- سەھىپە:ئۇنىۋېرسال
- | باھا:8
- | زىيارەت: 1 قېتىم ئوقۇلدى
- | خەتكۈچ: ، ئۇيغۇربەگ, ئەسلىمە
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ساۋاقدىشىم ئۇيغۇربەگ؛ جاۋاب خېتىڭنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇش بولدۇم،خەتلىرىڭنى ئوقۇغاچ ئاشۇ يات،ئەمما مېھرى ئىسسىق سىنىپنى قايتا ئەسلەپ قالدىم،سىلەر-قەدىرلىك ساۋاقداشلىرىم ھەم ئېسىمگە كەچتى،شۇ تاپتاھەربىرىڭلار بىر-بىرلەپ كۆز ئالدىمدىن ئۆتۈۋاتىسىلەر، راسىت دەيمەن.ئەنە،ھەممە ھەۋەس قىلىدىغان خاتىمەنىڭ ئۇزۇن چاچلىرى، ھەممە ھەيران قالىدىغان مەربىيەنىڭ پۇتۇن بىنانى بىر ئالىدىغان كۈلكىسى، ھەممىمىز تەپ تارتىدىغان ئەسقەتنىڭ قوشما قاشلىرى، سىنېپ باشلىقىمىز نىجاتنىڭ كەلپىنچە ئوماق گەپلىرى،ئاۋۇ قازاق ساۋاقدىشىمىز مارالنىڭ قىزىقلىرى،موڭغۇل دوستىمىز بايىرنىڭ ئوماق ئۇيغۇرچە گەپ قىلىشلىرى...
سىلەرنى ئەسلەپ ئولتۇرۇپ،مەكتەپتىكى تۇرمۇشىمنى ھەم ئويلاپ قالدىم،تۆت كۆزىمىز بىلەن زېرىقىپ كۈتكەن يەكشەنبە ئاران كېلەتتى. ھازىر ئويلىسام بەك ئاچچىغىم كېلىدۇ . چۇنكى ئاران كەلگەن شۇ يەكشەنبىدىمۇ خاتىرجەم ئۇخلىغىلى بولمايدۇ. چۇنكى ئەتىگەندە چوقۇم تاماققا چىقمىساق بولمايدۇ. لىكىن يەكشەنبە ئاجايىپ مەنىلىك ھە! ئەتىگەندە سىنىپقا چىقىپ شىنجاڭدىن ئەكەلگەن پلاستىنكلارنى گاھ كۈلۈپ گاھ يىغلاپ تورۇپ كۆرەتتۇق. ئاندىن تېخى بەزىدە ۋالىبول ھەۋەسكارلىرى بىرلىكتە مەيداندا توپ ئويناتتۇق. ھەممە خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار ئۆيگە كەتكەن يەكشەنبە مەكتەپ بىزگە ئوڭچى قالاتتى. بازارغا چىقىدىغان كۈنىمىز بولۇپ قالسا بىر سىنېپ باللىلىرى بىرنەچچە ياساۋۇل ، سەركەردە ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ قوغدىشى بىلەن بىرگە ئىككى چامدام كېلىدىغان ھىلىقى تاللا بازىرىغا باراتتۇق.شۇ چاغدا ئۆزۈمنى بەك خاتىرجەم ھىساپلايتىم،چۇنكى شۇنچە كۆپ كۆزلەر ساڭا تىكىلىپ ،سېنى قوغدايدۇ ئەمەسمۇ؟ ھازىر كۆزۇمنى ئىتىپ قويساڭمۇ شۇ تاللا بازىرىنى چوقۇم تاپالايمەن. كىر-قاتلار يەنە شۇ كۈتۈپ تۇرىدىغان يەكشەنبە كۈنىمىزدىكى پائالىيەت ئىدى. بىر كۈن ئەنە شۇ ئالدىراشچىلىقلار بىلەن ئۆتەتتى. كەچ بولاتتى يەنە شۇ 42 مىزدىن تەركىپ تاپقان ئىللىق ماكان بىزنى ئۆز قوينىغا ئالاتتى.
كۈنلەر شۇ رىتىم بىلەن داۋاملىشاتتى. ئەتىگەن بولاتتى، كەچ بولاتتى (سىھىرلىك خالتىمۇ ) كۈندىن -كۈنگە كۆپ نەرسىلەرنى تەلەپ قىلىپ، خورىكى ئۆسۈپ ئاخىرى بىر چايدان قايناق سۇمۇ ئۇنىڭغا پىتىپ كىتىدىغان بولدى. ھەي ، ئامال قانچە ھەممە نەرسە ئۆسىۋاتقاندا سىلەرنىڭ بىجىڭلارنىڭ ئۆسۈشىنىمۇ توغرا چۇشەنمەي ئامال يوق...ئادەمنى خوش قىلىپ ھېيىتلارمۇ ئاخىرى كىلەتتى. ئەتىگەندىن -كەچكىچە ھېيىتلاپ ھىرىپ، كەچتە قائىدىمىز بويىچە مەشرەپ ئۆتكۈزەتتۇق. توۋۋا دەيمەن ئاخىردا ئوغۇللارنىڭ ھېيىتلىشى قىزلارنىڭ ئىشكاپلىرىغىچە بولاتتى ھە. سىلەردىن يوشۇرۇپ قويۇلغان نازۇ -نىمەتلەر ( فىرىما، نان ، تەييار چۆپ) قاتارلىقلار نەق ۋاقتىدا سېلەر تەرەپتىن مۇسادىرە قىلىنىپ ئېلىپ كېتىلەتتى. بوپتۇ، ئاكىلارساۋاقداشلار ئەمەسمۇ دەپ چىشىمىزنى چىشلەشتىن باشقا ئامال يوق دىگىنە...
ياڭجۇنىڭ قىشى ئاجايىپ ھە! جاندىن ئۆتىدىغان سوغ لىكىن قار يوق. ئەمما بىز بارغان يىلى قارنى تەڭ چىللاپ بارغان ئىدۇق ... ھىلىمۇ ئىسىمدە بىز قار بۇۋاي ياسىساق ، ئۇزۇن يىل قار كۆرۇپ باقمىغان خەنزۇ بالىلار ھەيران قالغان ئىدى. ئىسىڭدىدۇ، بىز شىنجاڭدا ئانچە قەدرىنى قىلىپ كەتمەيدىغان نەۋرۇز بىزنىڭ ئىككىنجى يۇرتىمىزدا بەك قىززاتتى . ئۆزىمىز تەشكىللىۋالغان ئەدەبىيات گۇرپىمىز نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئاز ئەمما ساز ئۆتكۈزەتتۇق. شىنجاڭ سىنىپىدىكى ھەممەيلەن بەك ئىناق ئىدۇق . بولۇپمۇ بىز بىرىجى تۇركۈم بالىلار بولغاچقىمىكىن ھە! بىرەرىمىزنىڭ ئىشى چىقىپ قالسا تەڭ ھەل قىلاتتۇق، بىرەرىمىزنىڭ يىراقتىكى بىرەر تۇققىنى تۇگەپ قالسا ھەممەيلەن تەڭ شۇنىڭ بىلەن مۇسىبەتتە بولاتتۇق، بىرەرىمىز ئاغرىپ قالساق ئۈستىلىمىز ئۈستىدە قايناقسۇ، دورىلار تەييار تۇراتتى، بىرەرىگە سىنىپتىكى بىرەرنىڭ كۆڭلى چۇشۇپ قالغان بولسا ھەممەيلەن بىرلىكتە خەت توشۇپ ، خەۋەر يەتكۈزۈپ ياردەم قىلاتتۇق. كۆڭڭۈللۈك چاغلاركەن ئۇ...
توغرا،نەچچە يىللىق ئىچىكىر تۇرمۇشىدا بىز ئاتا-ئانىلىرىمىزنى يىلدا بىر كۆردۇق، ئۆز تۇرمۇشىمىزدىن ، مەدەنىيىتىمىزدىن ئايرىلدۇق، داۋاملىق مەكتەپ ئىچىدە يۈرۈپ جەمئىيەت دىگەننى ئانچە چۇشەنمەس بولۇپ قالدۇق، دۇنيانىڭ چوڭ ئىشلىرىدىن كىيىن خەۋەر تاپتۇق ئەمما بىز ئۆكۈنمەيتۇق چۇنكى ئىچكىردىكى شۇ تۇرمۇشتىن بىز يۇرت، ئانا ماكان قەدرىنى بىلدۇق، باشقىلار بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ۋاقىت قارىشىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى ئايرىۋالدۇق، نىمېنىڭ ھەقىقى ئۈگۈنۇش ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدۇق، غايە ، نىشان ئۇچۇن ھەرۋاقىت بەلنى چىڭ باغلىيالايدىغان بولدۇق، ئانا تىلنىڭ قەدرىگە يەتتۇق ، دوستلۇق ، ساۋاقداشلىق مىھىر- مۇھەببىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلىۋالدۇق، كىشلىك مۇناسىۋەتكە ئۇل سالدۇق، مائارىپىمىزدىكى پەرىقنىڭ سەۋەبىنى كۆردۇق، ئەڭ موھىمى بىز ئىچكىردىكى تۇرمۇشتىن مۇستەقىللىقنى، دادىللىقنى ئۈگەندۇق...
ھايات قىززىقكەن ھە! ئۇزىمايدىغان سورۇن يوق بولغىنىدەك بىزمۇ بۇ يىل بىرلىكتە ئاشۇ ياۋۇز ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى بىرىپ، ئۆز ئارزۇلىرىمىز بويىچە مەملىكەتنىڭ ھەممە جايلىرىغا كەتتۇق. گەرچە تولۇق ئوتتۇرانى 4يىل ئوقۇغان بولساممۇ[بىر يىل تەييارلىق] ، لىكىن سىلەر بىلەن بىللە ئوقۇغان بولسام بۇنىڭدىن ئۇزاق ئوقوشقىمۇ رازى ئىدىم.
بەزى بىر سەۋەپلەر بىلەن سىلەردىن بىر يىل بۇرۇن ئايرىلىپ شىنجاڭدا ئوقۇدۇم. شۇ بىر يىلنى قانداق ئۆتكۈزگەننى بىلەمسەن. بولتۇرقى 8-ئاينىڭ 6 سىلەر كەتكەن شۇ كۈندىن بېرى بىرقىسمىلا بولۇپ قالغان ئىدىم. مەن ئۆزۇمنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر نەرسسىسىنى شۇ كۈنى يۈتتۈرۈپ قويغان ئىدىم. ئوخشاش بولمىغان ئىدىيە، ھە دىسىلا مال-دۇنيا ، كېيىم -كېچەكنىڭ غېمى ئۇچۇن يۇرىدىغان ئادەملەر بىلەن توپلانغان موھىت مېنى قىيناتتى. شۇچاغدا ئاددى- ساددا، باشقىلارنىڭ غەلبىسىنى كۆرسە تەڭ خوش بولىدىغان يىراق جاڭسۇدىكى شۇ سىنىپىم ئېسىمگە كېلەتتى. سىلەرنى سىغىناتتم...بولدىلا بۇلارنى دىسەم يىغلاپ كېتىمەن. شۇ تاپتا بەك خوشالمەن . چۇنكى قايسى كۈنى تەتىل بولۇپ كېلىپ بىرنەچچەيلەن يىغىلدۇق ئەمەسمۇ...
بولدى ، ئۇيغۇربەگ ؛ بىزنىڭ ئىناق سىنىپىمىز ھەرگىز چىچىلىپ كەتمەيدۇ شۇنداقمۇ؟ ئۇلۇغ ئىگەم يامان كۆزلەردىن ساقلىغاي. ھەممەيلەن مەيلى قەيەردە بولمايلى، دىلىمىز، تىلىمىز بىر شۇنداقمۇ؟ جاڭسۇ ئۆلكىلىك خەنجىياڭ ئوتتۇرامەكتىپىدىكى ھەربىر ساۋاقدىشىمنىڭ ئۇگۈنىشىگە ئۇتۇق ، ئامەت تىلەيمەن. ئىگەم ئىشلارنى ئاسان قىلغاي.
خەيىر ساۋاقدىشىم، كىيىنكى خەتتە كۆرۈشەرمىز ھە! ئاللاغا ئامانەت !...
2010 - 02 - 18 شەھىرى ئۈرۈمچى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم زۇلئاي،
سالامەت تۇردۇڭمۇ؟ نەچچە كۈن ئالدىدا يوللانغان جاۋاب خېتىڭنى كۆرگەن بولساممۇ،ئالدىراشچىلىقدا ۋاقىت چىقىرالمايۋاتىمەن.بۈگۈن قارىسام ئەلكۈيىدە مەلەكقىز يەنە جۈيلۈگىلى تورۇپتۇ،ئىچىمدە كۈلگەچ سېنىڭ خېتىڭنى قايتا ئوقۇدۇم.ئويلاپ باقسام بىزنىڭ خەتلىرىمىز بىر ھىسابدا ئىچكىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا ھاياتىنىڭ بىر كارتىنىسى ئىكەن.ئەلۋەتتە،بۇ پەقەت بىر كىچىك كارتىنىسى خالاس!....
بىز ئوغۇللارنىڭ تۇرمۇشى سىلەرنىڭكىدىن پەرىقلەنمەيدۇ.گەرچە سىلەردەك بەشتە ئورنىمىزدىن تۇرالمىساقمۇ،سائەت دەل 5:59 ئۆتكەندە تۇرسۇننىڭ سائىتى،6:00بولغاندا مېنىڭ،6:01بولغاندا ئەسقەتنىڭ،6:02بولغاندا غادىلنىڭ سائىتى جىرىڭلايدۇ،ھەممىمىز نۆۋەت بۇيىچە سائەتنى بېسىۋېتىپ ئەڭ ئاخىرقى سىگنال مۇخلىسنىڭ سائەت 6:05 دە جىرىڭلايدىغان سائىتىنى ساقلايمىز،ۋاقىت توشقان ھامان مانا تاماشا،تۇيۇقسىز باشلانغان جەڭگە ئاتلانغان ئەسكەرلەردەك چاقماق سۈرئىتىدە يوتقان-كۆرپىلىرىمىزنى يىغىمىزدە كارىۋاتتىن سەكرەپ چۈشۈپ كىيىم-كېچەككە ئېتىلىمىز.ئاندىن ئىككىمىز سىرىتقا،ئىككىمىز تازىلىق ئۆيىگە،قالغان بىرىمىز سۈپۈرگىگە يۈگۈرەيمىز.ئىشقىلىپ يەنە شۇ چاقماق سۈرئىتىدە ھەممە ئىشنى تۈگىتىپ تاماقنى يەپ ئەتىگەنلىك مۇزاكىرىگە ئاران ئۈلگۈرىمىز(ئەمدى شۇ بەزىدە كىچىكىپ قالساق، سىنىپ باشلىقىغا كۆرۈنمەي كىرىۋالساق بولىدۇ...)ئەتىگەندە بەزىدە تۆت سائەت،بەزىدە بەش سائەت بولۇپ قالىدىغان دەرس ۋاقتىنى دىمىسەممۇ بولار.ھەممىدىن مۇھىمى ئەڭ ئاخىرقى سائەت-چۈشلۈك تاماققا تەييارلىق قىلىۋاتقان ۋاقىت.بۇ چاغدا قورساقلىرىمىز ئېچىپ دىققىتىمىز دەرسدە ئەمەس ئاشخانىدا بۈگۈن نىمە ئەتكەندۇ؟پولۇمۇ ياكى يەنە شۇ قورۇق گاڭپەنمۇ؟ نىمە قورۇما قىلغاندۇ؟ بەتتام كۆكتاتمۇ ياكى ...ھەر بەش مېنۇتتا سېنىپنىڭ ئالدى تېمىغا ئېسىلغان تام سائىتىگە قاراپ...ۋاي ۋاي ،ئىشقىلىپ ئەڭ ئاخىرقى شۇ بىرمىنۇتتا قۇلىقىمىز مەكتەپ سىگنالى بىلەن مۇئەللىمنىڭ <<دەرىسدىن چۈشۈڭلار!...>>دېگەن سۆزى ئۈچۈن دىڭ تۇراتتى.دەرسدىن چۈشتۇقمۇ،خۇددى مارافون مۇسابىقىسىگە چۈشكەن تەنھەرىكەتچىلەردەك يورغىلاپ ئاشخانىغا چاپاتتۇق.قورساق تۇيىدىغان ئەمما قۇۋۋەتسىز تاماقلىرىنى يىگەچ ئۆتمۈش پاراڭلىرىغا،بەزىدە تېخى ئېقىم مەسىلىلىرىگە چۈشەتتۇق.ئويلاپ باقسام بىزنىڭ،ئوغۇللارنىڭ ئەڭ گۈزەل ۋاقتى شۇ چۈشلۈك تاماق ۋاقتى ئىكەن دىگىنە.ئاندىن ياتاققا قايتقاندا بىردەم پاراڭ سېلىۋەتكەندىن كىيىن ياكى كىيىم يۇيغاندىن كىيىن، چۈشلۈك ئۇيقۇغا دۈم چۈشەتتۇق(قارىغاندا سىلەر قىزلار چۈشلۈكىمۇ دەرسكە قارايدىكەنسىلەر ھە،بىز ئوغۇللاردىن چۈشلۈكى دەرسكە قارايدىغان پەيت تولۇق ئۈچۈنچى يىللىق ۋاقتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى شۇ كۈنلەردە ئىدىغۇ دەيمەن...)
چۈشتىن كىيىنكى تۆت سائەتلىك دەرسمۇ سەن دىگەندەك شۇنداق مەنىسىز ئۆتىدۇ.ھە راست دىيىشنى ئۇنتۇلۇپ قاپتىمەن،ئوغۇللارنىڭ يوتقىنى چۈشدە يىغىلمايدۇ جۇمۇ!ھى ھى...چۈشتىن كىيىن ياتاق تەكشۈرمەيدۇ ئەمەسمۇ!كەچلىك تاماقنى قىزلاردىن ئۆچىرەت تالىشىپ يىگەندىن كىيىن،كەچلىك مۇزاكىرىگىچە بولغان بىر سائەت ۋاقىتتا بەزىلىرىمىز توپ ئوينايتتۇق،بەزىلىمىز كەچتە يادغا يازغۇزىدىغان لىبەي،دۇفۇ دىگەندەكلەرنىڭ شېئىرلىرى بولۇپ قالسا كىتابنى كۆتۈرۈپ چىقىپ كېتەتتۇق،بەزىلىمىز تۆۋەن يىللىقدىكى ئىنى-سىڭىللىرىمىز پاراڭلىشاتتۇق،ئىشقىلىپ كەچلىك مۇزاكىرىدىن بورۇن سىنىپدا ئانچە كۆپ ئادەم قالمايدۇ.كەچلىك مۇزاكىرىنى شۇنداق جاپادا ئۆتكۈزگەندىن كىيىن ياتاققا-ئوغۇللار سېپىغا قايتاتتۇق.يولدا ياتاقداشلار ماڭغاچ ئالدىنقى كۈنى كىملەرگە پوسولكا كەلگەنلىكىنى سۈرۈشتۈرەتتۇق،سىنىپىمىزنىڭ پوچتا ھەيئىتى-يولداش غادىل بۇرادەر(قازاق بۇرادىرىمىز)بىزنىڭ ياتاقدا بولغاچ كىملەرگە نىمە كەلگەنلىكىنى بىلىپ تۇراتتى،ئاندىن تەييارلاپ قويغان ھېلىقى <<سېھىرلىك خالتىمىز>>نى تەييارلاپ چىراقنىڭ ئۆچۈشىنى،ياتاق باشقۇرغۇچىسىنىڭ ياتاق تەكشۈرۈپ بولۇشىنى كۈتەتتۇق،ئاندىن پەم بىلەن بېرىپ يا تېلىفۇن ئارقىلىق،يا ۋارقىراپ شۇ <<نەس باسقان ياتاق>>قا بالا قورساق <<خالتا>>مىزنى تاشلاپ سىلەردىن <<توشۇش بېجى(يەنى كەلگەن پوسولكا-خالتاڭلارنى كۆتۈرۈشۈپ بەرگەن ھەققى)>>،<<مېھىر ھەققى(يەنى ساۋاقداشلىق مېھىر ھەققى)>>،<<ئۆشىرە-زاكات>>تەلەپ قىلاتتۇق.ئاندىن كەلگەن <<زاكات>>نى سوتسىيالىزىمنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەۋرىكى كوممۇنىزىم دەۋرىدىكى بۆلۈش ئۆلچىمى بىلەن تەڭ تەقسىمات قىلاتتۇق.بۇ ئارقىلىق قۇۋۋەتسز يىمەكلىكلەرنىڭ ئورنىنى يۇرتىمىزنىڭ يەرلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن گوللايتۇق!...ھەي شۇ، بۇ مەشخۇلات تۈگىگەندىن كىيىن كارىۋاتقا چىقىپ ئوڭ قۇلىمىزغا قولچىراق،سول قولدا كىتاپ ئېلىپ ئۆگىنىشكە تەييارلىق قىلاتتۇقيۇ-تۇيۇقسىز پاراڭ باشلىنىپ بۈگۈن سىنىپدا بولغان قىززىقلاردىن تارتىپ بىز تۇلۇقسىز ۋە ھەتتا ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى مەزگىللەردىكى <<خەتەرلىك سەزگۈرەشتىلىرىمىز>>،ئوقۇغان كىتاب،كۆرگەن كىنولاردىن <<ئۈزۈندە>>،ياشلىق ،بەزىدە <<قىزلار>>ھەققىدە شىرىن ئويلىرىمىزنى سۆزلەپ-سۆزلەپ سائەت ئون ئىككىلەرگە باراتتى،ئاندىن ۋاي باللا ئەتە سائەت ئالتىدە تۇراتتۇققۇ دىيىشىپ كىتابنى پاققىدە تاشلاپ بۇخاراغا ساياھەتكە باراتتۇق.
مانا بۇ بىزنىڭ دەرس ۋاقتىدىكى بىر كۈنىمىز.دەم ئېلىش كۈنىدىكى بىر كۈنىمىزنىڭ كەچلىگى ئۈچىنچى ئابزاس بىلەن ئوخشاش،چۈشدىن بۇرۇن ئاساسلىقى دىۋىدەك ئۇخلاش،كىر يۇيۇش،سىرىتقا چىقىدىغان كۈن بوپقالسا سىرىتقا چىقىپ نەرسە كېرەك سېتىۋېلىش،چۈشدىن كىيىن ئۇخلاش ياكى توپ ئويناشدۇر...
شۇنداق قىلىپ جىياڭسۇ ئۆلكىلىك خەنجىياڭ ئوتتۇرا مەكتىپى (ياڭجۇ شەھىرى) شىنجاڭ سىنىپ 2005-يىللىقى ئوغۇللار 602-ياتىقىدىكى ئوغۇللارنىڭ بىر كۈنلۈك ھاياتى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشدى.زېرىكمەي كۆرگىنىڭلارغا رەھمەت!(چاۋاك....)
خەيىر،زۇلئاي،خېتىمنى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشدۇراي.بۇ يەردە بىر سىڭىلچاق تېپىۋاپسەن،مارەك ۋوغاي،ياخشىراق تونۇشۇپ قالساڭ ماڭا تونۇشتۇرۇپ قويۇشنى ئۇنتۇلۇپ قالما ھە!...
سېنى ئاللاھقا تاپشۇردۇم،كىيىنكى خەتلەردە كۆرۈشەيلى!
2010-يىلى 18-فىۋرال شەھىرى توقسۇ
مۇناسىۋەتلىك يازما:

توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن
- Prestan Simple 2.0 ئۇسلۇبى ئېلان قىلىندى، چۈشۈرمىگەن بلوگگېرلار ئارماندا… (39)
- [بلوگگېرلار چايخانىسى] يېڭى بلوگگېرلارغا تۆت دەرس
- WordPress نىڭ Embed ئىقتىدارى ئارقىلىق Youku دىكى فىلىملارنى يازمىغا قىستۇرۇش (29)
- [تەنەپپۇس مەزگىلى] سەرەڭگە ئادەمنىڭ 80 خىل ئۆلۈمى
- ئەمرە ئالتۇغ ئىجراسىدىكى مۇڭ ناخشا ‹‹ئاشىق قىيامەت››(ئۇيغۇرچە خەتلىك)
- [ئويلىنىش]Pjblog4 دەۋرىگە قاچان كىرەرمىز؟ (1)
- [WordPress ئۇسلۇبى] checkerize (ھەقلىق+ھەقسىز=ھەقسىز) (18)