نېمىشقا سىزنىڭ wordpress بلوگىڭىز E-mail ئەۋەتەلمەيدۇ


تورداشلار دائىم مەندىن تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە سۇئالنى سورايدۇ:

  • نېمىشقا wordpress قا تىزىملاتسام، بلوگىم ماڭا E-mail ئېۋەتمەيدۇ؟
  • نېمىشقا مۇناسىۋەتلىك قىستۇرمىلارنى قاچىلىغان بولساممۇ، ئىنكاس يازغانلارغا جاۋاب يازسام E-mail ئېۋەتمەيدۇ؟

بۇ خىل ئەھۋال «نېمىشقا wordpress بلوگىم E-mail ئېۋەتمەيدۇ؟» دېگەن مەسىلىگە بېرىپ تاقىلىدۇ.

wordpress نىڭ E-mail ئەۋەتىش ئىقتىدارى يوقمۇ؟ ئۇنداق ئەمەس! بۇ دەل سىزنىڭ ئالغان بوشلۇقىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۇنداقتا بىز بىر تەجرىبە ئىشلەپ باقايلى، زادى wordpress نىڭ E-mail ئەۋەتىش ئىقتىدارى يوقمۇ ياكى بوشلۇقىڭىزنىڭ؟ ھۆججەت نامىنى mail.php قىلىپ يېڭىدىن php ھۆججىتى قۇرۇڭ، ئىچىگە تۆۋەندىكى كودنى يېزىڭ.


$txt = "Essalamu Eleykum!";

// E-mail adresingizni ozgerting 
$mail = 'somebody@example.com';  

// E-mail yollash
mail($mail, "Addiy Bir Sinaq", $txt);

echo 'E-mail Yollandi!';
?>

يۇقۇردىكى كود ئارىسىدىكى E-mail نى ئۆزىڭىزنىڭكىگە ئۆزگەرتىپ بولۇپ، mail.php نى بوشلۇقىڭىزغا يوللاڭ ۋە ئېچىڭ (www.xx.com/mail.php نى ئېچىڭ دېمەكچى). ئەمدى ئېلىكتىرونلۇق پوچتا ساندۇقىڭىزنى ئاچسىز، ماۋزوسى Addiy Bir Sinaq نامىدىكى خەت كەلگەن بولسا، بوشلۇقىڭىز E-mail ئەۋەتىشنى قوللايدىغان ئەركەك بوشلۇق بولغان بولىدۇ. خەت كەلمىگەن بولسا بوشلۇقىڭىزنىڭ ()mail ئەۋەتىش ئىقتىدارى يوق چىش بوشلۇق بولغان بولىدۇ، بۇ چاغدا سىز بېرىپ بوشلۇق ساتقان كىشىنى ئىزدىسىڭىز سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ قويىشى مۇمكىن.



无觅相关文章插件,快速提升流量


3 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...
  • ۋەھىمە | 2013.01.24 جاۋاب

    چىشى بوشلۇقتىمىۇ بولىدىغان ئۇسۇل ئوخشايدۇ ،
    راس باللا دىۋانكەن جۇماۋە

  • بلوگگىرلار بىلمىسە بولمايدىغان يازما

  • مىنىڭ ئىلخەت ئادىرسىمغا داۋاملىق تۇردە كىلىپ تۇردۇ بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك يازما

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif