[بىخەتەرلىك قورالى] تور يۈزىدىكى باھادىر ئەزىمەت VirusTotal

virustotalئادەتتە،توردىن ھەرخىل ھۆججەتلەرنى سىناش مەقسىتىدە چۈشۈرۈپ باقىدىغان تورداشلارنىڭ ئېسىدە بولسا كېرەك،بىز ھەرقايسى ئىزدەش ماتورلىرىدىن ئىزدەپ يۈرۈپ مەلۇم بىر يۇمتالنى ياكى ھۆججەتنى ئىزدەپ تاپتۇق،ئەمما،ئەمدى قاچىلىشىمىزغىلا كومپىيۇتېرىمىزدىكى ۋىروسخورلار چىقىراپ تاشلىدى ياكى ئۆزىمىزمۇ بىلمەي قېلىپ بەزى ۋىروسلارنى يۇقتۇرۇۋالدۇق،لۈكچەك يۇمتاللارنى قاچىلاپ قالدۇق…ناۋادا،ھۆججەتلەر ئىجرا بولۇشدىن ئاۋۋال،ھەتتا،چۈشۈرۈشدىن ئاۋۋال ئاشۇ نەرسىلەرنىڭ لۈكچەك يۇمتال،ۋىروس ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولسا ھە؟!…

بۈگۈن تونۇشتۇرماقچى بولغىنىمىز دەل مۇشۇ خىلدىكى بىخەتەرلىك قورالى بولۇپ،ئۇنىڭ نامى-VirusTotal !بۇ قورال-ئاشۇ ھۆججەتلەرنىڭ لۈكچەك،ۋىروس ئەمەسلىكىنى تەكشۈرتۈپ بېقىشىغا باب كېلىدىغان ئوغامبالا قورال!….

VirusTotal ھەققىدە

VirusTotal VirusTotal بولسا مۇستەقىل IT تەجرىبىخانىسى بولمىش Hispasec Sistemas تەرىپىدىن تەتقىق قىلىنىپ،ياساپ چىقىلغان، گۇمانلىق ھۆججەتلەرنى ئانالىز قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان قورال بولۇپ،ھەرخىل داڭلىق ۋىروسخورلارنىڭ ماتورلىرىدىن پايدىلىنىپ،سىز يۈكلەۋاتقان ھۆججەتكە نىسپەتەن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ،ھۆججەتلەردە ۋىروس،پارازىت قۇرت،ياغاچچ ئاتلارنىڭ بار-يوقلۇقىنى ئېنىقلاپ بىرەلەيدۇ.VirusTotalنىڭ مۇستەقىل مۇلازىمىتى ئىشلىتىۋاتقان ۋىروسقا قارشى تۇرۇش ماتورلىرى ھەردائىم يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان بولۇپ،پۈتۈن دۇنيادىكى ۋىروسقا ئائىت سانلىق مەلۇماتلاردىن ئۆرنەك ئېلىپ،ۋىروسلارنىڭ تىزىملىكىنى يېڭىلاپ تۇرىدۇ.

VirusTotal0

(VirusTotal يەرلىك نۇسخىسىدىن كۆرۈنۈش)

VirusTotal ئورگان تەرەپدىن تور نۇسخىسى،يەرلىك(يەنى كومپىيۇتېر) نۇسخسى،شۇنداقلا ئوت تۈلكىسى قىستۇرمىسى قاتارلىق تۈرلەر بۇيىچە ئېچىلغان بولۇپ،بۇلاردىن پايدىلىنىپ،تور يۈزىدىلا چۈشۈرۈپ بولغان شۇنداقلا،چۈشۈرمەكچى بولغان يۇمتال ياكى ھۆججەتلەرنىڭ بىخەتەرلىك دەرىجىسىگە ھۆكۈم قىلغىلى،شۇنداقلا،بۇ ھۆججەتلەرنىڭ ۋىروس ياكى ۋىروس ئەمەسلىكىنى ھۈكۈم قىلغىلى بولىدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە،بۇنى ئىشلىتىش ناھايىتى ئوڭاي بولۇپ،چۈشۈرۈپ بولغان ھۆججەتنى،VirusTotalغا يۈكلەيمىز،ئاندىن ئانالىز قىلىش دىگەننى باسساقلا بولدى ۋەياكى ئاشۇ ھۆججەتلەرنىڭ ئادرىسى   Submit a URL دىگەن يەردىن كىرىپ چاپلاپ،مەشخۇلات ئېلىپ بارساقمۇ بولىدۇ.

VirusTotal ئەينى چاغ <<كومپىيۇتېر دۇنياسى>>ژۇرنىلى(ئامىرىكا نەشىرى)دە بىخەتەرلىك توربېكىتى تۈرى بۇيىچە،200 يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر 100 مەھسۇلاتنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان.

تور نۇسخسىنىڭ كۆرۈش ئادرىسى:

http://www.virustotal.com

VirusTotal1

VirusTotal2

VirusTotal3

VirusTotal يەرلىك نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش

VirusTotal ئورگان بېتى:http://www.virustotal.com/

VirusTotal نەشىرى:2.0

ھۆججەت نامى:VirusTotal ھۆججەت سىغىمى:  72kb
MDB تەستىقى:نامەلۇم ۋىروسخورنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن!
يۈك مەنزىلى:بۇيەردىن چۈشۈرۈڭ [چاقماق(迅雷)نى ئىشلىتىپ چۈشۈرۈڭ]

◎تۇرايىمىزدىكى يۇمتاللارنىڭ ھەممىسى توردىن يىغىلغان،سودا خاراكتىرىدە پايدىلىنىش مەنئىي قىلىنىدۇ.                                  ◎نەشىر ھوقۇقۇمغا دەغلى قىلدى دەپ قارىسىڭىز،شۇ ھامان ئىنكاس قىلىڭ،24 سائەت ئىچىدە ئۆچۈرىمىز.



无觅相关文章插件,快速提升流量


باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif