[wordpress قىستۇرمىسى] WordPress Thread Comment ھەققىدە

wptreatedqist

مەزكۇر قىستۇرما WordPress ئىنكاس ئىقتىدارلىرىنى كېڭەيتىش مەقسىتىدە ئېچىلغان ھەقسىز قىستۇرمىلارنىڭ بىرى بولۇپ،بلوگغا يازمىغا چۈشكەن ئايرىم ئىنكاسلارغا جاۋاب قايتۇرۇش ئىقتىدارىنى ھازىرلاپ بېرەلەيدۇ،شۇنىڭ بىلەن،مەلۇم ئىنكاسقا نىسبەتەن پىكرى بولغان تورداشلارمۇ ئەركىن-ئازادە سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ،بلوگغا مۇنبەر ئىنكاس تۈسىنى قوشۇپ بېرەلەيدۇ.نۆۋەتتە،ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى،يۈكسەل بلوگى،تەدبىركار بلوگى قاتارلىق بلوگلارغا مۇشۇ خىل قىستۇرما ئۈنۈمى ھازىرلانغان.
قىستۇرما نامى: WordPress Thread Comment (ۋوردپرېسس قايتىلانما ئىنكاس)
قىستۇرما ئاپتورى:偶爱偶家
ئاپتور ياكى ئۇسلۇبقا ئالاقىدار مەنزىل:

http://blog.2i2j.com/plugins/wordpress-thread-comment

قىستۇرما تىلى:خەن،ئىنگىلىز،ئەرەب،گېرمان،فارس
ئۆزلەشتۈرگۈچى:ئۇيغۇربەگ
سىناق قىلىنغان ۋاقتى:2010-09-12
سىناق قىلىنغان تور كۆرگۈچ:  Firefox,IE6,IE7,IE8,Safari,Opera,世界之窗,360游览器
سىناق قىلىنغان سېستىما نەشىرى: WordPress 2.8.9
تەلەپ قىلىنىدىغان سېستىما نەشىرى: WordPress  2.1 دىن يۇقىرى نەشىرى

قىستۇرما ئىقتىدارلىرى ھەققىدە:

  • بلوگ سەيياھلىرى يازمىلاردىكى ئىنكاسلارغا جاۋاب قايتۇرالايدۇ.
  • ئىنكاسلار مۇنازىرە مۇنبەرلەردەك رەتلىك تىزىلىپ كۆرسىتىلىدۇ.
  • WordPress سېستىمىسى ياكى ئۇسلۇبلارغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ھاجەتسىز.
  • W3C سىغىمچانلىقى كۈچلۈك.
  • ئارقا سۇپىدىن PHP، HTML ۋە CSS قىسمىنى تەڭشىيەلەيسىز.
  • AJAX قوللايدۇ،بەت يېڭىلىماي تۇرۇپمۇ ئىنكاس يوللىغىلى بولىدۇ.
  • AJAX ئىقتىدارى تاللىشى بار.
  • ئىنكاسغا جاۋاب بەرگەندە ئىنكاس ئاپتورىغا ئېلخەت ئەسكەرتمىسى ئەۋەتىپ بېرىدۇ.

كۆرگەزمە سۆرەت:
wptreathedsort01

ئۇسلۇبغا بولغان تەلەپ:
ناۋادا AJAX ئۈنۈمى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز،ئۇسلۇبىڭىز چوقۇم WordPress ئۆلچىمىدە ياسالغان بولىشى،يەنى ئۇسلۇبدا ‹‹comment-xxx›› بۇ ID بولىشى كېرەك،بولمىسا AJAX ئۈنۈمىنى قوللىمايدۇ.

قاچىلاش ئۇسۇلى:
1.قىستۇرمىنى چۈشۈرۈپ،پىرىسلاڭ.
2.پىرىسلانغاندىن كىيىن ھۆججەت قىسقۇچ نامى wordpress-thread-comment نى wp-thread-comment گە ئۆزگەرتىڭ.
3.قىستۇرمىنى بوشلۇقتىكى قىستۇرما ئورنىغا يوللاڭ.
4.ئارقا سۇپىدىن قىستۇرمىنى ئاكتىپلاڭ.
5.بۇرۇن چۈشكەن ئىنكاسلارغا ‹‹بۇ ئىنكاسقا پىكرىم بار››دىگەن ئۇلىنىش ھاسىل بولدىمۇ تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ.
6.باشقا تەڭشەكلەرنى،مەسىلەن AJAX ۋە HTML/CSS تەڭشەكلىرىنى ئارقا سۇپىدىن تەڭشىڭىز بولىدۇ.

چۈشۈرۈش:

[download id="17"]



无觅相关文章插件,快速提升流量


16 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...
  • 南京男科 | 2010.09.13 جاۋاب

    你好,很喜欢你的博客,能和你的博客交换个链接吗?中秋快乐。

    • Prestan | 2010.09.13

      ?你看懂博客内容

    • ئۇيغۇربەگ | 2010.09.16

      ما خېتىمنى كۆرۈپ چۈشىنەلىسىڭىز ئۇلىنىشقا قوشسام مەيلى…

  • ئۈمىد | 2010.09.17 جاۋاب

    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم!
    بلوگىڭىزنى كۇندە دىگۇدەك كۆرۇپ كىلىۋاتىمەن. ئالدىنقى قىتىمقى بىر ئىنكاسىمدا مەنمۇ بۇ بلوگ سىستىمىسىغا كۆچۇشنى ئويلاۋاتقانلىق ھەققىدە گەپ قىلغان ئىدىم بىر قانچە كۈندىن بىرى بلوگ ئۇسلۇبلىرىدىن بۇ ئادىرىستىكى http://themes.wopus.org/wpthemes/cn-wordpress-themes/3971.html بۇ ئۇسلۇب ماڭا بەكلا ياراپ قالدى. بۇنى ئۆزۇم تەرجىمە قىلىپ ئىشلىتىشكە كۇچۇم يەتمەيدىكەن شۇڭا سىز بۇ ئۇسلۇبنى كۆرۇپ بىقىپ ماڭا ھەقلىق بولسىمۇ تەرجىمە قىلىپ بەرسىكىڭىز بوپتىكەن ئالىدىغان ھەققىڭىزنى ئىلخەتكە يوللاپ قويۇڭ بولامدۇ؟

    • ئۇيغۇربەگ | 2010.09.17

      بۇ ئۇسلۇبنى بىر قۇر كۆرۈپ چىقتىم،رەسىم قىسمىنى ئۆزىڭىز ئىشلەشكە ئۇنىسىڭىز يەنى رەسىم تەھرىرلەش قولۇمدىن تازا كەلمەيدۇ،ئاۋۇ بەزى خەتلەر رەسىملىك ئىكەن،بۇنى ئۆزىڭىز قىلىشقا ماقۇل بولسىڭىز،بۇ ئۇسلۇبنى بىر تەتقىق قىلىپ كۆرەي،تور كۆرگۈچلەردە سېناپ كۆرەي،ئاندىن جاۋابىنى بېرەي،قانداق؟

    • ئۈمىد | 2010.09.17

      ئەلۋەتتە بولىدۇ.. ئۇيغۇرچە خەتلەر ھەرقايسى كۆرگۈلەردە نورمال كۆرۇلسە، نورمال كىرگۈزگىلى بولسا بولدى رەسىملەرنى ئۆزۇم بىر قاتار تەرجىمە قىلىپ بولغان ئىدىم. بولسا تىزراق تۇتۇش قىلساق بولاتتى. pj بلوگتىن ئەمدىلەتتىن زىرىككىلى تۇردۇم

    • ئۇيغۇربەگ | 2010.09.17

      ئەمىسە سىناقنى باشلىۋەتتىم…

    • ئۇيغۇربەگ | 2010.09.19

      ئالدىڭىزدا تولىمۇ خىجىلمەن،يېقىندىن بىرى سەت ئالدىراش بولۇپ كېتىپ سىز دىگەن ئىشنىڭ جاۋابىنى بىرەلمىدىم،مۇشۇ تاۋۇز چاغىنى ۋاقتىدا جاۋابىنى بەرسەم بولارمۇ؟

    • ئۈمىد | 2010.09.19

      ئەلۋەتتە بولىدۇ

  • ۋوردپرېسنىڭ باش بىكىتىدىن بىلوگدىن بىرنى ئىلتىماس قىلغان ئىدىم، ئېئوتىنى قانداق قىلىشنى CSS نى قانداق يېزىشنى بىلەلمىدىم،ياردەم قىلالارسىزمۇ ؟

    • ئۇيغۇربەگ | 2010.09.21

      ۋوردپرېسس باش بېتىنىڭ ئارقا سۇپىسى بىلەن تونۇشمايدىكەنمەن،ئەمما پەمىمچە،يەنىلا بىز ئىشلىتىۋاتقان بىلەن ئوخشاش.كۆرۈنمىلەر تۈرى قاتارىدىن پاسون ھۆججىتى style.cssدىن تەھرىرلىسىڭىزلا بولىدۇ.

  • [...] 2. تورداشلار يازغان باھالار قايتۇرما جاۋاب يېزىش قىستۇرمىسى: WP Thread Comment [...]

  • روھلان | 2011.03.14 جاۋاب

    ماۋۇ بولاپ قويىدىغان قىستۇرماكەن … سىناپ باقاي …

  • ئالىمجان | 2012.03.8 جاۋاب

    مۇشۇ قستۇرمىلارنى sinapp كە قوش قىلى بولامدۇ ؟
    مەن ئەمدىلەتىن قىزىقىۋاتىمەن ;-)

  • قەقنۇس | 2012.06.20 جاۋاب

    مەنمۇ سىناپ باقاي قىنى :razz:

  • يارۇق | 2012.07.6 جاۋاب

    تەڭشەش ئۇسۇللىرىنى بىر چۈشەندۈرپ قويغان بولسىڭىز…

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif