- سەھىپە:ئۇيغۇربەگنىڭ ئويلىرى
- | باھا:22
- | زىيارەت: 1,604 قېتىم ئوقۇلدى
- | خەتكۈچ: ، Wordpress, ئۇيغۇربەگ, بلوگ
ئالدىنقى قېتىم، تۇرايىمىزغا يوللانغان «يېڭى بلوگداشلارنىڭ ئۇيغۇربەگدىن كۆپ سورايدىغان سۇئاللىرى ۋە جاۋابلىرى»ناملىق يازمىمىز يوللانغاندىن كېيىن، مۇشۇ قېرى بلوگداشلارنىڭ سورايدىغان سۇئاللىرى ھەققىدە ھەم بىر يازما يېزىش پىلانىم بار ئىدى، ئەمما بۇ قېرى بلوگداشلار بۇرۇن سورايدىغان سۇئاللىرىنى تەكرارلىماس بولۇۋالغاچ، بۇ ھەقتە يازما يېزىش پىلانىم بىتچىت بولۇپ قاراپ ئولتاردىم. ئەمما، يېقىندىن بۇيان بۇ بلوگداشلارمۇ سۇئاللارنى يامغۇردەك ياغدۇرۇشنى باشلىۋەتتى، مەنمۇ ئاخىرى ئىجادىي يازمىدىن بىرنى يېزىش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم ھەمدە شۇھامان بۇ ئىشقا تۇتۇش قىلدىم!…
ئۇيغۇربەگ يېقىندا تېخنىكا يوللىماس بولىۋالدىڭىزغۇ؟
ج: يېقىندىن بۇيان، بولۇپمۇ تۆتىنچى يىللىققا چىققاندىن بېرى سەل ئالدىراش بولۇپ قالدىم، ئاساسەن دېگۈدەك دەرسلىرىمنى بالدۇر تۈگۈتۈش شۇنداقلا قېلىپ قالغان ئاخىرقى بىر يىلدا كۆپرەك جايلارنى كۆرۈۋېلىش مەقسىتىدە بىكار بولساملا سىرىتقا چاپىدىغان بولۇپ قالدىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە ياش ۋاقتىمدىكى قىزغىنلىق نەگە كەتتىكىن، بۇرۇنقىدەك WordPress ھەققىدە يېڭى بىلىم چىقىپتۇ دېسە ئولتۇرۇپ مالتىلايدىغان ئادىتىممۇ بارغانسىرى يوق بولۇپ قالدى، ئۇنىڭدىن باشقا مۇنداق قاراپ باقسام ھازىر تېخنىكا ياكى ياردەم سوراپ ئولتۇرىدىغان بلوگداشلار بارغانسىرى ئازىيىپ، مۇشۇ ھەقتىكى ئىنكاسلار ئازايغىلى تۇرۇپتۇ، شۇنداقلا ئۆزلىرى ئايرىم تەتقىقاتنى باشلاپ بوپتۇ، شۇڭا مەندىمۇ تېخنىكا يوللاش قىزغىنلىقى پەسەيدى، شۇڭا يىنىك، چۈشۈنۈشلۈك نەرسىلەرنى يوللايدىغان بولىۋالدىم.
يېقىندىن بۇيان يوللاۋاتقان يازمىڭىزدا كىنو، بولۇپمۇ كارتون فىلىم بەكرەك كۆپ تۇرىدۇ، نېمىشقا؟
ج: مەن كىچىكىمدىن قىزىقارلىق نەرسىلەرگە، بولۇپمۇ بەك ئامراقتىم، كىچىككىنە ۋاقىتلىرىمدا خەنسوچە بىلمىگەن ۋاقتىمدا خەنسوچە قاناللاردىكى كارتونلارنى ھارماي كۆرۈپ چىقىدىغان. چوڭ بولغاندىمۇ مۇشۇ ئادىتىمنى تاشلىيالماي كارتون فىلىم بولسىلا كۆرىدىغان بولىۋالدىم. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ مەۋسۈم ماڭا كەلگەن بېسىم ناھايىتى كۆپ، ئوقۇش بېسىمى، ئوقۇش پۈتتۈرۈپ نېمە قىلىش بېسىمى، ۋاي-ۋۇي، بېسىمنىڭ كۆپلۈكىدىن جېنىم ئاز قالغاندا قىسقا فىلىملەرنى كۆرۈش يامان خوش ياقىدىغان بولۇپ قالدى. بولۇپمۇ قىسقا كارتونلارغا، شۇڭا بلوگىمنى تېخنىكىلىق يازمىلار بىلەن تولدۇرالمىغاندىكىن، ماڭا يارىغان قىسقا كارتونلار بىلەن بولسىمۇ تولدۇرۇپ تۇراي دەپ ئويلاپ كارتون يوللاۋاتىمەن.
پرېستان بىلەن نېمە بولدۇڭلار؟
ج: پرېستان بىلەن نېمە بولدۇق؟ شۇنداقلا ياخشىغۇ، پرېستان تورغا چىقىدىغان كومپىيۇتېرىنى قىز دوستىغا بىرىۋېتىپ، تور خانىغا كىرەي دېسە كىملىكىنى يوقىتىۋېتىپ ھازىر تېلىفوندا تورغا چىقىپ كۆنۈپ قاپتۇ، شۇڭا توردا كۆپ كۆرگىلى بولمايدىكەن. بىز شۇنداق ياخشى ئۆتىۋاتىمىز جۇمۇ، پرېستان پات-پات ماڭا مېنىڭ پرېستان بلوگىمغا نۇرقۇتتىن يازما كۆچۈرۈپ يوللاپ قويۇڭ، بولمىسا خەقلەر مېنى ئۆلدۈگە چىقىرىۋەتمىسۇن دەپ تۇرىدۇ…
ئوقۇش پۈتتۈرۈپ نېمە قىلاي دەۋاتىسىز؟
ج: ئاڭلىسام ھازىر مەكتەپنىڭ يېنىدىكى كاۋابچىلار ئۆيىگە قايتىپتۇ، ئۇلارنىڭ سودىسى يامان ياخشىتى، ئوقۇش پۈتتۈرۈپ شۇلارنىڭ ئورنىدا كاۋابخانا ئاچايمىكىن دەيمەن. كەلسەڭلار مەن ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىنىڭ ئىخلاسمەن ئوقۇرمېنى دېسىڭىز كاۋابنى ئەرزانراق بىرىمەن.
ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىنىڭ خاراكتىرىنى ئۆزگەرتىۋەتكۈدەكسىزدە ئەمىسە
ج: مەن ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىنى ئەزەلدىن ئاممىباب بلوگ دەپ قارايتىم، كۆپلىگەن بلوگداشلار WordPress بىلىملىرى بلوگى، تېخنىكا بلوگى دەپ قارايدىكەن، قارىغاندا WordPress ھەققىدىكى مەزمۇنلارنى كۆپ يوللىغاچقا شۇنداق ئاتىلىپ قالغان بولسا كېرەك. ئەمما ھازىر تېخنىكا ئۆگىنىدىغان ۋاقتىم ئازراق بولغاچقا، بۇنىڭدىن كېيىن مەن كۆرگەن ياخشى، نادىر كىنولارنى تونۇشتۇرۇپ ياكى تەسىرات ماقالىسىنى يوللاپ تۇرۇشنى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلار ئىشلىگەن قىسقا فىلىم، مىكرو كىنو ۋە باشقىلارنىڭ نادىر قىسقا كارتونلىرى يوللاپ تۇرايمىكىن دەيمەن. ئەلۋەتتە، ۋاقتىم يار بەرسە WordPress ھەققىدىكى نادىر يازمىلارنىمۇ يوللاپ تۇرغۇسىمەن.راستنى دېسەم، پرېستان يوق، WordPress ئۆگىنىش قىزغىنلىقىم بەك چۈشۈپ كەتتى.
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن
- WordPressچىلەر ئۈچۈن تەۋسىيە كىتاب: WordPress بلوگ قۇرۇش ۋە شۇغۇللىنىش (1)
- [كۆچۈرۈلمە] ئەگەر سىزنىڭ ئىككى ئىنىكىڭىز بولسا… (9)
- بلوگ ئۈچۈن پىكىرخانا(پىكىر يېزىش دەپتىرى)ئېچىش (7)
- wp-php-widget قىستۇرمىسى ۋە ئۇنى ئىشلىتىش (4)
- [تەۋسىيە يۇمتال]Photoshop CS5 Extend يېشىل كۈچەيتىلگەن نۇسخىسى
- [تەۋسىيە يۇمتال]Notepad++ ھەقسىز،ئۇچۇق كودلۇق تەھرىرلەش قورالى
- تاشقى پىلانىتتىكىلەر دىققەت:تۇرايىمىز ئۇسلۇبىنىڭ نەشىرى يۇقىرىتىلدى (15)