شۇنداق قىلىپ گۇگېل ئەۋەتكەن 500 دوللار(جۇڭگو دوللىرى)نى يولداش ئەلشات تەرىپىدىن تاپشۇرۇپ ئالدىم، بۇ مېنىڭ، شۇنداقلا پرېستان ئىككىمىزنىڭ تۇنجى قېتىم ئالغان ئېلان كىرىمى بولدى. تۆۋەندىكى يازمامدا مېنىڭ مۇشۇ 500 جۇڭگو دوللىرىنى ئېلىشتىكى كەچۈرمىشلىرىمنى بايان قىلىمەن…
گۇگېلدىن پۇل تاپماق ھەقىقەتەنمۇ تەسكەن، بېشىدا پرېستاننىڭ تەشەببۇسى بىلەن بېكەتكە ئېلان قويماي، بلوگنى پاكىز تۇتماقچى بولدۇق، كېيىن قارىساق، ئېلان قويسىمۇ ئېلانلىرى خېلى چىرايلىق يارىشىدىغان بېكەت-بلوگلار ناھايىتى كۆپكەن، ‹‹ئېشىكىڭ ئېشەكتىن قالسا قۇلىقىنى كەس››دەپتىكەن دەپ شۇ ھامان نەزەرى بىلەن ئالاقە قىلىپ تۇنجى قېتىملىق ئېلانىمىزنى ئىلتىماس قىلدۇق ھەمدە بلوگغا ئورناتتۇق. ئېلانمۇ تىز چىقتى، بىزمۇ رازى بولۇپ ھەقنى تۆلىدۇق.
ئەپسۇسكى، تۇنجى قېتىم ئېلان ئېلىپ باققان بولغاچقىمۇ، ئېلاننى ئۆزى چەكسە بولمايدىغانلىقىنى بىلمەيتىم، شۇڭا بلوگىمغا چىرايلىق ئېلانلار چىقسا ئۇدۇللۇق چىكىپ ماڭاتتىم، ئەپسۇسكى، بۇ ئېلان قويۇلغىلى بىر قانچە كۈن بولمايلا ‹‹دارغا ئېسىلىپ››ئۆلتۈرۈۋېتىلدى.
كۆڭلۈم ناھايىتى يېرىم بولدى، نەزەرىنى يەنە ئىزدەپ يەنە بىر قېتىم ئېلان ئالدىم، بۇ قېتىممۇ ئېلان ناھايىتى تىز چىقتى، ھە دېدىم، بۇ قېتىملىق ئېلاننى پرېستان باشقۇرىدىغان بولۇپ، ئۆزى بىرقوللۇق ئىشلەپ بلوگنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا چىرايلىق ھەم ئەپلىك قىلىپ ئورناتتى، مەنمۇ بىر قېتىم بۇرنۇمغا يىگەچكە مەكتەپكە ئىلتىماس قىلىپ، كومپىيۇتېرىمنىڭ IP ئادرىسىنى ئالماشتۇردۇم، ئېلانلارنى چىكىشكىمۇ جۈرئەت قىلمىدىم، كىرىممۇ يامان ئەمەس، كۈنىگە نەچچە دوللار كىرىم قىلىپ ماڭدۇق، پرېستان ئىككىمىز ھاياجان ھالدا مۇشۇنداق ماڭسا ئىككى ئاي ئىچىدە يۈز ئەللىك دوللار تاپقۇدەكمىز دەپ خام خىيالمۇ سۈرۈپ ئۈلگۈردۈك، ئەپسۇس…30 نەچچە دوللار بولغاندا ھېساباتىمىز يەنە قەتلىئام قىلىندى، قەتلىئام قىلىنىش سەۋەبىنى ھېچ بىلمىدۇق…
بۇ قېتىم، گۇگېلدىن پۈتۈنلەي ئۈمۈدۈمنى ئۈزمەكچى بولدۇم-يۇ، پرېستان بىلەن دىيىشىپ 890نىڭ ئېلانىنى قۇيىدىغانغا كېلىشتۇق. ھەببەللى، ئاز بولسىمۇ قالايمىقان ئېلان چىقمايدىغان ئۆزىمىزنىڭ ئېلانىنى ئىشلىيەيلى زادى دېيىشتۇق، شۇنىڭ بىلەن 890نىڭ ئېلانىنى قويدۇق، كىرىمغۇ جېق ئەمەس، ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر نەچچە كوي كىرىم قىلدۇق، بولمىسا بىر قانچە موچەن كىرىپ تۇردى، بەزىدە كىرىممۇ يوق، ھەتتا بەزىدە ھەتتا 0.0001 يۈئەنمۇ كىرىم قىلدۇق، يوقتىن ياخشى دەپ دوپپىمىزنى ئاسمانغا ئاتتۇق، ئەپسۇسكى، 890نىڭ ئېلانىنى قويغىلى ئالتە ئايدىن ئاشاي دېدى، تېخى 80گىمۇ توشمىدى(يېغلىغان چىراي ئىپادىسى)…
تەدبىركارنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئۆركەش بلوگىنىڭ ھېساباتىدىن بىر قانال ئايرىتتۇق، ئاندىن بلوگىمىزغا قويدۇق، ئۆركەش بلوگىدىنمۇ كىرىم يامان ئەمەس بولدى، ئىككى ئايدەك قويغاندا 80 نەچچە دوللار بوپتىكەن، كىيىن PINغا مۇناسىۋەتلىك ئىش تۈپەيلى ئېلان بلوگدا كۆرۈنمىگەچ ئېلىۋېتىپ تۇردۇق، ئەڭ ئاخىرىدا كىرىم 100گە يېقىنلىشاي دېگەندە ئۆركەشنىڭ ھېساباتىمۇ شەرەپلىك ھالدا ‹‹قۇربان بولدى››، دوللار تېپىش ئارمىنىمىز يەنە بىر قېتىم سۇغا چىلاشتى، راستىنى دېسەم گۇگېلدىن سەل-پەل ئۈمىدسىزلىنىشكە باشلىغان ئىدۇق…
ئەڭ ئاخىرىدا، ئەلشات دېگەن ياخشى نىيەتلىك بالا ئۇچراپ قالدى، ماڭا قانال ئېچىپ بېرىڭ دېدىم، ماقۇل دېدى، ئېچىپ بەردى. بۇ چاغ كومپىيۇتېرىمنىڭ IP ئادرىسى يېڭىلانغان ۋاقىت ئىدى، ئەلشاتنىڭ ئەسكەرتىشىگە قارىماي ئېلانىمنى راسا چەكتىم، گۇگېلمۇ باشتا ھېس قىلالمىدى بولغاي، كۈنىگە ئاز دېگەندە 5 دوللاردىن چەكتىم، بىر كۈنى ئەلشات بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ، ئاچكۆزلۈكۈم يامان تۇتتى، شۇنىڭ بىلەن بلوگنىڭ ھەممە يەرلىرىنى ئېلان بىلەن توشقۇزۇپ شۇ كۈنى راسا چىكىپتىم. 26 دوللارلىق چىكىپتىمەن(ئەلشات گۇۋاھ)، 130 دوللار بولغان ھېساباتىم(20كۈن ئىچىدە)دىن تۇيۇقسىز پۇل ئازلاپ كەتتى، ئەلشات مېنى ئېلان چەكمەڭ دەپ ئەسكەرتتى ، مەن بولدى قىلماي ئەتىسى يەنە چەكتىم، يەنە 20 نەچچە دوللارلىق چەكتىم، ئەتىسى گۇگېل پۇلنى يەنە تارتىۋالدى، ئەلشات ھاي دېدى، مەن ئۇنىماي يەنە چەكتىم، يەنە 10 نەچچە دوللارلىق چەكتىم، گۇگېل پۇلنى يەنە تارتىۋالدى، ئەلشات يەنە ھاي دېدى، مەن يەنە ئۇنىمىدىم…مۇشۇ تەرىقىدە داۋاملىشىپ بىر كۈنى مەن چەككەن ئېلانلارنى گۇگېل ئۈنۈمسىز دەپ قارايدىغان بولۇپ قاپتۇ(ئۆزۈمنىڭكىنىلا ئەمەس، ئەلشاتنىڭ ۋە بلوگىمىزنىڭ ئېلانىنىمۇ چىكىپ بەش دوللاردىن چىكىپ تۇراتتىم، بۇلاردىمۇ كىرىم يوق بولدى، شۇڭا شۇنداق پەرەز قىلدىم)، ئەلشاتمۇ راسا قورقتى بولغاي، بىر كۈنى گۇگېلدىن تاپشۇرۇۋالغان بىر خەتنى كۆرۈپ ئېلانلىرىمنى قويماي ئۆچۈرۈۋېتىپتۇ (ئەمەلىيەتتە ئۇ ئېلاننىڭ دېگىنىدە سىز تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىش پۇرسىتىنى يارىتىڭ دەپتىكەنتۇق، ھاھاھاھاھا)، شۇنىڭ بىلەن ئەلشاتنىڭ ئېلانىدىن 120نەچچە دوللارلىق كىرىم ياراتقاندا ئايرىلدىم، مەيلى دېدىم، شۇنىڭغا مەن شۈكرى قىپ، ئەلشات بولسا توختاپ قالمىغانلىقىغا خۇش بوپ ئېلان كىرىمىنى ساقلىدۇق، ئەپسۇسكى 120 نەچچە دوللار كۈنسىرى ئازلاپ 80دوللار بولۇپ قولۇمغا تەگدى، شۇنداق قىلىپ بلوگ يېزىپ ماڭغان بۇ ئۆمرۈدە گۇگېلدىن جېق ئەمەس، 500دوللار خەلق پۇلى تاپشۇرۇپ ئالدىم، راستىنى دېسەم ھازىر ناھايىتى خۇشال، تۇنجى قېتىم 500دوللار كىرىم قىلسام خۇش بولماي يېغلىسام بۇلامتى ئەمىسە…
ھازىر پرېستان نامىدىكى يەنە بىر ئېلانىمىز بلوگىمىزغا، مېنىڭ نامىمدىكى بىر ئېلانىمىز كەپەمگە قويۇلدى، ئۇلاردىمۇ 300دوللاردەك پۇل بار، ساق-سالامەت ئالالىساق، پرېستاننىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە Iphone 4sدىن بىرنى سوۋغا قىلايمىكىن دەيمەن…
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن
- [مەخپىي رىتسىپ] WordPressدە مۇكەممەل بوشلۇق كۆچۈرۈشنىڭ سىرى (22)
- SEO ئوينايدىغان بلوگگېر كېلىڭ، SEO قىستۇرمىسىنىڭ ھاجىم دادىسىنى تونۇشتۇرۇپ قوياي… (19)
- [WordPress تېخنىكىسى] مۇناسىۋەتلىك يازما ئۈنۈمىنى قىستۇرمىسىز ھاسىل قىلىش (1)
- ئۇسلۇب: checkerize يېڭىلاندى!
- ئاچا-ئىنى ئوتتۇرىسىدىكى چىن ھىسسىياتنى ئىپادىلەپ بەرگەن ئۇيغۇرچە مىكروكىنو -ئىمتىھان نەتىجىسى (17)
- [ئويلىرىم]‹‹مېنىڭ ئىسمىم خان››دىن تۇغۇلغان ئويلار (13)
- «ئۇيغۇربەگ» دىكى يېقىنقى يېڭىلىقلار… (1)
- [يەرلىك قىستۇرما] WP-beFont – ۋوردپرەس 3.5 نەشىرىگە ئۇيغۇرچە فونت ۋە كىرگۈزگۈچ قىستۇرمىسى (8)
- ئۇيغۇر يېزىقى ھەققىدە (5)
- قازاقىستان دەرۋىش ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ ئەڭ يېڭى مۇڭ ناخشىسى–ھەر ئاخشام (9)
- ئۇيغۇر پاركورچى باللا ئىشلىگەن مىكرو كىنو – سۈرئەت (14)
- [كۆچۈرۈلمە] ئەگەر سىزنىڭ ئىككى ئىنىكىڭىز بولسا… (9)