سىزنىڭ ئورنىڭىز: ئاپتورلار بېتى

shireli-threes-champion_01

CBA كۆرۋاتقىلى ئاز كەمىدە 5 يىل بوپتۇ، بۇنداق دېسەم نۇرغۇن دوستلار CBA مۇ كۆرۈپ يۈرەمسەن، NBA پەيزى تۇرسا دېيىشى ئېنىق، ئەمما NBA دە بىز ئۇيغۇرلارنىڭ توپچىلىرى يوقدە؟ نېمىسىنى كۆرىمەن؟ كىمگە مەدەت بېرىمەن؟ ھېلىمۇ ئىسىمدە، ئالىي مەكتەپنىڭ 1-يىللىقىغۇ دەيمەن، ياتاقتا زىرىكىپ ئولتۇرپ تېلىۋېزور كۆرۈپ ئولتۇرسام (1-يىللىقتا كومپىيۇتېر ئىشلەتكىلى قويمايتى) CCTV-5 تە CBA قويغىلى تۇرۇپتۇ، كۆزۈم توپچىلارنىڭ ئارىسىدىن بىرسىگە چۈشۈپ قالدى، قارىسام مۇرات ئىكەن، زاپاس ئەزالار رايونىدا مەۋلانمۇ تۇراتتى. بۇ چاغدىكى ھېسسىيات ئىشقىلىپ بېلەكچىلا، ھاياجان... ئۇيغۇر توپچىلارمۇ بار ئىكەن؟ دەپ ھەيران قالدىم، شۇنىڭدىن كېيىن مەن CBA كۆرۈشكە قىزىقىپ كەتتىم، ھەتتا بىلىپ بىلمەي شىنجاڭ ئۇچار يولۋاس كوماندىسىنىڭ مەستانىسىغا ئايلىنىپ قالغان ئىدىم. كېيىنچە بۇ كوماندىدا شىنجاڭلىق ئاز سانلىق توپچىلارنىڭ سىماسى كۆپىيىشكە باشلىغان ئىدىن، بۇلۇپمۇ ھازىر تازا داڭ چىقىرۋاتقان شىرئەلىجان ئۇندىن باشقا ماكەن(خەنچە 克兰别克马坎 دەيدىكەن) ۋە مەردانلار. تۇلۇق ئوقۇش »

wp-aptor_01بەزىدە بلوگىمىزدىكى يازمىلارغا يازمىنىپ ئاپتورى ھەققىدە ئازراق ئىزاھات بېرىش زۆرۈر بولۇپ قالىدۇ، بولۇپمۇ ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىدەك كۆپ ئاپتورلۇق بلوگلاردا بۇ ئىشنىڭ تەقەززاسى تېخىمۇ كۈچلۈك. ئۆزۈمنىڭ ئىجادىي ئۇسلۇبلىرىدا مەن كەڭ بلوگداشلارنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن يازمىدا ئاپتور ئۇچۇرى چىقىپ تۇرىدىغان ئىقتىدارنى قوشقان ھەمدە تۇرايىمىزدا بۇرۇن «wordpress دا يازما ئاستىغا ئاپتورنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىنى قوشۇش ئۇسۇلى» ناملىق يازما ئېلان قىلىپ بۇ تېخنىكىنى كەڭ بلوگداشلارغا تونۇشتۇرغان. ئەمما، كود بىلەن ھەل بولىدىغان بۇ تېخنىكىنىڭ قېيىنلىق دەرىجىسى سەل يۇقىرى بولغاچقا، بىر قىسىم يېڭى بلوگداشلارغا قولايسىزلىق ئېلىپ كەلگەن ئىدى. نەچچە كۈنلۈك ئىزدىنىش ئارقىلىق بۇ تېخنىكىنى ئىجادىي قىستۇرمام Wp-Aptor ئارقىلىق ھەل قىلدىم. يەنى، Wp-Aptor قىستۇرمىسى ئارقىلىق يازمىلاردا ئاپتورنىڭ قىسقىچە تەرجىماھالىنى كۆرسۈتۈش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ!... تۇلۇق ئوقۇش »


بلوگىمنى wordpress 3.5.1 نىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسغا يېڭىلىغاندىن كېيىن «ئۇلانما باشقۇرغۇچ» نىڭ يوق ئىكەنلىكىنى بايقىدىم، wordpress نىڭ ئۇيغۇرچە ئورگان تورىغا قاراپ باقسا، بۇ قېتىمقى نەشرىدە «ئۇلانما باشقۇرغۇچ» نىڭ چىقىرىپ تاشلانغانلىقى ئېيتىلىپتۇ، ئۇنداقتا دوستانە ئۇلىنىشنى قانداق قاتىمىز؟ بۇنىڭ ئىشىمۇ ئاسان ئىكەن، ئورگان تەرەپ تەمىنلىگەن «Link Manager» قىستۇرمىنى (ئاپتورى: wordpress) قاچىلاش ئارقىلىق ئۇلىنىش قۇشۇش مەقسىتىمىزگە يېتەلەيدىكەنمىز. باشقۇرۇش تاختىسىدىن (بۇرۇن باشقۇرۇش بېتى دەيدىغان، ھازىر باشقۇرۇش تاختىسى دەيدىكەنمىز ) قىستۇرمىنى ئىزدەپ قاچىلاپ قويساقلا ئىش تامام.

ئۇسلۇب تېخى تۇلۇق پۈتمىگەن بولسىمۇ دوستلارنىڭ تەلىپى بويىچە بۈگۈن سىناق نۇسخىسىنى يوللاپ تۇردۇم، ھازىرغىچە مەن سىناشقا ئىشلەتكەن توركۆرگىلەرنىڭ (Chorome, Firefox, IE8) ھەممىسىدە ئاساسەن نورمال. رەسمى نۇسخىسى ئېلان قىلىنغىچە دوستلار بەھۇزۇر چۈشۈرۈپ ئىشلەتسەڭلار بولىدۇ. سىناق نۇسخىسىنى ئىشلىتىش جەريانىدا يولۇققان خاتالىقلارنى رەسىمگە تارتىۋېلىپ prestan@qq.com غا يوللاپ قويساڭلار، ئۇندىن باشقا پىكىر تەلەپ بولسا مەزكۇر يازمىنىڭ ئاستىغا ئىنكاس شەكلىدە يېزىپ قويساڭلار بولىدۇ. تۇلۇق ئوقۇش »


تورداشلار دائىم مەندىن تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە سۇئالنى سورايدۇ:

  • نېمىشقا wordpress قا تىزىملاتسام، بلوگىم ماڭا E-mail ئېۋەتمەيدۇ؟
  • نېمىشقا مۇناسىۋەتلىك قىستۇرمىلارنى قاچىلىغان بولساممۇ، ئىنكاس يازغانلارغا جاۋاب يازسام E-mail ئېۋەتمەيدۇ؟ تۇلۇق ئوقۇش »

WXRsplit يۇمشاق دېتالى بولسا مەخسۇس XML نى پارچىلاش ئىقتىدارىغا ئېگە بولۇپ، سزGg سىغىمى چوڭ بولغان xml ھۆججەتلىرىڭىزنى كۆڭۈلدىكىدەك پارچىلاپ بېرىدۇ؟ سىز بەلكىم wordpress نىڭ ئىمپورتلاش-ئىكىسپورتلاش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ بلوگىڭىزنى زاپاسلاپ ماڭغان ياكى ئەسلىگە كەلتۈرگەن بولىشىڭىز مۇمكىن، پەزىدە ئىمپورتلاش جەريانىدا xml ھۆججىتى چوڭ بولۇپ كەتسە مۇۋاپىقىيەتلىك ئىمپورتلانمايدۇ، دەل شۇنداق ۋاقىتلاردا بىز WXRsplit يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق xml نى خالىغانچە پارچىلاش مەقسىتىمىزگە يېتىمىز. تۇلۇق ئوقۇش »

ماۋزونى ئوقۇپ بولۇپ بۇ «قانداق گەپتۇ» دەپ ئويلاپ قالغان بولۇشۇڭلار مۇمكىن، بىراق دوستلارنىڭ ئۈنۈمنى كۆرگەندىن كېيىن چوقۇم ھېس قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. مەزكۇر بلوگنىڭ ئۈستى تەرىپىدە ئىزدەش input رامكىسى بولۇپ، ماۋۇسنى رامكىغا ئېلىپ كېلىشتىن بۇرۇن ئۈستىدە «ئىزدەش» دېگەن خەت كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، ئەمما ماۋۇسنى ئۈستىگە ئېلىپ كېلىپ تۇنجى ھەرىپنى يازغاندا «ئىزدەش» دېگەن خەت كۆرۈنمەيدۇ دە سىز يازماقچى بولغان خېتىڭىزنى يازىسىز، ئەمما بۈگۈن سۆزلىمەكچى بولغان input ئىزدەش رامكىسىغا ماۋۇسنى ئېلىپ كېلىپ بىرنى چەكسىڭىز خەت يېزىشىڭىزنى ساقلاپ تۇرمايلا سۈكۈتتىكى خەت كۆرۈنمەيدۇ، ئەلۋەتتە بۈگۈن كەينىدىكى ئۈنۈمنى سۆزلەيمىز. تۇلۇق ئوقۇش »

  • سەھىپە:WP ئۇسلۇبى
  • | باھا:27
  • | زىيارەت: 2,722 قېتىم ئوقۇلدى
  • | ئاپتور: پرېستان
  • | 2012.12.10

Prestan_simple_3_pro

 

ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كود بىلەن خوشلاشتىم دەپ ئويلىغان ئىدىم، يېقىندىن بۇيان كود بىلەن قايتىدىن دوست بولۇپ، پات-پات كود يېزىپ باقىدىغان بولدۇم. شۇنىڭ بىلەن كاللامغا مۇشۇ كونا كەسپىم ئۇسلۇبچىلىقنى بىر قولغا ئېلىپ باقاي، نېمىلەرنى قىلالايمەنكى دەپ دەپتەرنى قولۇمغا ئالدىم، ھەقىقەتەن ئۇنتۇپ كېتىپتىمەن جۇمۇ! مەشىق ئورنىغا شۇ تاپ Prestan Simple 3 نەشىرىنى جىددي ياساۋاتىمەن…

تۇلۇق ئوقۇش »

يېقىندا بلوگغا كىرگەن دوستلار ئۈستى تەرەپتىكى 10 نادىر بلوگقا بېلەت تاشلاش ئۇچۇرىنى كۆرگەن بولۇشۇڭلار مۇمكىن، بىر قانچە كۈندىن بۇيان دوستلار قانداق چىقارغانلىقىمنى سوراپ قالدى، مەن چىقىرىش ئۇسۇلىنى تۆۋەندە سۆزلەپ ئۆتەي، قۇلى قىچىشىدىغان بلوگىر دوستلار بولسا سىناپ باقارسىلەر. تۇلۇق ئوقۇش »

بەزىدە مۇلۇم مەزمۇننى پەقەت 1-بەتتىلا ياكى باشبەتتە كۆرسىتىشكە ئېھتىياجلىق بولۇپ قالىمىز. بۇ يەردىكى باشبەت دېگىنىمىز 1-بەت، 2-بەت، 3-بەت.....-بەت لەرنى كۆرسىتىدۇ، يەنى index بېتى، باشبەتتىكى مەلۇم يازمىنى تېمىسىنى چەككەندە ئېچىلغان بەت بولسا single بېتى. شۇنداق قىلىپ باشبەت بىلەن 1-بەتنىڭ پەرقىنى بىلىپ بولدۇق. ئۇنداقتا بىز باشبەتتە ياكى 1-بەتتە ئايرىم-ئايرىم كۆرسەتمەكچى بولساق تۆۋەندىكىدەك قىلىمىز. تۇلۇق ئوقۇش »

پرېستان بلوگىنىڭ سول ئۈستى تەرىپىدىكى Admin دېگەن خەتنى كۆردۈڭلارمىكىن، ئەگەر ئېھتىياتسىزلىقتىن بېسىپ قويغان بولسىڭىز ئەنسىرەپ كەتمەڭ، ئۇ دەل بۈگۈن مەن سۆزلىمەكچى بولغان باشبەتتە تۇرۇپ بلوگ باشقۇرۇش سۇپىسىغان كىرش رايونى. خېلە كۈنلەرنىڭ ئالدىدا «jQuery ئارقىلىق سەكراپ چىقىدىغان رامكا ياساش» ناملىق يازمامدا مۇشۇ ھەقتە ئازراق چۈشەنچە بەرگەن، ئەگەر قىززىققۇچىلار بولسا ئېچىپ كۆرۈپ باقساڭلار بولىدۇ. تۇلۇق ئوقۇش »

ئۇيغۇربەگنىڭ نامىدا يازما يوللاۋەرسەم پرېستان يوقاپ كەتتى دەپ يۈرۈپسىلەر، بۈگۈن ئۆز نامىمدا بىر يازما يوللاپ سىلەرنى بىر چۆچۈتۈپ قۇياي دەپ قالدىم، ھاھاھاھا... بىر قانچە كۈننىڭ ئالدىدا بلوگىمغا كىرىش ئۈچۈن قوللانچى نامىم ۋە پارولىمنى كىرگۈزسەم باشقۇرۇش بىتىگە ھىچ ئۆتىدىغاندەك ئەمەس، مەن تېخى تور سۈرئىتىنىڭ ئىشى ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ، كارىمنى قىلىپ باشقا ئىش قىلىپ يۈرۈپتىمەن، بۈگۈن يەنە بىر سىناپ باقاي دەپ پارول ۋە نامنى توغرا كىرگۈزپ ENTER نى چەكسەم لاپپىدە قىلىپ يەنە شۇ قوللانچى نامى ۋە پارول كىرگۈزۈش بېتىدە تۈرىدۇ، قايتا-قايتا سىناپ باقتىم، cookie تازلاپ باقتىم يەنىلا ئوخشاش، google دىن ئىزدەپ باقسام بۇنىڭمۇ ئامالى چىقىپ قالدى، دوستلارمۇ بۇنداق ئەھۋالغا يولۇقۇپ قالسا پايدىلانسۇن دەپ يېرىم كېچىدە يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. تۇلۇق ئوقۇش »

无觅相关文章插件,快速提升流量