سىزنىڭ ئورنىڭىز: سەھىپە بېتى

سىز «بىز كۆرگەن فىلىملەر» سەھىپىسىدىكى يازمىلارنى كۆرۈۋاتىسىز!

battle

پايتەخت بېيجىڭدا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر ياش ئادىلجان ئىسلام ئەقىدىسىگە ئۇيغۇن بولمىغان ھالدا بەدىنىگە چەكتۈرگەچكە، ئانا يۇرتى شىنجاڭدىن ئۆزىنى كۆرگىلى كەلگەن ئاتىسى بىلەن ئىختىلاپ يۈز بېرىدۇ، مۇشۇ ئىتىقاد ۋە ئەقىدە جەھەتتىكى زىل مەسىلىدە ئاتا-بالا ئىككىلىسى بىر-بىرىگە يول قۇيۇشنى ئويلىمايدۇ، نەتىجىدە….مەزكۇر مىكرو كىنونىڭ ئاخىرىدا نەتىجىسىنى كۆرىسىز. بىلىشىمچە، مەزكۇر مىكرو كىنونى بېيجىڭ كىنو ئېنىستوتىدىكى بالىلار ئىشلىگەن بولۇپ، باش پېرسوناژنى قېرىنداش مىللەتلەردىن دېيىشمەكتە، ئەلۋەتتە، مەزكۇر كىنونىڭ باش تېمىسى بۇ ئەمەستە، قېنى، كىنوغا نەزەر سالغايسىز….

تۇلۇق ئوقۇش »

RUL1~_~E5KMFZH(V}HXJ$1Y

ئۇزۇن بولدى تۇرايىمىزغا مىكروكىنو يوللاپ باقمىغىلى، بۈگۈن تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا چەتئەلدە ئىشلەنگەن مىكروكىنو «تاملار ئارقىسىدا»(Behind the walls) ناملىق مەزكۇر مىكروكىنونى سۇنىمىز. مەزكۇر مىكروكىنونىڭ ۋەقەلىكى ئىنتايىن ئاددىي، ئەمما تورداشلارنىڭ بەرگەن ئىنكاسى باشقىچە. كىنودا، مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن خاتا چۈشەنچىسى زور بىلەن ئامېرىكىلىق ياش بىلەن بىر مۇسۇلمان ئايال بىر لىفىتقا قاپسىلىپ قالىدۇ، ئاخىرىدا ئامېرىكىلىق ياشنىڭ مۇسۇلمانلارغا بولغان چۈشەنچىسى ئۆزگىرىدۇ. بەزى تورداشلار مەزكۇر كىنوغا باھا بىرىپ «مۇسۇلمانلارنىڭ ئاق كۆڭۈللۈكى ۋە دۈشمەنلىرىگىمۇ ياردەم بىرىدىغان ئېسىل خىسلىتىنى نامايەن قىلغان» دىيىشسە، بەزىلەر «ھەقىقەتنى بۇرمىلىغان، مۇسۇلمانلارنى قارىلىغان» دېيىشمەكتە. قالغان ھىسلارغا ئۆزىڭىز جاۋاب بېرىڭ، ئەمىسە نەزەرىڭىز كىنودا بولسۇن…

تۇلۇق ئوقۇش »

brave-movie-disney-cartoon-pixar-warrior-princess-merida-wallpaper-1920x1200_副本

كىچىكىمدىنلا قىزىقارلىق چۆچەكلەرنى ئاڭلاشقا ئامراق ئىدىم، ئۇيغۇرچە ساۋادىم چىققاندىن كېيىن «ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى»دىن باشلاپ دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى چۆچەك كىتابلارنى ئوقۇپ قىدىرىۋەتكەن. چۆچەكلىرىمىزدىكى باتۇر مەلىكىلەرنىڭ، باتۇر شاھزادىلەرنىڭ ئىش-ئىزلىرىغا، خەتەرلىك سەزگۈرەشتىلىرىگە ناھايىتى ھەۋەس قىلغان شۇنداقلا كەلگۈسىدە مەنمۇ شۇ باتۇر شاھزادە، قەيسەر مەلىكەلەردەك قاتمۇ-قات توساقلارنى بۈسۈپ ئۆتۈپ ئۆزۈمنىڭ بەختىنى تاپىمەن دەپ خام خىياللارنى قىلغان. چوڭ بولۇپ يا شاھزادە بولالمىدىم، يا تىللاردا داستان بولغۇدەك قەھرىمانلىق قىلالمىدىم، پەقەت مۇشۇ يەردە ئولتۇرۇپ ۋەزخانلىق قىلىشقا ياراپتىمەن. خوش، سۆزىمىزگە كەلسەك تۆنۈگۈن ۋەتەن ئاغامنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن ئامېرىكىستان ئىشلىگەن «باتۇرلۇق قىسسىسى»(ئىنگىلىزچە ئىسمى:brave، خەنسوچە: 勇敢传说) ناملىق كارتون فىلىمنى كۆرۈپ چىقتىم ھەمدە شۇنداق ياقتۇردۇم، ھە قاچان تۇراداشلار يولداش ئۇيغۇربەگ قاچان بىر ئېسىل كىنو تەۋسىيە قىلار دەپ چىشىڭلارنى بىلەپ ئولتۇردۇڭلار ھە، ئەمىسە كېلىپ ماۋۇ كىنونى بىر كۆرۈپ چىقىڭلار، يارىماي قالسا قۇلىقىمنى كىسىپ بېرىمەن!…

تۇلۇق ئوقۇش »

125928hk0c0ymece7ihemc_副本

مەزكۇر مىكرو كىنو كۆكلەمدىكى نەسىمى ناملىق تورداشنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئەسىرى بولۇپ، يازغۇچىمىز ئەختەم ئۆمەرنىڭ « ئاھ رەھىمسىز دەريا» ناملىق پوۋىسىتىغا ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن ئىكەن. مەيلى ئارتىسلارنىڭ رول ئېلىش ماھارىتى بولسۇن ۋە ياكى كىرىشتۈرۈلگەن مۇزىكا بولسۇن، ھەقىقەتەن يامان ئەمەس چىقىپتۇ. مىكرو كىنونى مۇشۇنداق ئىشلىسەكمۇ بولىدىكەن ئەسلى….

تۇلۇق ئوقۇش »

the-kite-runner-1-1024_副本

«لەگلەك قوغلىغۇچى بالا» ناملىق مەزكۇر فىلىم خالىد ھۈسەيىننىڭ ئوخشاش ناملىق كىتابىغا ئاساسەن سىنارىيەلەشتۈرۈپ ئىشلەنگەن كاتتا فىلىم بولۇپ، 2008-يىلى ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. فىلىمدە ئافغانىستانلىق ئىككى دوست  ئامىر بىلەن ھەسەن ئوتتۇرىسىدا باشلانغان بالىلىق ۋاقىتتىكى دوستلۇق بۇرچ، ساداقەت، ۋاپادارلىق، خىيانەت، پۇشايمان، رىشتە، ئازاب، ئىنتىلىش، پىداكارلىق، مۇھەببەت دېگەندەك قاتلاملىق ھىسلار بىلەن ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن يۇرۇتۇپ بىرىلگەن بولسا، فىلىمنىڭ قەشقەردە ئىشلەنگەنلىكى ھەمدە نۇرغۇن ئۇيغۇر كىشىلىرىنىڭ فىلىمدە «چىقىپ» قالىدىغانلىقى بىزنى قىزىقتۇرىدۇ. مەزكۇر فىلىم مەكتەپداش ئىنىم ئابدۇكېرەم تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈلۈپ تەييارلاندى. فىلىمنىڭ سۈزۈك نۇسخىسى ھەم تەمىنلەندى، ۋاقتىدا چۈشۈرۈۋالغايسىزلەر.

تۇلۇق ئوقۇش »

netije0_副本

چەت بىر يېزىدا بىر ئاچا-ئىنى بار ئىكەن، بۇ ئىككىسى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ ياشايدىكەن، بىر-بىرىگە شۇنداق كۈيۈنىدىكەن، ئاچىسى شۇنچە تىرىشىپ ئىنىسىنى ئوقۇتىدىكەن، ئەمما ئىنىسى سەل ئويۇن قېپى بولغاچ ئۆگىنىش نەتىجىسى ئانچە ياخشى ئەمەسكەن. شۇڭا  چارەكلىك ئىمتىھان نەتىجىسى چىققاندا ئىنىسى ئاچىسىغا يالغان گەپ قىلىدىكەن، ئەمما ئىنىسىنىڭ يالغانچىلىقىنى بىلىپ قالغان ھەدىسىنىڭ ئاچچىقى كېلىدىكەن. كېيىن بىر قانچە ئىش تۈپەيلى ئىنىسى ناھايىتى تىرىشىپ ئوقۇيدىكەن، ئەمما ئاخىرىدا تولىمۇ ئېچىنىشلىق بىر ۋەقە بولىدىكەن، بۇ ۋەقە نېمىدۇ؟ زادى قايسى ئىشلار ئىنىسىنى تىرىشىشقا ئۈندىگەندۇ؟ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز مەزكۇر مىكروكىنودا بولسۇن!

تۇلۇق ئوقۇش »

babam-ve-oglum2

تۈركىيە ھېكايە فىلىم «ئاتام ۋە بالام»نى كۆرۈپ باققان تورداشلار خېلى بولىشى مۇمكىن، كەمىنە ئۇيغۇربەگمۇ بۇنىڭدىن ئىككى يېرىم يىل مۇقەددەم مەزكۇر تۇرايىمىزدا « تۈركىيە ھېكايە فىلىمى ‹‹ babam ve oglum ››(ئاتام ۋە بالام)دىن تەسىرات » ناملىق تەسىرات ماقالىسىنىمۇ يوللىغان ئىدىم. بۈگۈن ئۇزھال بلوگىدىن ئۇزھال ئەپەندى تەمىنلىگەن مەزكۇر فىلىمنىڭ ئۇيغۇرچە يېزىق ھۆججىتى ئاساسىدا فىلىمنى «ئۇيغۇربەگنىڭ تەرجىمىسى» يۈرۈشلۈك تەرجىمە فىلىملىرى قاتارىدا ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىپ قايتىدىن پىرىسلاپ چىقاردىم، فىلىمنىڭ سۈزۈكلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن فىلىم بېكەتلىرىگە يوللىماي دېگەن بولساممۇ، بىۋاستە قۇيۇشقا قادىر بولالماي شىنلاڭنىڭكىگە يوللاپ قويدۇم ۋە سۈزۈك نۇسخىسىنى چۈشۈرۈشكە تەمىنلىدىم. فىلىمنىڭ ئەسلى يېزىقىنىڭ ئىملاسى ۋە باشقا تەرجىمىلىرىنى تەھرىرلەپ باقمىدىم، قېنى، فىلىمنى ۋاقتىدا كۆرۈپ ۋاقتىدا چۈشۈرۈۋالغايسىزلەر…

تۇلۇق ئوقۇش »

tangled_92

كەمىنە ئۇيغۇربەگنىڭ كىنونى تاللاپ كۆرىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئېسىل كىنولارنى كۆرۈپ بلوگداشلار بىلەن ئورتاقلىشىدىغانلىقىنى سىزدىن باشقا ھەممەيلەن بىلىدۇ. شۇنداق، مەن كىنو كۆرمەيدىغىنى، كۆرۈپ قالسام تاللاپ تۇرۇپ ئەڭ ئېسىلىنى، ئەڭ پەچەتلىرىنى كۆرىدىغىنى. بۈگۈنمۇ بىر كىنو كۆردۈم، سىزچۇ؟ ھېلىقى مەشھۇر ۋە قىزىقارلىق كارتون فىلىم «سۇمبۇل چاچ مەلىكە»نى كۆرگەنمۇ؟ قۇلىقىدىن تۇتۇپ سۆيگەنمۇ؟….

تۇلۇق ئوقۇش »

qeyseryurek2

مەزكۇر يازما «ئۇيغۇربەگنىڭ كەپىسى»دىن كۆچۈرۈپ كېلىندى

«قەيسەر يۈرەك» فىلىمىنى نۇرغۇن دوستلىرىم، ھەتتا شوتلاندىيە بىلەن ئوخشاش قىسمەتكە دۇچار بولغان ئېرلاندىيە يۇرتىدىن كەلگەن، بىزگە «ئەنگىلىيە مەدەنىيىتى ۋە تارىخى» دېگەن دەرسنى بىرىدىغان ئوقۇتقۇچۇم بىر قېتىم كۆرۈپ قويۇشۇمنى تەۋسىيە قىلغان بولسىمۇ، ھازىرغا قەدەر كۆرمەي كەلگەن ئېدىم، بۈگۈن، بۇ فىلىمنى تۈگەتكەندىن كېيىن ئۆزۈمنىڭ بۇ فىلىمنى نېمىشقا شۇنچە كەچ كۆرگەنلىكىمنى چۈشەنمەي بەكلا پۇشايمان قىلدىم، ئەمەلىيەتتە بۈگۈن بۇ فىلىمنى بىر قېتىم ئەمەس، ئىككى قېتىم كۆرۈۋەتكەن ئىدىم، خىيالىمدا فىلىمدىكى ۋەقەلىكلەرگە باغلانغان ئاچچىق رېئاللىق بىلەن تارىخىمىزدىكى ئوخشىشىپ قالىدىغان ۋەقەلىكلەرنى ئۆز-ئارا باغلاشقا، ئوخشىتىشقا تىرىشماقتا ئىدىم…

تۇلۇق ئوقۇش »

2136958023189220457

خوش، بۈگۈن تۇرايىمىزدا يا قىستۇرما يوق، يا تېخنىكا يوق، يا ئۇسلۇب يوق، ئەمما ناھايىتى مەنىلىك بولغان بىر فىلىم بار. ئىشىنىمەنكى، كارتون فىلىمغا ئامراق ياكى ئامراق ئەمەسلەر بولسۇن، ئەمما كىنو-فىلىملەرنى كۆرۈپ قويىدىغان بلوگگېرلىرىمىز بۇ فىلىمنى خۇددى ماڭا ئوخشاش ئىشتىياقتا كۆرۈپ قويغۇسى. بۇ فىلىمنىڭ شەرەپلىك ئىسمى «مۈشۈكياپىلاق دۆلىتى : قورۇقچىنىڭ ئەپسانىسى» ، خوش، يازمىنىڭ داۋامىغا قاراپ ئالغا قىلايلۇق!…

تۇلۇق ئوقۇش »

ئالدىنقى قېتىم،«قۇياشنى كۆردۈم»بىلەن «دادام ۋە ئوغلۇم» ھەققىدە تەسىرات يازغاندىن كېيىن،نۇرغۇن سەۋەبلەر تۈپەيلى تۈرك فىلىملىرى ھەققىدىكى تەسىراتلىرىم توختىلىپ قالدى.ئەمما،تۈركچە ئۆگىنىۋاتقانلىقىم تۈپەيلى،ئۆزۈمگە تىل مۇھىتى ھازىرلاش ئۈچۈن تۈركىيىنىڭ ھازىرقى زامان نادىر كېنولىرىدىن بەھىر ئېلىشنى توختۇتۇپ قويمىدىم.بۇ كېنولار ئىچىدە،ھېلىھەم مېڭەمگە قايتا-قايتا نامايان بولىۋاتقىنى يەنىلا «120 كىشىنىڭ جېڭى» ئىدى،چۈنكى بۇ 120 كىشىنىڭ ھاياتى بىر ۋەتەن بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەن ئىدى…

تۇلۇق ئوقۇش »