- سەھىپە:WP تېخنىكىسى
- | باھا يوق
- | زىيارەت: 1,037 قېتىم ئوقۇلدى
- | خەتكۈچ: ، Wordpress
WordPress ئۇيغۇرچە نەشىرى ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان، ئىزچىل ھەرقايسى بلوگگېرلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئىشلىتىپ كېلىشىگە سازاۋەر بولىۋاتىدۇ. نۆۋەتتە سىلەر كۆرۈۋاتقان تەدبىركار ۋە تورخۇمار بلوگلىرىمۇ PHP+MySQL دە تۈزۈلگەن WordPress سېستىمىسى ئۈستىگە قۇرۇلغان. تەدبىركار WordPress نىڭ يازما يېزىش رايونىدىكى كۆرۈنۈشلۈك تەھرىرلىگۈچنى ئىزچىل ياقتۇرۇپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق بۇ تەھرىرلىگۈچكە تېخى نۆۋەتتە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ئەمەلگە ئاشۇرۇلمىغان بولغاچ، بىر قىسىم قولايسىزلىقلار يەنىلا مەۋجۇد ئىدى. بۈگۈن ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىپ قويدۇم. لازىملىق تورداشلار يازما ئاستى قىسمىدىن چۈشىرىۋالساڭلار بولىدۇ.
WordPress يازما يوللاش قىسمىدىكى كۆرۈنۈشلۈك تەھرىرلىگۈچ ئوچۇق كودلۇق TinyMCE تەھرىرلىگۈچىنى ئىشلىتىدىغان بولۇپ، نۆۋەتتە WordPress تا ئىشلىتىلگىنى، بۇ كىرگۈزگۈچنىڭ 3.2.7 نەشىرى ئىكەن(كۆرۈنۈشلۈك تەھرىرلىگۈچتىكى كۇنۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق تەپسىلاتىنى كۆرۈشكە بولىدۇ). تەھرىرلىگۈچتە ئاساسلىق ئىقتىدارلار تولۇق تەمىنلەنگەن بولۇپ، يازما يېزىشتىكى ئالدىنقى تاللاش بولالىشىدا گەپ يوق. WordPress نىڭ بۇداقى ئەڭ يېڭى 3.0.4 نەشىرىدە بۇ تەھرىرلىگۈچنىڭ خەت نۇسخىسى ئۇيغۇرچىغا تەڭشىلىپتۇ، بىراق كىرگۈزۈش قىسمى يەنىلا ئەمەلگە ئاشمىغاندەك تۇرىدۇ، شۇ ۋەجىدىن تۆۋەندىكى ھۆججەت تەمىنلەندى. moorshidi ئەپەندىم بىلەن ئالاقىلەشكىلى بولسا، كېلەركى نەشىرىدىن باشلاپ، ئۇيغۇرچە قوشۇلغان تەھرىرلىگۈچنى WordPress نىڭ ئۆزىگە قېتىۋەتسەك تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ دەپ ئويلايمەن.
ھۆججەت تەپسىلاتى
ھۆججەت نامى: tiny_mce.js
سىناق قىلىنغان مۇھىت: WordPress 3.0.4 تىكى كۆرۈنۈشلۈك تەھرىرلىگۈچنىڭ 3.2.7 نەشىرى
ئىشلەيدىغان مۇھىت: پەقەت IE ۋە IE يادروسىدىكى تور كۆرگۈلەردە نورمال ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشكە بولىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى
چۈشۈرگەندىن كېيىن پرىستېن يېشىپ، wp-includes/js/tinymce ئىچىدىكى tiny_mce.js نىڭ ئۈستىگە بىۋاستە قاپلىۋېتىلسە بولىدۇ. ناۋادا ئىشەنچ قىلالمىسىڭىز، ئەسلىدىكى ھۆججەتنى بىر نۇسخا زاپاسلاپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ.
ئەسكەرتىش: باشقا نۇسخىسىدا سىناپ باقمىدىم، شۇڭا باشقا نۇسخىغا سىناپ باقماقچى بولسىڭىز، ئەسلى ھۆججەتنى بىر زاپاسلاشنى ئۇنتۇماڭ.
چۈشۈرۈش مەنزىلى:
tiny_mce.js نى چۈشۈرۈش | مەنبە: torhuamr.com
مەزكۇر يازما تورخۇمار بلوگىدىن ئالاھىدە تەۋسىيە بىلەن ئەپكېلىندى.كىرگۈزگۈچ ھەققىدە ئۇچرىغان مەسىلە ياكى تەلەپ-پىكىر بولسا،ئەسلى يازمىغا كىرگەيسىزلەر.
يازما مەنبەسى:
WordPress يازما يوللاش كۆزنىكىدىكى كۆرۈنۈشلۈك TinyMCE تەھرىرلىگۈچىگە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن
- دېسنىيگە تەۋە Pixar گۇرۇپپىسىنىڭ ئەڭ يېڭى كارتون ئەسىرى–ئاي ئەپسانىسى (7)
- « 58- نۆۋەتلىك بېرلېن ئەڭ نادىر قىسقا فىلىم مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن نادىر فىلىم – پەلەك (13)
- wordpress تا زىيارەتچىلەرنىڭ ئىنكاسىغا ئاپتور جاۋاب قايتۇرسا Email ئارقىلىق ئۇختۇرۇش ئىقتىدارىنى قوشۇش (9)
- كەپەمنىڭ ماتىرىيالىنى ئالماشتۇردۇم، يېڭىچىراق ھالدا يازايلى ئەمدى… (20)
- js ئارقىلىق بلوگ ئۈستىگە ئۇچۇر(ئېلان) چىقىرىش (2)
- xp دىن زادى قانداق قىلىپ ھازىرقى فەچەت بولغان win7 گە كۆچتۈم؟ (2)
- ھازىرقى بالىلار كارامەت… (8)