- سەھىپە:ئۇنىۋېرسال
- | باھا:2
- | زىيارەت: 656 قېتىم ئوقۇلدى
- | خەتكۈچ: ، CBA, شىرئەلىجان, ۋاسكېتبول
CBA كۆرۋاتقىلى ئاز كەمىدە 5 يىل بوپتۇ، بۇنداق دېسەم نۇرغۇن دوستلار CBA مۇ كۆرۈپ يۈرەمسەن، NBA پەيزى تۇرسا دېيىشى ئېنىق، ئەمما NBA دە بىز ئۇيغۇرلارنىڭ توپچىلىرى يوقدە؟ نېمىسىنى كۆرىمەن؟ كىمگە مەدەت بېرىمەن؟ ھېلىمۇ ئىسىمدە، ئالىي مەكتەپنىڭ 1-يىللىقىغۇ دەيمەن، ياتاقتا زىرىكىپ ئولتۇرپ تېلىۋېزور كۆرۈپ ئولتۇرسام (1-يىللىقتا كومپىيۇتېر ئىشلەتكىلى قويمايتى) CCTV-5 تە CBA قويغىلى تۇرۇپتۇ، كۆزۈم توپچىلارنىڭ ئارىسىدىن بىرسىگە چۈشۈپ قالدى، قارىسام مۇرات ئىكەن، زاپاس ئەزالار رايونىدا مەۋلانمۇ تۇراتتى. بۇ چاغدىكى ھېسسىيات ئىشقىلىپ بېلەكچىلا، ھاياجان... ئۇيغۇر توپچىلارمۇ بار ئىكەن؟ دەپ ھەيران قالدىم، شۇنىڭدىن كېيىن مەن CBA كۆرۈشكە قىزىقىپ كەتتىم، ھەتتا بىلىپ بىلمەي شىنجاڭ ئۇچار يولۋاس كوماندىسىنىڭ مەستانىسىغا ئايلىنىپ قالغان ئىدىم. كېيىنچە بۇ كوماندىدا شىنجاڭلىق ئاز سانلىق توپچىلارنىڭ سىماسى كۆپىيىشكە باشلىغان ئىدىن، بۇلۇپمۇ ھازىر تازا داڭ چىقىرۋاتقان شىرئەلىجان ئۇندىن باشقا ماكەن(خەنچە 克兰别克马坎 دەيدىكەن) ۋە مەردانلار.
ئەمدى مەزكۇر يازمىنىڭ جان يېرىگە كەلسەك، شىرئەلىجان 21 نۇمۇر بىلەن 2013-يىللىق CBAچۇلپانلار ھەپتىلىگى 3 نومۇرلۇق توپ چۇشۇرۇش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسنىڭ چىمپىيۇنلىقىغا ئىرىشىپ مېنى قەۋەتلا خوش قىلۋەتتى. ئەلۋاتتە چىمپىيۇنلىققا شىرئەلىجان ھەقلىق! چۈنكى بۇ پەسىللىك مۇسابىقىدە شىرئەلىجان 3 نومۇرلۇق توپ كىرگۈزگەن توپ سانى جوڭگولۇق توپچىلار ئىچىدە بىرىنچى بولۇپ ئىسمى جىسمىغا لايىق ئەركەك شىر بولغان! ئۇنداقتا خوشامەتمۇ مۇشىنچىلىك بولسۇن، ئاللا خالىسا شىرئەلى قېرىندىشىمىز بۇندىن كىيىن تېخىمۇ تىرىشپ، ياخشى نەتىنجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەي، بۇرۇنقىلاردىن ساۋاق ئېلىپ، ئۈزىنى تۇتىۋالغان توپچىلاردىن بولغاي!
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن
- [WordPress قىستۇرمىسى]Let It Snow!،بلوگىمىزدىمۇ قار ياغدۇرۇپ باقايلى!…
- تور بېكەتنىڭ باشقىلارنى جەلپ قىلالماسلىقىدىكى يەتتە سەۋەب< (2)
- [WordPress تېخنىكىسى] باش سۆرەتلىك ئىنكاس ئۈنۈمى رېتسىپلىرى (8)
- [بايقاش]نۇرقۇت ئەترىتى توربېتى DiscuzXگەكۆتۈرۈلۈپتۇ(نەق مەيدان خەۋىرى) (1)
- [WordPress ئۇسلۇبى ] Usix ئۇسلۇبى تەييارلاندى
- [WordPress تېخنىكىسى]يازما يوللاش تەھرىرلىگۈچىگە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش(كۆچۈرۈلمە)
- ئامېرىكا جەڭ فىلىملىرى بىلەن جۇڭگو جەڭ فىلىملىرىدىكى پەرقلەر، كۆرسىڭىز ھەممىنى بىلىسىز!… (38)
- « 58- نۆۋەتلىك بېرلېن ئەڭ نادىر قىسقا فىلىم مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن نادىر فىلىم – پەلەك (13)
- چەتئەلدە ئىشلەنگەن مىكروكىنو–تاملار ئارقىسىدا… (8)
- يېقىندا كۆرۈپ تۈگەتكەن، ماڭا ناھايىتى ياققان ئېسىل كارتون فىلىم–باتۇرلۇق قىسسىسى (9)
- شۇ ناملىق پوۋېسىتقا ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن مىكرو كىنو – رەھىمسىز دەريا (15)
- 73-قېتىملىق ئەڭ نادىر ئوسكار كارتون مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن قىسقا كارتون فىلىم–ئاتا ۋە قىز (9)