- سەھىپە:WP تېخنىكىسى
- | باھا:7
- | زىيارەت: 1,506 قېتىم ئوقۇلدى
- | خەتكۈچ: ، Wordpress
بلوگىڭىزنىڭ پارولىنى ئۇنتۇپ قالسىڭىز قانداق قىلىسىز؟ ئېلخەت ئەۋەتىشىڭىز مۇمكىن، ئەگەر ئېلخەت ئادرېسىڭىزنى ئۇنتۇپ قالسىڭىز قانداق قىلىسىز؟ ياكى ئېلخەت ئادرېسىڭىزنى خاتا تولدۇرۇپ قويغان بولسىڭىز ۋە ياكى ئىسمىڭىزنى ئۇنتۇپ قالسىڭىزچۇ؟ ئۇنداقتا نەزىرىڭىز تۆۋەندىكى يازمىدا بولسۇن.
1-ئۇسۇل:
ئېلخەت ئارقىلىق پارولىڭىزنى قايتۇرىۋالسىڭىز بولىدۇ.
ناۋادا ئېلخەت ئادرېسىڭىز خاتا بولسا، ياكى ئېلخەت تاپشۇرۇۋالالمىسىڭىز قانداق قىلىسىز؟
2-ئۇسۇل:
دەرھال PHPmyadmin غا ئوخشاش MYSQL باشقۇرۇش دېتالىدىن پايدىلىنىپ، ساندانىڭىزنى ئېچىڭ. wp_users جەدۋىلىنى كۆرۈش ھالىتىگە ئۆتۈپ، ماس ئىسىمنى تېپىپ تەھرىرلەش ھالىتىگە ئۆتۈڭ. كۆرۈنگەن تۈرلەردىن ئېلخەت ئادرېسىڭىزنى ئۆزگەرتىپ يېنىپ چىقىپ، پارول قايتۇرىۋېلىشنى قايتا سىناپ بېقىڭ.
ناۋادا بۇ ئۇسۇل بىلەنمۇ زادى قايتۇرىۋالالمىسىڭىزچۇ؟
3-ئۇسۇل:
دەرھال PHPmyadmin غا ئوخشاش MYSQL باشقۇرۇش دېتالىدىن پايدىلىنىپ، ساندانىڭىزنى ئېچىڭ. wp_users جەدۋىلىنى كۆرۈش ھالىتىگە ئۆتۈپ، ماس ئىسىمنى تېپىپ تەھرىرلەش ھالىتىگە ئۆتۈڭ. قارىسىڭىز user_pass نىڭ قىممىتى ناھايىتى قالايمىقان بەلگىلەر بىلەن تولغان بولىدۇ. ئۆزىڭىز پارولنى بىلىدىغان يەنە بىر سىستېمىنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قىممىتىنى كۆچۈرۈپ ساقلىۋەتسىڭىزلا ئىش تامام.
مەن بەك ھورۇن. بۇ ئىشلار خۇشياقمايدۇ. بۇنىڭدىنمۇ ئاسان ئۇسۇل بارمۇ؟
4-ئۇسۇل:
بار. MYSQL كودى ئىجرا قىلىدىغان جاينى تېپىپ ماۋۇ كودنى ئىجرا قىلسىڭىزلا ئىش تامام. ئىسىڭىزدە بولسۇن، ئاۋۇ ئېلخەت ئادرېسى بىلەن پارول مەخفىي كودىنى ئۆزىڭىزنىڭكىگە ئالماشتۇرۇڭ.
UPDATE `um`.`wp_users` SET `user_pass` = '$PPP$BpjMLz7xG5AHlHmMBy97K5RgF9Hi6',
`user_email` = 'your@email.com' WHERE `wp_users`.`ID` =1;
يازما مەنبەسى:
نۇرقۇت دۇنياسى: WordPress نىڭ كىرىش پارولىنى ئۇنتۇپ قالسىڭىز قانداق قىلىسىز؟
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن
- WordPressنىڭ يازما تەھرىرلىگۈچىنى قىستۇرمىسىز ئىقتىدار كېڭەيتىش تەدبىرى (7)
- [تەنەپپۇس مەزگىلى]مۇڭلۇق تاتارچە ناخشا-بۇلبۇل
- ئامېرىكا جەڭ فىلىملىرى بىلەن جۇڭگو جەڭ فىلىملىرىدىكى پەرقلەر، كۆرسىڭىز ھەممىنى بىلىسىز!… (38)
- [ئايفونداشلارغا خۇشخەۋەر] ئامراق تور كۆرگۈچ Google Chromeنىڭ IOS نەشىرى ئېلان قىلىندى! (8)
- ۋىجىت قوللىمايدىغان WordPressئۇسلۇبىنى ۋىجىت قوللايدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىش تەدبىرى (29)
- مىش-مىش پاراڭ : ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم ئۇنىۋېرسىتىتتا WordPress دەرسى ئېچىلىدىغان ئوخشايدۇ! (20)
- كۆزىڭىزنىڭ ئاچچىقىنى چىقىرىۋېلىڭ:3D ئۈنۈمى ئىشلىتىلگەن مۇنەۋۋەر بېكەتلەر