- سەھىپە:ئۇنىۋېرسال
- | باھا:9
- | زىيارەت: 1,666 قېتىم ئوقۇلدى
- | خەتكۈچ: ، ئۇيغۇر, كۆچۈرۈلمە
دېموكراتىزىم: ئىككى ئىنىكىڭىز بولسا قوشنىلىرىڭىز بېلەت تاشلاپ سۈت كىمگە تەۋە، ئاق ئىنەك كىمنىڭ، قارا ئىنەكنى كىم ئالىدۇ… دېگەنلەرنى قارار قىلىدۇ. ناتسىسىزىم: ئىككى ئىنىكىڭىز بولسا، ھۆكۈمەت ئىككىسىنىلا ئېلىۋالىدۇ، سىز ئوق يەيسىز، ئاندىن ئۆيىڭىزدىكىلەر ئوقنىڭ پۇلىنى تۆلەيدۇ…
فاشىزىم: ئىككى ئىنىكىڭىز بولسا ھۆكۈمەت ئىككىلىسىنى ئېلىۋالىدۇ، سىزگە سۈتىنى زورلاپ ساتىدۇ، ئالمىسىڭىز يىغىۋېلىش ئورنىغا بېرىپ قېلىشىڭىز بار.
كاپىتالىزىم: ئىككى ئىنىكىڭىز بولسا، بىرىنى سېتىپ بۇقا ئالىسىز-دە بىر قوتان كالىڭىز بولىدۇ. (ئىقتىسادىي كىرزىس يۈز بەرمىسىلا)
سوۋېتچە كوممۇنىزىم: ئىككى ئىنىكىڭىز بولسا ھۆكۈمەت ئىككىلىسىنى ئېلىۋالىدۇ، سىزگە ئىشىڭىزغا قاراپ بۇزۇلۇپ قالغان سۈتتىن بېرىدۇ.
بيۇروكراتىزىم: ئىككى ئىنىكىڭىز بولسا ھۆكۈمەت ئاۋۋال سىزنىڭ ئۇنى باقالايدىغان-باقالمايدىغانلىقىڭىزنى، ساغالايدىغان-ساغالمايدىغانلىقىڭىزنى تەكشۈرىدۇ؛ سىزنىڭ ساغالايدىغانلىقىڭىزنى بىلگەندە سىزنى ساغماسلىققا بۇيرۇيدۇ. ئاندىن ئىككىلا كالىڭىزنى ئېلىۋالىدۇ. بىرىنى ئاتىدۇ، يەنە بىرىنى سېغىپ سۈتىنى تۆكۈۋېتىدۇ. ئاندىن سىزگە ”مەن ئىنەكلىرىمنى قانداق يوقاتتىم“ دەپ 17 ۋاراقلىق بىر ئارخىپ بېرىدۇ، توشقۇزىسىز.
ئانارخىزىم: ئىككى ئىنىكىڭىز بولسا ھۆكۈمەت ھەر ئىككىسىنى ئېلىۋالىدۇ، سىزگە سۈت تىلەش دۇئاسى ئۆگىتىدۇ.
دارۋىنىزىم: ئىككى ئىنىكىڭىز بولسا ئۇلار تەدرىجى تەرەققى قىلىپ… سىزنى سېغىپ ئىچىدۇ.
دېموكراتىزىم: ئىككى ئىنىكىڭىز بولسا قوشنىلىرىڭىز بېلەت تاشلاپ سۈت كىمگە تەۋە، ئاق ئىنەك كىمنىڭ، قارا ئىنەكنى كىم ئالىدۇ… دېگەنلەرنى قارار قىلىدۇ.
فېئودالىزىم: ئىككى ئىنىكىڭىز بولسا سىز ئىنەكلىرىڭىز بىلەن خوجايىنىڭىزغا ئىشلەيسىز، سۈتىنى ئۆزىڭىز ئىچىسىز.
ئىدېئالىزىم: ئىككى ئىنىكىم بولسا… توي قىلسام، ئىنەكلەرنى خوتۇن باقسا، خوتۇن ساغسا… ھەر ئەتىگىنى ناشتىدا ئەتكەنچاي قىلىپ ئالدىمغا ئېلىپ كەلسە…
لىبېرالىزىم: ئىككى ئىنىكىڭىز بولسا ھەر ئىككىسىنى بىر بايغا ساتىسىز، ھۆكۈمەت ئۇ بايدىن بىر ئىنەكنى باجغا ئېلىپ يەنە بىر نامراتقا بېرىدۇ.
رۇسىيىزىم: ئىنەكلىرىڭىزنى سانايسىز: بىر سانىسىڭىز 5 چىقىدۇ، قايتا سانىسىڭىز 42 چىقىدۇ، يەنە بىر سانايسىز 15 يېرىم… شۇنىڭ بىلەن ساناشتىن توختايسىز-دە، يەنە بىر قۇتا ۋودكىنى قولىڭىزغا ئالىسىز.
بلوگداشىزىم: بۇ ئىككى ئىنىكىڭىز چوقۇم بلوگداشلارنىڭ گۇگېل ئېلانلىرىڭىزنى چىكىپ بېرىپ كەلگەن ئېلان كىرىمىدىن كەلگەن، دېمەك بۇ ئىنەكلەردە باشقا بلوگداشلارنىڭ ھەم ھەققى بار…
تورداشلارنىڭ كاللىسىغا يەنە قانداق ئىزىملار كەلگەن بولغىيتى؟…
ئەسلى مەنبە: نامەلۇم، ھازىرقى مەنبە: كۆكلەم تورى
مەنزىل: http://www.koklem.com/forum.php?mod=viewthread&tid=2865
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن
- ئەلكۈيىدە يېزىشقان خەتلەر-2 (8)
- [يۇمتال چۈشۈرۈش] قۇتيار يۇمتال توپلىمى 1.0
- Prestan Simple 3 نەشىرىنى جىددي ياساۋاتىمەن، تەكلىپ پىكىر بارمۇ؟ (27)
- [تەنەپپۇس مەزگىلى] ‹‹قازاق رېۋايىتى-Sagim dunie››نى تىڭشاپ كۆرگۈلۇق!…
- Web فونتى(خەت نۇسخىسى) چۈشەندۈرۈلۈشى ۋە ھەرقايسى جاھاننامىلەردىكى سىغىشچانلىقى ھەققىدە بايان(تەرجىمە)
- «1-قىسىم» HTML ئارقىلىق ئاددى تور بەت ياساش
- ئوھۇش، كۆزۈمدىن يوقالغىنا، WordPress كېرىش بېتىنىڭ سەتى! (33)
- WordPress ئويناۋاتقانلارغا بىر قانچە تەۋسىيە بېكەت، چوقۇم سىز دائىم كىرىپ تۇرىدىغانلىرى بار… (8)
- بۇ قېتىم مەنمۇ قاراپ ئولتامىدىم، ئىجادىي بولمىسىمۇ ئۆزلەشتۈرمە ئۇسلۇب تارقىتىمەن، نامى: D4 (94)
- Windows بوشلۇقىدا ساختا تىنچ بەت(伪静态) ھاسىل قىلىشنىڭ تەدبىرى (15)
- [مەخپىي رېتسىپ] jQuery ئارقىلىق يۆتكىلىشچان ۋىجىت ياساشنىڭ تەدبىرى، ئۆگەنمىگەنلەر ئارماندا!… (22)
- WordPressدىكى خەتكۈچ ۋىجىتىدە خەتكۈچدىكى يازما سانىنى كۆرسىتىشنىڭ تەدبىرى (13)