- باھا:44
- | زىيارەت: 1 قېتىم ئوقۇلدى
ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى-ئۇيغۇربەگ & پرىستان تەخەللۇسىدىكى ئىككى بلوگ ھەۋەسكارىنىڭ ئۇيغۇر بلوگچىلىق ئىشلىرى ئۈچۈن ھەسسە قوشۇش جەريانىدىكى ئىزدىنىش داۋامىدا ھاسىل بولغان بىر بلوگ بولۇپ،مەزكۇر بلوگ باشلىنىشىدا ئۇيغۇربەگنىڭ شەخسىي تور خاتىرىسى بولۇپ تەرەققىي قېلىپ كەلگەن.كىيىن،ئۇيغۇر بلوگچىلىقىنىڭ تەقەززاسى بۇيىچە بوۋىلارنىڭ ‹‹يالغۇز ئاتنىڭ چىڭى چىقماس›› ناملىق سۆزىدىن ئۆرنەك ئېلىپ پرىستان بلوگى بىلەن ھەمكارلىشىپ،پرىستان بلوگى بىلەن ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى قوشۇلۇپ يېڭى ‹‹ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى››نى شەكىللەندۈردى.ھەمدە قىزغىنلىق ئىچىدە يېڭىچە پىلان-مەقسەتلەر ئىچىدە ئۇيغۇر بلوگچىلىقىنىڭ سەركىلىرىدىن بولۇش نىشانىغا قاراپ ئاتلاندى ھەمدە توختاۋسىز تىرىشىۋاتىدۇ.
يېڭى تۇغ ھەققىدە
يۇقارقى سۆرەت-تۇرايىمىزنىڭ باش تۇغى ئورنىدا ئىشلىتىلگەن بولۇپ، تۇرا شۇئارىغا ‹‹يولىمىز بىر، مەنزىلىمىز بىر…››دېگەن جۈملە ئىشلىتىلىپ، ئۇيغۇربەگ & پرېستان ھەمكارلىقىدىكى مەزكۇر بلوگنىڭ ئۇيغۇر تورچىلىقى، جۈملىدىن ئۇيغۇر بلوگچىلىقىدىكى تىرىشىش ھەمدە ئىزدىنىشىغا بولغان چۇڭقۇر ئۈمىد ۋە يۈكسەك غايىسى يۈكلەنگەن.ئىككى ئادەمنىڭ قول تۇتۇشۇپ تۇرغان كۆرۈنۈشى-خۇددىي ئۇيغۇربەگ & پرېستاننىڭ قول تۇتۇشۇپ تۇرغان ھالىتى بولۇپ، ئىتتىپاقلىق-ئۇيۇشۇشقا سىموۋۇل قىلىنغان.
يۇقارقىسى-تۇرايىمىزنىڭ يېڭى بلوگ تۇغى(logo) بولۇپ،رەسىمگە بىر قاراپلا نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىش ئاسان، يەنى ئىككى ئادەمنىڭ قول تۇتۇشقان بەلگىسى، ئاندىن ئۇيغۇر يىزىقىدىكى ئۆلچەملىك يىزىلىشى بولغان ‹‹ئۇيغۇربەگ››سۆزى بىلەن لاتىن يىزىقىدىكى ‹‹Uyghurbe››سۆزىنىڭ قەرەللىك ئالمىشىشىدىن ئىبارەت ھەرىكەتتىن تۈزۈلگەن. تۇغ تەگلىكىگە تۇرايىمىز ئۇسلۇبىنىڭ ۋەكىللىك رەڭلىرى قوللىنىلغان.
بلوگ چوڭ ئىشلار يىلنامىسى
ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى 2009-يىلى 10-ئايدا،Blogbus بلوگ سۇپىسى ئارقىلىق رەسىمىي قۇرۇلدى.
2009-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى تۇنجى ئىجادىي يازما« بويتاقلاربايرىمى(Bachelors Day)ھەققىدە» ئېلان قىلىندى.
ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى 2010-يىلى 17-يانۋاردىن باشلاپ،تەدبىركار ئەپەندى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ چىققان Pjblog3 سېستىمىسىغا كۆچۈپ كىرىپ،بىرىنچى دەرىجىلىك ئىسىم بىلەن يېڭىچە تۈسكە كىردى.
2010-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى،ئۇيغۇربەگ بلوگلار جەمگاھى ئېلان قىلىندى.
2010-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن باشلاپ،ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىنىڭ WordPress بلوگ سۇپىسىدىكى تەجرىبىسى باشلاندى.
2010-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى Pjblogدىكى يازمىلارنى WordPressكە يۆتكەپ كېلىش مەشخۇلاتى ئوڭۇشلۇق بولدى.
2010-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 4-كۈنىگىچە،يازمىلارنى رەتلەش مەشخۇلاتى ئېلىپ بېرىلدى.
2010-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى WordPressدىكى ئۇسلۇب ئوڭۇشلۇق ھالدا قاچىلاندى ھەمدە ھەرقايسى تور كۆرگۈچلەردە سىناش ئېلىپ بېرىلدى.
2010-يىلى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىنىڭ تور ئادرىسى يېڭى بوشلۇققا رەسىمىي ئۇلىنىپ،Wordpressدىكى بىر ئائىلە رەسىمىي بارلىققا كەلدى.
2010-يىلى 8-ئاينىڭ16-كۈنى ئۇسلۇب يېڭىلاش ئېلىپ بېرىلىپ،‹‹يېشىل ئىتىقاد››ئۇسلۇبىنى ئىشلىتىشكە باشلىدى.
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى پرىستان بلوگى بىلەن ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى يېڭى نىشان ئۈچۈن بىرلىشىپ،ئۇيغۇربەگ تۇغى ئاستىغا ئۇيۇشتى.
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى بلوگ سېستىمىسى WordPress 3.0.1 نەشىرىگە كۆتۈرۈلدى.
نۆۋەتتە:
ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىغا ئىشلىتىلگەن سېستىما:Wordpress 3.0.1 ئۇيغۇرچە نۇسخىسى
ئۇسلۇب: يېشىل ئىتىقاد
تور كۆرگۈچكە بولغان تەلەپ: IE5دىن يۇقىرى نەشىر، ى Opera 世界之窗 3 Firefox Safari 傲游 3