- سەھىپە:ئۇنىۋېرسال
- | باھا:9
- | زىيارەت: 1,464 قېتىم ئوقۇلدى
- | خەتكۈچ:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، كەپەمنىڭ شۇنداقلا پرېستان ئىككىمىزنىڭ چاڭگىسى – ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىنىڭ ئەزىز مېھمانلىرى، ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەزكۇر مۇنبىرىمىزنىڭ ئىخلاسمەنلىرى:
شۇنداق قىلىپ 11-ئىيۇل كۈنى ئىمتىھان تۈگەپ ياتاقداشلىرىم ۋە مەكتەپداشلىرىمدىن تەركىپ تاپقان «ئۆيىگە قايتىش ئەترىتى»گە باش بولۇپ، گۇئاڭجۇدىن ئۈرۈمچىگە بىۋاستە قاتنايدىغان پويىزدا ئۈچ كېچە، ئىككى كۈندۈزنى ئۆتكۈزۈپ ئۈرۈمچىگە 14-ئىيۇل قەدەم باستىم. 15-ئىيۇل كۈنى سەھەردە بولسا ئۆيۈمگە چۈشۈپ، ئىككى كېچە ئۇخلىۋەتكەندىن كېيىن ھازىر تورغا چىققۇدەك پۇرسەت بولۇپ مەزكۇر يازمامنى يېزىپ تۇرۇپتىمەن.
ئاللاھغا شۈكرى، مېنىڭ ئۆيگە تۆت كۈن سەپەر بىلەن يېتىپ كېلىدىغانلىقىمنى ئاڭلاشقان بلوگگېرلار قاتتىق ۋايىم يەپ، مېنىڭ سەپەردە قاتتىق دىققەتتە بولۇشۇمنى، سالامەتلىككە دىققەت قىلىشىمنى، ئەڭ مۇھىمى زىرىكىپ قالماسلىقىمنى تىلەشتى، ناھايىتى رەھمەت ئەزىزلەر سىلەرگە! زىرىكىپ قالمىدىم، ئەكسىچە نۇرغۇن ساۋاقداش-مەكتەپداشلىرىم بىلەن بىرگە ماڭغاچ، گىتتار ماھىرلىرىنىڭ مۇڭلۇق سازلىرىنى، ناخشىچىلىرىمىزنىڭ خۇشھال ئاۋازىنى ئاڭلىغاچ، بەزىدە دۈمتوقماق، سۆز ئۇيۇنى…قاتارلىق ئويۇنلارنى ئويناپ ھارماي-تالماي، زىرىكمەي كەلدىم.
ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى نېمە بولدى دەمسىز؟ ھەببەللى، ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى مەن ھەدەپ ئىمتىھان بىرىۋاتقان مەزگىلدە تويۇقسىز توختاپ قالغان ئىدى، باشتا بىلسەم تۇرايىمىز ئورۇنلاشقان مۇلازىمىتىر تاجاۋۇزغا ئۇچراپتىكەن، كېيىن تاجاۋۇزچىلارنى چىكىندۈرۈپ تۇرۇشىمغىلا ICP تەستىق نومۇرىنى توختىتىۋېتىپ قاراپ ئولتادى، ICP تەستىق نومۇرىنى بىجىرەي دېسەم ئىمتىھان قاراپ تۇردى، ئىمتىھان بىرىپ بولۇپلا ئۆيگە مېڭىش سەپىرىگە ئاتلىنىپ قالدىم، ھازىر بولسا ئاكامنىڭ كومپىيۇتېرىدا تورغا چىقىپ ئولتۇرۇپتىمەن، بوشلۇق ساتقانلار بىلەن دېيىشىپ قويدۇم، ICP پات يېقىندا ھەل بولغۇسى، ھەل بولغان ھامان تۇرايىمىز ئەسلىگە كەلگۈسى. ئەمما تەتىل مەزگىلى بولغاچ، يازمىلارنىڭ سانى ۋە سۈپىتى بەلگىلىك دەرىجىدە ئازىيىشى مۇمكىن، مەكتەپكە قايتقان ھامان بۇلارنى تولدۇرۋالغۇسىمەن، ئىنشائاللاھ…
خوش، سىلەرچۇ؟ سىلەر نېمە ئىشلار بىلەن؟
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن
- WordPress بلوگگېرلىرى مۇنبىرى قۇرۇلدى، بلوگگېرلار ئەمدى مۇنبەر ئوينايمىز!… (1)
- WordPress كە كۆپ دانە ئۆزى بەلگىلىگەن تىزىملىك ئىقتىدارنى قوشۇش (14)
- ئۇيغۇربەگ نېمە ئىشلارنى قىلىۋاتقاندۇ؟ (9)
- «مۈشۈكياپىلاق دۆلىتى : قورۇقچىنىڭ ئەپسانىسى» دېگەن كارتون فىلىمنى كۆردىڭىزمۇ؟ (12)
- ئۇيغۇربەگنىڭ 500 دوللارلىق كىرىم قىلىش جەريانىدىكى خەتەرلىك سەزگۈرەشتىس (2)
- ئاقسا قىستۇرما «slimbox» ۋە ئۇ ئارقىلىق رەسىم كۆرۈش ئۈنۈمىنى بىر ھەسسە ئاشۇرۇش (22)
- [تەجرىبىلىرىم]AppServ ئارقىلىق PHP مۇھىتى قۇرۇش