uyghurbeg.net/3157.html

    • مېنىڭ بلوگىمدا ئى سىلىنىڭكىدەك ئىنكاس يازىدىغان رايۇندىكى تەخەللۇس، ئېلخەت، تور ئادرېس دېگەندەكلەر ؟؟؟؟ چىقىۋاپتۇ…قايدا قىلسام بولۇركىن – تاڭ…

      • ئۇيغۇربەگ | 2012.04.4

        بلوگلىرىنى كۆرۈپ باقاي دېسەممۇ ئېچىلمىدى!

    • ئىلىمخۇمار | 2013.02.9 جاۋاب

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇيغۇر بەگ ياخشىمۇ سىز ؟ …
      مەن بىلوگىمغا مۇشۇ ئۇسلۇبنى ئىشلەتكەن ئىدىم. يازمىنى تولۇق ئوقۇش بەلگىسى بىلەن ئايرىغاندا، ئايرىلغان بۆلەكتە رەسىم ھۆججىتى بولۇپ قالسا بۇ رەسىم باش بەتتە كۆرۈلمەيدىكەن. بۇنى قايسى ئورۇندىن تەڭشەيمىز؟
      يەنە بىر مەسىلە، يازما يازغان ۋاقىتتا خەتنىڭ رازمېرىنى تەھرىرلىگۈچنىڭ ئۆزىدە تەڭشىسەم، كۆڭۈلدىكىدەك تەڭشىگىلى بولمايدىكەن. بۇنىڭغا باشقا ئامال بارمۇ ؟

    باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)

    
    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif