- سەھىپە:WP تېخنىكىسى, WP قىستۇرمىسى
- | باھا:17
- | زىيارەت: 380 قېتىم ئوقۇلدى
- | خەتكۈچ: ، blog, plugins, Wordpress, قىستۇرما
ئۇيغۇرچە بلوگ ۋە بېكەتلەردە SEO ئوينايدىغانلار ئازراق بولسا كېرەك، شۇنداقتىمۇ يوق بولمىسا كېرەك، خۇددى ئۇيغۇربەگنىڭ كەپىسىدە SEOغا ئائىت ھېچنېمە يوق بولغىنىدەك، خۇددى يولداش پرېستان ئەينى چاغدا بلوگىمىز فىلىم قانىلىنىڭ SEO قىسمىنى ئالامەت ئاقسا ئىشلىگەندەكچۇ. SEOنىڭ ئەڭ مۇھىم نەتىجىسى بلوگ ياكى تور بېكىتىمىز ئۇچۇرىنى ئىزدەش ماتورلىرىنىڭ ئۆمۈچۈكلىرى تەرىپىدىن كۆپرەك «تورغا ئىلىۋېلىش» بولغاچقا، بلوگىمىز ۋە تور بېكىتىمىزنى ئىزدەش ماتورلىرىدىكى ئىزدەش نەتىجىسىگە پايدىسى خېلى كۆپ، بۈگۈنكى يازمىمىزدا مۇشۇنداقراق ئىشلارغا ئەسقاتىدىغان مۇھىم قىستۇرما Google XML Sitemapsنى تونۇشتۇرۇپ قۇياي…
Google XML Sitemaps قىستۇرمىسى ھەققىدە
Simple Google Sitemap بولسا WordPressدىكى بلوگ-توربېكىتىڭىز ئۈچۈن ئاپتوماتىك ھالدا XML Sitemap ھۆججىتى ھاسىل قىلىپ بىرىدىغان قىستۇرما بولۇپ، بوشلۇقىڭىزنىڭ باش مۇندەرىجىسىدە ھاسىل بولۇنغان ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز، مەزكۇر قىستۇرما XML Sitemap ھۆججىتىنى ھاسىل قىلىپ گۇگېل، ياھۇ دېگەندەك داڭلىق ئىزدەش ماتورلىرىغا خەۋەر قىلىپ، بېكىتىڭىز ئۇچۇرلىرىنىڭ سۈمۈرۈۋېلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
Google XML Sitemapsنىڭ ئىشلەش پىرىنسىپى
ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا مەزكۇر قىستۇرما ھاسىل قىلغان Google Sitemap ھۆججىتىدە سىزنىڭ بلوگىڭىزدا ئاشكارا ئېلان قىلغان يازما، ھۆججەتلەرنىڭ ئۇلىنىشى ۋە قوشۇمچە ئۇچۇرلىرى(مەسىلەن خەتكۈچ، كاتىگورىيە دېگەندەك) ساقلانغان بولۇپ، Googleدەك ئىزدەش ماتورلىرى بۇ ھۆججەتنى ئوقۇپ ئىچىدىكى مۇھىم ئۇچۇرلارنى Google ئىزدەش ئۆمۈچۈكىكە قوشۇۋالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرەرسى سىزنىڭ بلوگىڭىزدا بار مەزمۇنلارنى ئىزدەپ قالغىنىدا Google ئىزدەش ماتورى خېلى تىز سۈرئەتتە ساقلىۋالغان ئۇچۇرلاردىن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى سۈزۈپ چىقىرىپ بىرىدۇ.
Google Sitemaps مېنىڭ بلوگىمنىڭ ئىزدەش ماتۇرىدىكى رەت تەرتىپىگە تەسىر قىلامدۇ؟
ھازىر ھېچقانداق يەردە Google Sitemapئىزدەش ماتۇرىدىكى رەت تەرتىپىگە تەسىر قىلىدۇ دەپ كۆرمىدىم، ئەمما Google Sitemapنىڭ ئىزدەش ماتورلىرىدىكى ئەلالاشتۇرۇپ ئىزدەشكە تەسىر قىلىدۇ دەپ ئاڭلىدىم، راستمۇ يالغانمۇ قىشلىق تەتىلگە ئۆيگە قايتقاندا ئاپامدىن سوراپ باقاي…
Google XML Sitemaps قىستۇرمىسىنى ئىشلىتىش
قىستۇرمىنى قاچىلاپ قوزغىتىپ بولغاندىن كېيىن، بلوگ ئارقا سۇپىسىدىكى تەڭشەكلەر قاتارىدا XML Sitemap دېگەن تاللاشنى كۆرىسىز، شۇ يەردىكى تاللاشلار بۇيىچە تەڭشەكلەرنى تەڭشىسىڭىز بولىدۇ. تۆۋەندىكىسى ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىدىكى مەزكۇر قىستۇرمىنىڭ تەڭشەك ھالىتى:
قىستۇرمىنى چۈشۈرۈش
ئارقا سۇپىدىكى قىستۇرما ئىزدەش كۆزنىكىگە Google XML Sitemaps دەپ ئىزدىسىڭىز تاپالايسىز.

توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن
- WordPress سۇپىسىدا يازمىلارغا كود قىستۇرۇشنىڭ بىر نەچچە تەدبىرى (1) (14)
- [تاماشا]دۇنيادىكى ئەڭ راھەت ئورۇندۇق (2)
- ۋىجىت قوللىمايدىغان WordPressئۇسلۇبىنى ۋىجىت قوللايدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىش تەدبىرى (29)
- Anchorage خەلىقئارالىق فىلىم فېستىۋالىدىكى نادىر كارتونلارنىڭ بىرى–سېباستىياننىڭ نەشتىرى (9)
- [ WordPress ھاياتىنى باشلاش ] (1-قىسىم) WordPress نى تونۇش (32)
- ئۆي كۆچكەندىن كېيىن wordpress بلوگىنىڭ تور نامىنى ئۆزگەرتىشنىڭ تەدبىرى (4)
- WordPressدە ئىنكاس يازغاندا چىراي ئىپادىسى قوشۇشنىڭ غەيرىي رەسىمىي تەدبىرى (قىستۇرمىسىز) (15)
- WordPress دە مەلۇم مەزمۇننى پەقەت باشبەتتىلا ياكى 1-بەتتىلا كۆرسىتىش (1)
- ئاڭلىمىدىم دېمەڭلار خالايىق، «2012-يىللىق 10 نادىر بلوگ»نىڭ بېلەت تاشلاش قىسمىنى باشلىۋەتتۇق!… (8)
- كونا بلوگداشلارنىڭ ئۇيغۇربەگدىن كۆپ سورايدىغان سۇئاللىرى ۋە ئۇيغۇربەگنىڭ جاۋابلىرى (22)
- ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى بارلىق بلوگداشلارنىڭ، قېرىنداشلارنىڭ قۇربان ھېيتىنى قۇتلايدۇ… (28)
- يېڭى بلوگداشلارنىڭ ئۇيغۇربەگدىن كۆپ سورايدىغان سۇئاللىرى ۋە جاۋابلىرى (20)