- باھا:7
- | زىيارەت: 1 قېتىم ئوقۇلدى
يېقىندىن بىرى،IE6نى يوقىتىش توغرىلىق نۇرغۇن گەپ سۆزلەر بولۇپ ئۆتتى،جۇڭگو توربەتچىلەر بىرلەشمىسى تورىدا ھەتتا مىكروسوفت شىركىتى IE6نى يوقىتىش پەرمانى چۈشۈردى دىگەن خەۋەرنى تارقىتىپ تازا غۇلغۇلا پەيدا قىلدى.خەنزۇچە توربەتلەرگە كۆرە،Twitterدا نۇرغۇن كىشىلەر بىرلىشىپ IE6 Must Die پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرغان بولۇپ،پائالىيەتكە قاتناشقان كىشىلەرنىڭ باش سۆرىتىگە IE6نى چەكلەش سۆرىتى قوشۇلىدىكەن.ئۇيغۇر توربەتلىرىدىمۇ،يۈكسەل بلوگى باش بولۇپ(مەن كۆرگەن بېكەتلەر ئىچىدە ئەمدى) ‹‹Internet Explorer 6 ئاللىقاچان ئۆلدى››دىگەن سەرلەۋھەلىك يازما ئېلان قېلىپ،IE6نى يوقىتىش ھەرىكىتىنى باشلاپ بەردى.ئۇيغۇر توربەتچىلىكىدىلى نەمۇنە توربەت بولمىش نۇرقۇت ئەترىتى تورىدىمۇ IE6 ئابونتلىرىغا ئەسكەرتىش بىرىشنى باشلىدى،مەزكۇر ئۇچۇر بەتنىڭ ئوڭ تەرەپ ئاستىدا كۆرۈنىدىغان بولۇپ،ئۈنۈمى رەسىمدەك:
IE6 نېمىشقا يوقالمىدى؟
Internet Explorer 6 ئىلگىرى جاھاننامىلەرنىڭ خوجىسى بولغان بولۇپ،Netscape مەغلۇب قىلىش بىلەن بىرگە جاھاننامە بازىرىنىڭ 95%لىك قىسمىنى ئىگەللىگەن.ھالبۇكى،نۆۋەتتە،ئۇنىڭ ئىقتىدارى خېلىلا ئارقىدا قالغان بولۇپ،ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان تور تېخنىكىسىنىڭ ئىستىقبالىنى كىشەنلەپ ئولتۇرماقتا. ئەلۋەتتە،IE6نىڭ ھېلىھەم شۇنچە كۆپ ئىشلەتكۈچىلەرگە ئىگە بۇلىشىدا نۇرغۇن سەۋەبلەر بار.مەن توردا كۆرگەنلىرىم ۋە ئۆزۈمنىڭ ئويلىغانلىرى ئاساسىدا تۆۋەندىكىدەك يىغىنچاقلىدىم:
1.ئۇمۇملاشقان ۋاقتى ئۇزۇن بولغاچ كىشىلەر كۆنۈپ قالغان گەپ!خۇددىي،شىنجاڭ كومپىيۇتېر ھەۋەسكارلىرى تورىدىكى بىر يازمامغا ئىنكاس يازغان تورداشنىڭ دىگىنىدەك ‹‹ھەممىدىن كۆنگەن يامان ›› .
2.ۋىندوۋسXPنىڭ جىدىلى.ۋىندوۋسXPنىڭ شۇنچە ئۇمۇملىشىشى بىلەن، IE6مەزكۇر سېستىمىدىن پاناھلىنىش ئارامگاھى تېپىۋالغان گەپ،بولۇپمۇ، Vistaمەغلۇبىيىتى Windows XP بىلەن IE6نىڭ ئورنىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ قويدى.
3.خەنزۇچە توربەتلەرگە كۆرە،بەزى شىركەتلەرنىڭ جاھىللىقىمۇ مەلۇم تەسىرگە ئىگەمىش،دىيىلىشىچە،نۇرغۇن شىركەتلەر تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن ئىشلەپ چىقارغان قوللىنىشچان سېستىمىلىرى يالغۇز IE6قوللايدىغان قىلىپ ياسايدىكەن،قىززىق يىرى شۇكى، ھازىرمۇ نۇرغۇن كارخانىلار ھېلىھەم كونا سەنەمگە دەسسەپ يۈرۈيمىش...
4.شەخسىي قارىشىمدا،ئىلىمىزدە،جۈملىدىن دىيارىمىزدىكى تورخانىلاردىكى كومپىيۇتېرلارغا كۆپىنچە ھاللاردا Windows XP قاچىلانغان بولغاچقا 2-ئورۇندا دىگەندەك ...
يۈكسەل بلوگىدىن ئېلىنغان نەقىل:ىيارىمىزنى ئېلىپ ئېيتساق Internet Explorer 6 نىڭ ئۇيغۇر تور ئاممىسى ئىچىدە ئومۇملىشىش نىسبىتى %99 گە يېتىشى مۇمكىن. شۇ تاپتا خەلقئارا تور ساھەسىدە Internet Explorer 6 نىڭ ئۆلگەنلىكى جاكار ئەيلىنىپ، ھەتتا ئۇنىڭ دەپىنە مۇراسىمىمۇ بۇندىن بىرقانچە ئايلار ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلۈپ بولۇنغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر تور ئاممىسى ئۆلگەن Internet Explorer 6 نىڭ پىشىگە چىڭ ئېسىلىپ ھازىرغىچە ئىشلىتىپ كەلمەكتە. خۇسۇسەن يۈكسەل بلوگىنىڭ سـتاتىستىكىلىق ماتېرىيالىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يۈكسەل بلوگىنىڭ %98.3 زىيارەتچىسى يەنىلا Internet Explorer 6 نى ئىشلىتىپ تور كۆرۈدىكەن. بۇ بىر تەرەپتىن دىيارىمىز كىشىلىرىدە تور ساھەسىدىكى يېڭىلىققا دىققەت قىلماسلىق، تېخنىكىلىق كۆرسەتكۈچىسى يۇقىرى يېڭى دېتاللارنى ئىشلىتىشكە قىزىقماسلىق، ئەسكى بولسىمۇ كونىسىغا قىيالىماسلىق خاھىشىنىڭ ئېغىرلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بەرسە، يەنە بىر تەرەپتىن Internet Explorer 6 ئوخشاش ئىقتىدارى مۇكەممەل بولمىغان، بىخەتەرلىك يوچۇقلىرى كۆپ دېتاللارنى ئىشلىتىش سەۋەبلىك ئۇيغۇر تور ئاممىسىنىڭ توردىن ئېلىۋاتقان ھوزۇرىنىڭ چەكلىك، تور پائالىيىتىنىڭ ھەرقاچان خەۋپ ئاستىدا بولىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
IE6نىچۈن جەزمەن يوقىلىشى كېرەك؟
IE6 نۆۋەتتىكى توربەتچىلەرنىڭ قاباھىتى،ئۇلار جەزمۇن كۆپ ۋاقىت ۋە زېھنىنى ئاجرىتىپ ئۇنىڭغا قاراپ قويمىسا بولمايدۇ،جۈملىدىن ئۆگەنگۈچى بولمىش مەنمۇ يېڭى بلوگىمنى مەزكۇر جاھاننامىدە تەڭشەپ بولالماي ئاخىرى ۋاز كەچدىم،شۇڭلاشقا،IE6نىڭ ئاۋارىچىلىقىغا ئۇچرىغان توربەتچىلەر ئۈچۈن IE6 جەزمەن يوقىلىشى كېرەك!...
1.PNG سۆرىتى-يېرىم سۈزۈكچانلىقنى قوللايدىغان سۆرەت شەكلى بولۇپ،نۆۋەتتە توربەت لايىھەلەشدە كەڭ كۆلەملىك ئىشلىتىلىۋاتىدۇ،بولۇپمۇ مەزكۇر سۆرەت شەكلىنى تەگلىك قىلىپ ئىشلىتىۋاتقانلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ،نەس باسقان IE6 ئۇنى قوللىمايدۇ.
2.توربەت لايىھەشدە،IE6نىڭ ئۆزىگە خاس CSS ئۆلچىمى بار بولۇپ،كود يازغاندا بۇ نەس باسقۇرغا ئايرىم كود يازمىساق بولمايدۇ(شەخسىي قارىشىمدا IE7 بۇ جەھەتتە IE6دىنمۇ ئۆتە نەس باسقۇر!)...
3.IE6نىڭ بەت قىستۇرمىلىرى(خەنزۇچە 页面控件 )نى بىرتەرەپ قىلىشىمۇئاجايىپ باش ئاغرىتىدۇ،مەسىلەن:select elementنىڭ ئاكتىپچانلىقى بەتتىكى DIV بۆلەكلىرىنى يۇقىرى دەرىجە توسىۋالىدۇ.
4.ھەممىدىن مۇھىمى بىخەتەرلىكى،ئىقتىدارى،ئۈنۈمى نۆۋەتتىكى تور ئىشلىرىنىڭ تەلىپىنى قوللىيالمايدۇ،يەنە ئىككى يىلدىن كىيىن قانداق بولىدۇ،بۇنىسى تېخىمۇ ...
جۈملىدىن،ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىدا،بەت ئۈستىدىكى سەھىپە تۈرى نورمال IE6 ئىشلىمەيدۇ.
IE6نىڭ يوقىلىشىنى تىزلىتىش
مانا،ئېنتېرنىت ئىشلىرى تەرەققىي قىلىپ،HTML5 ئۆلچىمى ھازىرلاندى،Windows 7نىڭمۇ ۋۇجۇدقا چىققىنىغىمۇ خېلى بولدى،ئەمدى،IE6نى يوقىتىشنىڭ شارائىتلىرىمۇ تولۇق ھازىرلاندى.چەتئەل توربەتلىرى ۋە ئېلىمىزدىكى نۇرغۇن توربەتلەردە ئەزالارغا جاھاننامە نەشىرىنى يېڭىلاش ئۇچۇرلىرىنى ئەۋەتىپ،ئەزالارنىڭ يۇقىرى نەشىرىدىكى ياكى باشقا جاھاننامە ئىشلىتىپ تورغا چىقىشقا چاقىرىق قىلدى.ھەتتا،بەزى بېكەتلەر IE6پۈتۈنلەي قوللىماس قىلىپ تەڭشەپ،زىيارەتچىنىڭ جاھاننامە ئالماشتۇرىشىنى تەلەپ قىلدى.
قانداق؟سىز ھېلىھەم IE6نى ئىشلىتىپ يۈرەمسىز؟بولدى،قەدىناسىڭىزدىن ئەمدى بىراقلا ۋاز كېچىڭ!يەنىلا،يېڭى نەشىردىكى جاھاننامىلەر ياخشى!
مۇشۇنىڭدەك يازمىلار:
ئەجىبا IE دىن باشقا تور كۆرگۈنى قوللاش شۇنچە تەسمىدۇ؟ | Internet Explorer 6 ئاللىقاچان ئۆلدى | FireFox بىلەن تونۇشۇش ۋە ئىشلىتىش