Windows8نىڭ 248 يۈئەنلىك ھەقىقىي نەشىرىنى تېخى سېتىۋالمىدىڭىزمۇ؟ 30 كۈنلۈك مۆھلەت قالدى…

1133222D9-2
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر، ئالدى بىلەن يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن. كومپىيۇتېر مەشغۇلات سېستىمىسى بولغان Windows8 گە ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىشلىرىدىكى تۆھپىكارىمىز ئالىم ئەھەتنىڭ كۈچ چىقىرىشى ۋە مىھنەت قىلىشى بىلەن ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قوشۇلۇپ ، ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى بىر سەھىپە ئېچىلدى . ئۇزۇندىن بۇيان Windows مەشغۇلات سېستىمىسىنى ئانا تىلىدا ئىشلىتىشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن بارلىق قېرىنداشلارغا نىسبەتەن ناھايتى زور خۇشاللىق ئىش بولغان بولسىمۇ ، زور كۆپ ساندىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تورغا چىقىش شارائىتىنىڭ يوقلىقى ياكى بۇ ئىشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنىڭ تارقىلىش دائىرىسىنىڭ چەكلىكلىكى ، شۇنداقلا پىسخىكىمىزدىكى پەرۋاسىزلىق ، بىخۇتلۇق تۈپەيلىدىن Windows مەشغۇلات سېستىمىسىنىڭ ئۇيغۇرچە بولۇپ كەتكەنلىكىدىن ئىبارەت ئالەمشۇمۇل ئىشلاردىن بىخەۋەر يۈرمەكتە . بىلسىمۇ پەرۋاسىز يۈرمەكتە . مەزكۇر سېتىما كىلەر ئاينىڭ بىرىنچى كۈنىدىن باشلاپ نەچچە مىڭدىن سېتىلىشقا باشلايدۇ، دېمەك ئەڭ ئاخىرقى 30 كۈنلۈك مۆھلەت قالدى…

‏بۇ ئىشلار مۇشۇنداقلا ئۆتۈپ كەتسىمۇ مەيلىتى . بىراق ، مىكروسوفت شېركىتىنىڭ سىتاتسكىلىق سانلىق مەلۇماتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قوشۇلغان مەشغۇلات سېستىمىسىنى ئىشلىتىش دەرىجىسى تۆۋەن بولۇپ قالسا ، مۇنداقچە ئېيتقاندا ، بىزنىڭ بۇ ئىشقا تۇتقان پوزىتسىيەرىمىز تازا قىزغىن بولمىسا ، شۇنداقلا ، مىكروسوفتنىڭ Windows مەشغۇلات سېستىمىسىغا ئۇيغۇرچە تىل بولىقى كىرگۈزۈش ئۈچۈن سالغان مەبلىغى كىرىمى چېقىمىنى قاپلىيالمىسا كىيىنكى قېتىملىق مەشغۇلات سېستىمىسىنى ئىشلەيدىغان ۋاقىتتا ئۇيغۇر تىلىنى قۇشۇشنى ئويلاشمايدۇ - دە ، شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر كومپىيۇتېر تەرەققىياتى تىبەت ، موڭغۇل ... قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئارقىسىدا قېلىش خەۋپى كېلىپ چىقىدۇ . ئەلۋەتتە ، بۇ ھىچقايسىمىز كۆرۈشنى خالىمايدىغان ئاقىۋەت .
‏يەنە بىر جەھەتتىن ، ئىشەنچىلىك مەلۇماتلاردىن قارىغاندا 2013 - يىلى 2 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قوشۇلغان بۇ مەشغۇلات سېستىمىسى تەخمىنەن 1280 يۈەنگە ئۆسۈپ كېتىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن چوڭ . ھالبۇكى ، 2-ئاينىڭ 1-كۈنىگە 30 كۈنلا قالدى!.... ئەمدى ئالدىرىمىسىڭىز كىيىن قانچىلىك پۇشايمان قىلغىنىڭىز بىلەنمۇ ھەرگىز ئورنىغا كەلمەيدۇ . ھەم ، سىزنىڭ بۇ قەدەر پەرۋاسىزلىقىڭىز ئۇيغۇر كومپىيۇتېر تەرەققىياتىنىڭ چېكىنىپ كېتىشىگە سەۋەب بولۇپ قېلىشى مۇمكىن . مىللەتنى سۆيۈش ئېغىزىڭىزدىكى قۇرۇق شۇئار ھالەتتە بولۇپ قالمىسۇن ، ئەمەلى ھەرىكەتكە كېلىش قۇرۇق گەپ ساتقاندىن مىڭ ھەسسە ئەۋزەل !

‏تىزرەك ھەرىكەتكە كېلىڭ ! پۇرسەت تىزلا ئۆتۈپ كەتمەكتە . كىيىنكى پۇشايمان ئۆزۈڭگە دۈشمەن ! ئۇيغۇر تەرەققىياتى ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسىڭىزنى قوشۇپ ، ئۇيغۇرچە مەشغۇلات سېستىمىسىدا ئانا تىلىڭىزنىڭ ھوزۇرىنى سۈرۈڭ !

سېتىۋېلىش ئۇسۇلى

Paypal ھېساۋاتىڭىز ياكى ئىناۋەت كارتىڭىز ئارقىلىق ئالالايسىز،  مۇناسىۋەتلىك يازما: http://www.alimahat.com/?p=2027

ناۋادا Paypal ھېساۋاتىڭىز ياكى ئىناۋەت كارتىڭىز يوق بولۇپ، ئېلىشتا قېينالسىڭىز كەمىنە ئۇيغۇربەگ خالىس ياردەم قىلىمەن. مېنىڭ ئالاقە قىلىش ئۇچۇرلىرىم:

ئېلخەت: Uyghurbeg#yahoo.com (# ئورنىنى @غا ئالماشتۇرۇشنى ئۇنۇتماڭ)

QQ: 761250477 ، ئۈندىدار: Uyghurbeg



无觅相关文章插件,快速提升流量


14 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...
  • ھە مەن تېخى ئالمىغان تىزدىن بىرنى ئالسام بولغۇدەك. :lol:

  • چۈنجە | 2013.01.1 جاۋاب

    مەنمۇ بىرنى ئالاي دىگەن.لېكىن قانداق سېتىۋېلىشنى بىلمەيمەن.مۇمكىن بولسا،ئالاقىلاشساق بوپتىكەن.چ چ نومۇرۇم :928544920 :shock:

  • مەنمۇ ئېلىپ، چۈشۈرۈپ، قاچىلاپ، تەڭشەپ ھوزۇرىنى سۈرىشنى باشلىۋەتتىم! ماۋۇ بلوگلارمۇ ئۇز كۆرۈنىدىكەن دەيمەن… ياقتۇرۇپ قېلىۋاتىمەن. مېنىڭ كونا كومپىيوتېرىممۇ شاشلىشىپ كەتتى ئەمدى…

  • ۋىروس | 2013.01.1 جاۋاب

    گەرچە دەماللىققا ئىشلەتمىسەممۇ، بىگىمنىڭ ياردىمى بىلەن مەزكۇر سېستىمىنى ئېپ قويدۇم(رەھمەت تازىم). تېخىمۇ كۆپ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەمەلى ھەركەتكە ئۆتىشىنى ، ئىدارە ئورگان، شەخسى كارخانا ۋە يەككە تىجارەتچىلىرىمىزنىڭ ھەر تۈرلۈك پائالىيەتلەردە مەزكۇر سېستىمىنى سوۋغا بۇيىمى ياكى خاتىرە بۇيىمى سۈپىتىدە ئىشلىتىشنى، بولسا بىرەر مەھسۇلات تىلىۋىزىيە ئېلانلىرى داۋامىغا مەزكۇر بۇيۇمنىڭ ئېلانىنى قىستۇرۇپ قويىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.

  • http://shop.edu.cn تورىدىن ھازىر 215 كويچەن خەنسو دوللىرى بۇيىچە سىتىلۋاتىدۇ ، مەنمۇ شۇ يەردىن چۈشۈرگەنتىم ، iso ھۆججىتى ھاسىل قىلغىلى بولمايدىكەن ئەمەسمۇ كاساپەتتە. بىرەر بەلەن چارىسىنى بىلىمەمدىغانلا يا

    • ئۇيغۇربەگ | 2013.01.5

      بۇلا مىكروسوفىتتىن بىۋاستە ئالامدىكە؟

  • تىلەك | 2013.01.3 جاۋاب

    مەن ئىتىبار باھاردا ئالغىلى بولىدىغان بىر نۇمۇرغا ئىرىشكەن ئىدىم، ئناۋەتلىك كارتام يوق، بىرنى ئىلتىماس قىلسام ھازىرغىچە كەلمەۋاتىدۇ. كەلسە سېتىۋالىتىم

  • ۋەھىمە | 2013.01.4 جاۋاب

    قۇرۇق گەپ بىلەن مىللەتنى سۆيگەن بىكار باللار ، ئەمەلى ئىشقىلايلى ، مەنمۇ قايسى كۈنى كومپىيۇتېر سادىىغان بىر ئاغىنەمگە دىسەم ئىككى نۇسخا ئىلىپ قويۇپتىكەن تۇق ، ھازىر كۆزنەك 8 نىڭ ھوزورىنى كورىۋاتىمەن ، ئەپسۇس پەقەتلا ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى قاچىلىيالمىدىم

    • ئۇدۇنبەگ | 2013.01.4

      ئالىم ئەھەت مۇئەللىمىنىڭ بلوگىدا(http://www.alimahat.com) بار سىز دىگەن ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۈشۈرەلمەسلىك مەسەلىسىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى.

  • ئەپسۇس مەن خىزمەتتە لىنۇكىس ئىشلتىدىغان بولۇپ قالدىم . بولمىغان بولسا سېتۋالاركەنمەن.. ;-)

  • پاسىبان | 2013.01.19 جاۋاب

    Windows8نى سېتىۋالسام بۇلاتى ئۇيغۇربەگ-ماڭا ياردەم قىلسىڭىز

    • ئۇيغۇربەگ | 2013.01.19

      بولىدۇ مەن بىلەن ئالاقە قىلىڭ
      چ چ:761250477

  • مەن مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا 90 يۈەنگە سېتىۋالدىم. :mrgreen:

  • ali120 | 2013.01.22 جاۋاب

    windows8 نى بۇيەردىن سىتۋالسىڭىز221 كويكەنhttp://tuan.360buy.com/team-10528717.html

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif