«قەيسەر يۈرەك» فىلىمىدىن تۇغۇلغان «قەيسەر» خىياللار…

qeyseryurek2

مەزكۇر يازما «ئۇيغۇربەگنىڭ كەپىسى»دىن كۆچۈرۈپ كېلىندى

«قەيسەر يۈرەك» فىلىمىنى نۇرغۇن دوستلىرىم، ھەتتا شوتلاندىيە بىلەن ئوخشاش قىسمەتكە دۇچار بولغان ئېرلاندىيە يۇرتىدىن كەلگەن، بىزگە «ئەنگىلىيە مەدەنىيىتى ۋە تارىخى» دېگەن دەرسنى بىرىدىغان ئوقۇتقۇچۇم بىر قېتىم كۆرۈپ قويۇشۇمنى تەۋسىيە قىلغان بولسىمۇ، ھازىرغا قەدەر كۆرمەي كەلگەن ئېدىم، بۈگۈن، بۇ فىلىمنى تۈگەتكەندىن كېيىن ئۆزۈمنىڭ بۇ فىلىمنى نېمىشقا شۇنچە كەچ كۆرگەنلىكىمنى چۈشەنمەي بەكلا پۇشايمان قىلدىم، ئەمەلىيەتتە بۈگۈن بۇ فىلىمنى بىر قېتىم ئەمەس، ئىككى قېتىم كۆرۈۋەتكەن ئىدىم، خىيالىمدا فىلىمدىكى ۋەقەلىكلەرگە باغلانغان ئاچچىق رېئاللىق بىلەن تارىخىمىزدىكى ئوخشىشىپ قالىدىغان ۋەقەلىكلەرنى ئۆز-ئارا باغلاشقا، ئوخشىتىشقا تىرىشماقتا ئىدىم…

مەزكۇر فىلىم « فىلىمدىكى ۋەقەلىك ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى يالغان دەپ تەرىپلەپ كېلىۋاتقان، باشقا تارىخچىلار بولسا ھەقىقىي تارىخنىڭ كىچىككىنە بىر كارتىنىسى خالاس دەپ تەرىپلىگەن ۋەقەلىك» دېگەن سۆزدىن باشلىنىدۇ. فىلىمدە ئايالىنى ئەنگىلىيە ھۆكۈمدارلىرى ۋە شوتلاندىيەنىڭ خائىن-ساتقۇنلىرى ئۆلتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، ۋىللىيام ئايالىنىڭ قىساسىنى ئېلىش ئۈچۈن ئايالىغا قەست قىلغان كىشىلەرنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ، بىر قېتىملىق قايتىپ كېلەلمەس يولغا كىرىپ قالىدۇ. ئەنگىلىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ تۈرلۈك زومىگەرلىك قىلىشىغا، بوزەك قىلىشىغا، قىرغىن قىلىشىغا، خورلۇق قىلىشىغا ئاران-ئاران چىداپ كەلگەن شوتلاندىيىلىكلەر ۋىللىيامغا قوشۇلۇپ شوتلاندىيىلەكنىڭ غۇرۇرى، نومۇسى، ئەڭ مۇھىمى شوتلاندىيەنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن قوزغىلىدۇ، تاياق-توقماق بىلەن قوراللانغان بۇ ئەركىنلىك جەڭچىلىرى نۇرغۇن جەڭلەردە غەلىبە قازىنىپلا قالماي، يەنە تېخى «يېڭىلمەس قوشۇن» دەپ نام ئالغان ئەنگىلىيە چەۋەنداز قوشۇنىنى بىر قېتىمدىلا بىتچىت قىلىپ ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنى بىر قېتىم يەرگە ئۇرىدۇ ھەمدە شوتلاندىيەلىكلەرگە يەنە بىر قېتىم ئۈمىد بېغىشلايدۇ، شوتلاندىيەنىڭ باشقا يەرلىك ھۆكۈمدارلىرى، ئاقسۆڭەكلىرىمۇ ۋىللىيام بىلەن جەڭ قىلىدۇ، ئاخىرى قوزغىلاڭچىلار ئەنگىلىيەنىڭ شىمالىدىكى مۇھىم بىر شەھەرگە ھوجۇم قىلىپ بۇ يەرنى ئىشخال قىلىدۇ. شوتلاندىيەلىكلەرنى بېسىقتۇرۇشقا كۆزى يەتمىگەن قانغور زالىم پادىشاھ ئاستا ھىيلە ئىشلىتىپ بىر تەرەپتىن ۋىللىيامنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشكە قاتىللارنى ئەۋەتسە، بىر تەرەپتىن قوزغىلاڭچىلارنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇپ مال-دۇنيانى ۋەتەن ۋە مىللەتنىڭ كەلگۈسى، ئەركىنلىكى، غۇرۇرىدىن ئەۋزەل بىلىدىغان بىر قانچە ئاقسۆڭەكلەرنى سېتىۋالىدۇ، گەرچە زالىم پادىشاھ ئەۋەتكەن قاتىللار ئاخىرى مەغلۇب بولغان بولسىمۇ، ناھايىتى مۇھىم بىر جەڭدە ۋىللىيامنىڭ قوشۇنى خائىنلارنىڭ قەستلىشى بىلەن يېڭىلىپ، نۇرغۇن چىقىم بولغاندىن باشقا ۋىللىيام قاتتىق ئازاب ئىچىدە قالىدۇ. كېيىنكى كۈنلەردە ۋىللىيام پارتىزان جەڭلەرنى قىلىپ باققان بولسىمۇ ئەنگىلىيە قوشۇنىنى يوقىتىشقا كۆزى يەتمەي شوتلاندىيەنىڭ ئابرويلۇق ئاقسۆڭەكلىرىگە خەت ئەۋەتىپ بىرلىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئەپسۇسكى ۋىللىيام يەنە بىر قېتىملىق ساتقىنلىققا ئۇچرايدۇ، ساتقۇق شوتلاندىيە ئاقسۆڭەكلىرى ئۇنى ئەنگىلىيەگە تۇتۇپ بېرىدۇ، ئەنگىلىيە ھۆكۈمدارلىرى ئۇنى قاتتىق قېيناپ باش ئەگدۈرەلمەي، ئاخىرى كاللىسىنى ئېلىپ ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ...

بىلمەيمەن، بۇ كىنودىكى بىر قىسىم ۋەقەلىكلەرنى نېمىشقىكىن بىرنىڭ تارىخىمىزدىكى, بولۇپمۇ مەن ئوقۇغان بىر قانچە تارىخىي رومانلاردىكى ۋەقەلىكلەرگە، شەخىسلەرگە ئوخشىتىشقا ئۇرۇنماقتا ئىدىم، «قىزغا زومبۇرلۇق قىلىش» بىلەن باشلانغان قوزغىلاڭنى قازاق قىزى ئايسۇلۇنى قوغداش ئۈچۈن باشلانغان تۆمۈر خەلىپە باشلىقىدىكى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىغا ئوخشاتسام ، بوينى چېپىلغان ۋىللىيامنىڭ «ئەركىنلىك» دەپ توۋلىشىنى ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ كۆكسىچە خەنجەر سانجالغاندا «ئازادلىق» دەپ توۋلىشىغا، ۋىللىيامنىڭ شوتلاندىيەنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئۆزىگە كېلىدىغان خەۋىپنى بىلىپ تۇرۇپمۇ شوتلاندىيە ئۈچۈن دۈشمەن ئالدىغا بارغانلىقى ئويلىسام، سابىت داموللىنىڭ پۈتۈن ئىنقىلابنىڭ مىۋىسى ئۈچۈن خوجانىيازنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى تۇتۇپ بەرگىلى بارغانلىقى ئىسىمگە كەلدى، ئىشقىلىپ شوتلاندىيەلىكلەرنىڭ ئەركىنلىك ئۈچۈن ئاققۇزغان قانلىرى بىكارغا كەتمىدى، شوتلاندىيەلىكلەر باش ئەگمەي باتۇرلارچە قىلغان كۈرەشلىرى بەدىلىگە ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى بىلەن تەڭ ئورۇنغا ئىگە شوتلاندىيە ھۆكۈمىتىگە ئىگە بولدى، باتۇرلار ئۈچۈن ئابىدىلەر تىكلىدى....



无觅相关文章插件,快速提升流量


23 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...
  • روھچىن | 2012.05.18 جاۋاب

    بۇ كىنونى ھەر قېتىم كۆرگەندە ئادەمنى ھەرخىل خىياللارغا باشلايدۇ. ۋىليامنىڭ ئاخىرقى نەپسىدە ئەركىنلىك دەپ توۋلىشى ئادەمنىڭ يۈرىكىنى تىتىرتىدۇ

  • ماۋزۇنى تۈزىتىڭ!فىلىمىدىن دېگەن سۆز فىلىدىن بۇلۇپ قاپتۇ!

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.05.22

      ئۆزگەرتتىم، رەھمەت سىزگە…

  • ش.ئە.ئۇيغۇرى | 2012.05.18 جاۋاب

    ئاخىرقى ئويلىرىڭىز ھەقىقەتەن مەن بىلەن ئوخشاش ئىكەن، مەنمۇ بۇ فىلىمنى كۆرگەندە ئوقۇغان ئۇيغۇرچە تارىخى رومانلار بىر-بىرلەپ كۆز ئالدىمدىن ئۆتكەنىدى……………………………..

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.05.22

      راسمۇ يا؟

  • گىك | 2012.05.19 جاۋاب

    تولۇق ئوتتۇردا ئوقۇۋاتقان چېغىمدا بىر كۆرگەنىدىم ، شۇندىن بۇيان كۆرۈشكە نىسىپ بولماپتىكەن ، بەگ جاناپنىڭ ماۋۇ يازمىسى بىلەن يەنە بىر كۆرېۋىتىش ئىستىكى تۇغۇلدى مانا

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.05.22

      ئەمىسە چاققان بولۇپ كۆرۈۋەتكۈلۈك…

  • راستىنى دېسەم مەن بۇ كىنونى كۆرگەندە كۆزچاناقلىرىمغا ياش تولغان ئىدى.

  • مەزكۇر فىلىم پەقىرنىڭ فىلىم ئامبىرىدا ساقلاقلىق، ھەر قېتىم ئىچىم ئاچچىق بىلەن تولغاندا مۇشۇ فىلىمنى كۆرسەم ھەممىنى ئۇنتۇيمەن…

  • يۈكسەل | 2012.05.19 جاۋاب

    بەگنىڭ تەپەككۇرىدىكى يۈكسىلىشنى كۆرۈپ، كۆپ خۇرسەن بولدۇم. :smile:

  • مۇزات | 2012.05.20 جاۋاب

    شۇنچە ئېسل كىنونى نېمانداق كېچىكىپ كۆرگەنسىز دەيمەن؟ بىزنىڭمۇ مۇشۇنداق ئۆز تارىخىمىزنى كىنو قىلىپ ئىشلەش قاچانمۇ ئەمەلگە ئاشا؟ئىشلىگەندىمۇ راۋرۇس،يالغان تارىخ ئارلاشىمىغان قىلىپ ئىشلەش؟

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.05.22

      مەن ئېسىل كىنولارنى ئالدىرىماي كۆرىدىغىنى، يەنە قانداق ئېسىل كىنو بار، تەۋسىيە قىلىڭچۇ، بىر كۆرۈۋېتەي…

  • ئالپبەگ | 2012.05.20 جاۋاب

    مەن بۇ كىنونى تولۇق ئوتتۇرىغا چىققاندا بىر قېتىم قەشقەردىن ئۈرۈمچىگە سەپەرگە چىققاندا ماشىنىدا كېتىۋاتقۇچە كۆرگەن ئىدىم. شۇ چاغدا ئۇنىڭدىكى جەڭگىۋارلىقنى، ۋەتەنپەرۋەرلىكنى، قورقماسلىقىنى كۆرۈپ قاتتىق ھاياجانلانغان ئىدىم. كىنونىڭ بېشىدا ئۇنىڭ ئاخىرىغىچە ھايات قالىدۇ دەپ ئويلىغان، كىم بىلسۇن ئۇ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ ئېتىقادى ئۈچۈن بارچە قىيىن-قىستاقلارغا بەرداشلىق بېرىپ قەھرىمانلارچە، غالىبلارچە ‹‹ھۆرلۈك!›› دەپ جان بەرگىنىدە خۇددى جان بېرىۋاتقىنى ئۆزۈمدەك، ئۇنىڭ ئۈمىد قىلغىنىنى مەن ئۈمىد قىلغانددەك ھېسسىياتتا بولغان ئىدىم. ئىشقىلىپ بۇ كىنونى تېخى ئۈلۈشكۈن بالىلار بىلەن ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ يەنە بىر رەت كۆرگەنتىم. ھەقىقەتەن نەچچە رەت كۆرۈشكە ئەرزىيدىغان كىنو ئوزى. ئادەم غايىسىدىن، ئارمانىدىن ئادىشىپ قالغاندا ئۇشبۇ كىنونى بىر رەت كۆرسە ھايات نېمە، ۋەتەن نېمە، جان نېمە، جانان نېمە لىكىنى چۈشۈنۈپ يېتەلەيدۇ…
    بۇ كىنوغا رولغا چىققان رولچىنى يەنە ۋەتەنپەرۋەر دېگەن كىنوسىمۇ بەك ياخشى. ئۇنىڭدا ئامېرىكانىڭ مۇستەقىللىك ئۇرۇشى بۇل رولچىنىڭ سەرگۈزەشتىسى ئاستىدا كۆرۈرمەنلەرگە يورۇتۇلۇپ بېرىلىدۇ.

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.05.22

      ۋەتەنپەرۋەر دېگەن كىنونىڭ ئۆز ئىسمىمۇ ۋەتەنپەرۋەرمۇ؟

  • wiros | 2012.05.21 جاۋاب

    تېخى كىچىككەنسىز ئۇيغۇربەگ … مەن بۇ فىلىمنى قانچە رەت كورۈۋەتكىنىممۇ ئىسىمدە يوق …. خېلى كىچىك ۋاقلىرىمدىلا كۆرۈپ شۇنچىلىك تەسىرلەنگەن ئىدىم …

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.05.22

      شۇنداق، مەن ئەمدى كۆردۈم…

    • ئالپبەگ | 2012.05.25

      ھەئە. ئول كىنونىڭ ئىسمى ۋەتەنپەرۋەر.

  • wiros | 2012.05.26 جاۋاب

    ۋەتەنپەرۋەر ۋە يەنە گىلادىياتور دىگەن كىنولارنمۇ بىر كورۈپ قويىشىڭىزنى قاتتىق ئىستەيمەن بېگىم !

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.05.29

      ئىككىلىسىنىڭ ئىسمىنى ئىنگىلىزچە ۋە خەنچە يېزىپ بېرىڭە…

  • بىلسەبىر | 2012.05.29 جاۋاب

    مەن بۇ كېنونى كۆرگەندەكلا قىلىمەن، يەنە بىر كۆرۈپ باقايچۇ،مەن قانچىلىك تەسىرلىنىمەنكىن

  • رىتا1028 | 2012.06.9 جاۋاب

    سوفىي مەرسىننى مۇشۇ كىنودىن تونۇغانتىم .
    فرىدوممم ەپ توۋلايدىغان يېرىدىى ھاياجان خېلى بىر كەمگىچە يادىمدىن كۆتۈرلۈپ كەتمىگەن.

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.06.11

      فىرىدوم دەيدىغاندۇ ۋوي؟
      ۋەتەنپەر دېگەن كىنوسى بارمىشقۇ؟

  • ئەيسابەگ | 2012.11.1 جاۋاب

    ياىشكەن

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif