- سەھىپە:WP ئۇچۇرلىرى
- | باھا:20
- | زىيارەت: 2,361 قېتىم ئوقۇلدى
- | خەتكۈچ: ، new, Wodpress, ئۇچۇر
خوش، سۈيۈملۈك WordPress سېستىمىسى ئۆزىنىڭ ئون يىللىق مۇساپىسىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بېكەت سېستىمىسىغا ئايلاندى. WordPress ئارقىلىق مىليونلىغان بېكەتلەر قۇرۇلغاندىن باشقا، يالغۇز ئامېرىكىدىلا نۇرغۇنلىغان ھۆكۈمەت ئورگان بەتلىرى شۇنداقلا مېدىيا باشلىرىمۇ WordPress ئارقىلىق قۇرۇلۇپ نورمال مېڭىۋاتماقتا. ئەلۋەتتە، مەزكۇر قەدىناسدىن بىز چوڭ-چوڭ بېكەت ئاچالمىغان بولساقمۇ( ئۇيغۇر ئاكادىمىيىسىدىن باشقا) «2011-يىلىدىكى 10 چوڭ بلوگ»نىڭ توققۇزىنى بۇ سېستىمىدا تەربىيىلەپ چىقتۇق. خوش، بايا شۇنداق بىر پاراڭ قۇلىقىمغا كىرىپ قالدىكى…ئاڭلاشنى خالىسىڭىز يازمىنىڭ داۋامىغا مەرھەمەت!…
ھىم، بايا سۆزلەپ نەگە كەلگەنتىم؟ ھە…ئېسىمگە كەلدى، بايا شۇنداق بىر پاراڭ قۇلىقىمغا كىرىپ قالدىكى ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم مەكتەپتە WordPress دەرسى ئېچىلىدىغان ئوخشايدۇ! ئۇ مىش-مىش پاراڭلارغا كۆرە ئامېرىكا Massachusetts شىتاتىدىكى كىلارك ئىنىستۇتى(Clark College) كومپىيۇتېر تېخنىكىسى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى Bob Hughes ئەپەندى WordPressگە ئائىت بىر قىسىم دەرسلەرنى ئېچىشنى پىلانلىغان بولۇپ، پروفىسسورلارنى WordPress بىلىملىرى ھەققىدە بىلىملەرنى ئۆتۈشكە تەكلىپ قىلىدىكەن.
مىش-مىش پاراڭدىكى «Introduction to WordPress»( ۋوردپرېسنىڭ بايانى)ناملىق بۇ دەرسلەردە ستۇدېنىتلار WordPress ھەققىدىكى بىلىملەرنى ئۆگىنىشتىن باشقا يەنە، WordPress ئارقىلىق قانداق ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ دېگەنلەرنى مۇھاكىمە قىلىدىكەن. مىش-مىش پاراڭنىڭ ئەڭ ئاقماس بىر قىسمى شۇكى، مەزكۇر دەرسلىكلەر شىتات ياكى دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەستىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن رەسىمىي دەرسلىك قىلىنىپ قوللىنىدىكەن.
شۇنداق، بۇ يازمىنىڭ ھېچقانداق تەربىيىۋى ياكى پايدىلىق تەرەپلىرى يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇرۇق مىش-مىش پاراڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان. ئەمما كەمىنە ئۇيغۇربەگنىڭ خىيالى باشقا، مەسىلەن ئالايلۇق : سىز ئۆزىڭىزنى ھازىر ئاشۇ دەرسلىك ئېچىلغان مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىسى دەپ تۇرۇڭ. مېنىڭ سۇئالىم شۇكى : سىز مۇشۇ دەرسنى تاللاپ ئوقۇمتىڭىز؟ سەۋەبىنى قىسقىچە ئېزاھلاپ ئۆتكەيسىز!…
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن
- مېنىڭ WordPress نى تاللاشتىكى 10 باھانەم (10)
- ‹‹غەزەبلەنگەن قۇش››نىڭ رىيو(里约) نەشىرىنىڭ PC نۇسخىسىنى چۈشۈرۈۋېلىڭ
- wordpress پارولى توغرا تۇرۇپمۇ باشقۇرۇش بېتىگە كىرگىلى بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش (6)
- [WordPress ئۇسلۇبى ] Usix ئۇسلۇبى تەييارلاندى
- « 58- نۆۋەتلىك بېرلېن ئەڭ نادىر قىسقا فىلىم مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن نادىر فىلىم – پەلەك (13)
- WordPress دە مەلۇم مەزمۇننى پەقەت باشبەتتىلا ياكى 1-بەتتىلا كۆرسىتىش (6)
- WordPressدە EOT تونۇتۇش (1) : تەييارلانغان EOT ھۆججىتى ئارقىلىق ئۇيغۇرچە تۇنۇتۇش (6)