«ئاكام سەمەت» قىستۇرمىسى ۋە ئۇنىڭ ئارقىلىق سپەم(ئەخلەت ئۇچۇر)لارنى قەتلىئام قىلىش تاكتىكىسى

424-1

خوش، يېقىندىن بۇيان بلوگىڭىزدا ئىنگىلىزچە ئىنكاسلار يېغىپ كەتتىمۇ؟ بەلكىم «يېڭى WordPressچىلەرنىڭ 5 قىززىق ئىشلىرى، سىز قانچىسىنى قىلىپ باقتىڭىز» ناملىق يازمىمىزدا ئېيتىلغاندەك، بۇ ئىنكاسلاردىن ھاياجانلىنىپ ئۇ ئىنكاسلارنى تەستىقلاپ، جاۋاب بېرىپ ئولتۇرۇۋاتامسىز؟ كېيىن قارىسىڭىز بۇ ئەخلەت ئۇچۇرلار كۈنىگە 100 تالدىن، ھەتتا 1000 تالدىن كۆپىيىۋاتقان، سەل بىنورماللىق ھىس قىلىۋاتقىنىڭىزدا تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ، سىزگە كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قىلىۋاتقان، سىز مۇدائىپە كۆرۈشنى ئەمدى باشلاپ، كۈندە ئىنكاس ئۆچۈرۈش بىلەن مەشغۇل بولىۋاتقان، كېيىن ئۆچۈرۈپ بولالماي چارچاپ كېتىۋاتقان، ئاھ، بۇنداق ھالدا بلوگ يازغاندىن بېرىپ ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىغا بېرىپ ئىنكاس يازسامچۇ دەپ چۈشكۈنلىشىپ كېتىۋاتقان... ھىم، قايغۇرماڭ،  بۈگۈن مۇشۇ ئەخلەت ئۇچۇرلار ئۈچۈن «ئاكام سەمەت» قىستۇرمىسى ۋە ئۇنىڭ ئارقىلىق سپەم(ئەخلەت ئۇچۇر)لارنى قەتلىئام قىلىش تاكتىكىسىنى ئۆگۈنۈپ قويغۇلۇق، ماڭا ئىشىنىڭكى، سىزگە ياشاش يولى ھامان بار!…

ساۋاتسىزلىقنى تۈگۈتۈش دەرسى

سپەم دېگەن نېمە؟

جاۋاب : SPAM دېگىنىمىز، ئەخلەت ئېلان ئۇچۇرلىرىنى ئاپتوماتىك يوللاش ئۈچۈن تۈزۈلگەن مەخسۇس ماشىنا پروگراممىسىدا يوللانغان ئۇچۇرلارنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بۇ ئۇچۇرلارنىڭ ئادەتتىكى ئەخلەت ئۇچۇرلار بىلەن بولغان پەرقى: ئالدىنقىسى مەخسۇس تۈزۈلگەن پروگرامما ئارقىلىق توپ ھالدا نەچچە يۈزلىگەن ئۇچۇرنى بىراقلا يوللايدۇ، كېيىنكىسى بولسا، بىر قىسىم ئەخلەت ئۇچۇر يوللايدىغانلار، بلوگقا ئۆزى كىرىپ يوللايدىغان «مەدەنىي ئەخلەت»لەرنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا WordPress تىمۇ SPAM دېگەن سۆز ئەخلەت دېگەن سۆز بىلەن پەرقلەندۈرۈلۈپ، سىپەم دەپ ئېلىنغان(بۇ مەزمۇن تورخۇمار كۇلۇبىدىن نەقىل قىلىنىپ ئېلىندى).

«ئاكام سەمەت» كىم؟

جاۋاب : «ئاكام سەمەت» سېستىمىدا سۈكۈتتىكى ھالەتتە قاچىلىنىپ قويۇلغان Akismet ناملىق قىستۇرمىنىڭ ئەركىلەتمە ئىسمى بولۇپ، بۇ قىستۇرما مەخسۇس سپەمگە قارشى جەڭ قىلىش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن، نۆۋەتتە سىپەمنى توسۇسنىڭ ئۈنۈمدارلىقى 99%گە يېتىدىكەن.

«ئاكام سەمەت»ئارقىلىق سپەم(ئەخلەت ئۇچۇر)لارنى قەتلىئام قىلىش تەييارلىقى

1. ئاۋۋال قىستۇرمىنى قاچىلاپ، ئاندىن قوزغىتىڭ(نورمالدا سېستىمىنى قاچىلىغاندا بۇ قىستۇرمىمۇ تەڭ قاچىلانغان بولىدۇ، ناۋادا ئۆچۈرۈۋەتكەن بولسىڭىز ئارقا سۇپىدىكى قىستۇرما قاچىلاش دېگەن ئورۇندىن Akismet دەپ ئىزدەپ قاچىلىسىڭىزمۇ بولىدۇ).

2.ئەمدى «ئاكام سەمەت»نىڭ ئورگان بېتىگە بېرىپ، ھوقۇق نومۇرى، يەنى API KEYدىن بىرنى ئىلتىماس قىلايلى. ئىلتىماس قىلىش ئادرېسى تۆۋەندىكىدەك :

http://akismet.com/wordpress/

3. يۇقارقى بېكەت ئېچىلغاندىن كېيىن«Get an Akismet API key»دېگەن تاللاشنى بېسىڭ:

Akismet-anti-spam-plugin-for-WordPress_thumb

4. ئاندىن چىققان تاللاشلاردىن «شەخسىيلەر ئۈچۈن»(Personal)دېگەن قىزىل بەلگە بېرىلگەن جاينى تاللايمىز:

5.ئەمدى كاتەكچىلەرنى تولدۇرۇپ ئىلتىماس قىلىشنى باشلايلى.

First name – ئىسمىڭىز

Last name – فامىلىڭىز

Email – ئېلخەت

Confirm email – ئېلخەتنى جەزىملەڭ

ھىم،«WHAT IS AKISMET WORTH TO YOU?»دېگەن جايغا قاراڭ، «ئاكام سەمەت»سىزدىن «مەن قانچىگە يارايدىكەنمەن»دەپ سوراۋاتىدۇ، ئاستىدىكى تاياقچىدا 36$ دەپ تۇرىدۇ، قورقۇپ كەتتىڭىزما؟ تاياقچىنى سولغا سۈرۈپ 0 دوللارغا ئەكىلىڭ، «ئاكام سەمەت»نىڭ چىرايى پۈرۈشۈپ كەتتى، كۆردىڭىزما؟ ئەلۋەتتە،پۇلىڭىز كۆپ بولسا ئوڭغا سۈرۈپ  «ئاكام سەمەت»نى ھىجايغۇزۇۋەتسىڭىزمۇ ئەلۋەتتە بولىدۇ :

QQ20110628142224_thumb

ئاندىن، «Send me useful tips on how to decrease spam every month or so (you can unsubscribe at any time).»نى تاللاپ قويۇپ كېيىنكى قەدەمنى باشلايمىز.ئېلخەتنى تەكشۈرۈڭ، تۆۋەندىكىدەك ئېلخەتنى تاپشۇرۇپ ئالدىڭىزمۇ يوق :

QQ20110628142635

تاپشۇرۇپ ئالغان بولسىڭىزمۇبارەك بولسۇن، API KEYنى ئۇتۇقلۇق ئاپسىز.

ئەمدى قانداق قىلىمەن؟

«ئاكام سەمەت»ئارقىلىق سپەم(ئەخلەت ئۇچۇر)لارنى قەتلىئام قىلىش تەييارلىقى

قولىمىزدا API KEY بار، ئەمدى نېمىدىن قورقىسىز، سپەملەرنى قىرىشنى باشلايمىزدە.

1. ئارقا سۇپا – قىستۇرمىلار – ئاكىزمېت سەپلىمىلىرىگە كىرىڭ :

akamsemet01

2. ئاندىن باياتىن تاپشۇرۇپ ئالغان API KEYنى كىرگۈزۈڭ :

akamsemet02

شۇنىڭ بىلەن، بىر قېتىملىق قانلىق قىرغىنچىلىق باشلىنىپ كەتتى، ئەمدى قايسى ئەخلەت ئۇچۇر سىزگە ئالىيىپ قارىيالايدىكىن، مەن بىر كۆرەي!…

خوش، شۇنىڭ بىلەن ئەخلەت ئۇچۇرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ بولدۇق، ئەمدى ئازراق ئېلان بىرىۋالاي : تۇرايىمىز ھەرخىل ئەركەك بوشلۇق-تورناملىرى، ئىككىنچى، ئۈچۈنچى، تۆتىنچى قول بلوگلارنى سېتىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ مۇلازىمەتنى قوبۇل قىلمايدىغانلار، ئەمما تۇرايىمىزدىن ئۈزۈلدۈرمەي نەپ ئېلىپ تۇرىدىغانلار ئۆزۈڭلارنى بىلىپ ئۆچۈرەت بۇيىچە ئېلان چىكىپ تۇرغايسىزلەر، ئېلان مۇشۇ خەتنىڭ سول تەرىپىدە، ئاستىدا، ئۈستىدە 热烈的笑脸ئېلان تامام، ۋەسسالام!….

توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن


22 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...
  • ئەلكۈن | 2012.03.9 جاۋاب

    مەن سەمەتكامغا خېلى كۆنۈپ قالدىم. بىلوگنى ئېچىپلام سەمەتكامنى قاراۋۇللۇققا قويغان :mrgreen:

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.03.10

      سەمەتكامنى مەن كىيىنرەك ياللىدىم، ھەقىقەتەن ئىشچانكەن بۇ سەمەتكام!

  • ئىزدەن | 2012.03.10 جاۋاب

    ۋەھشىكەن ئەمەسمۇ بۇ ئاكام سەمەت! سىپەملەرنى توسۇپلا قويىدىكەن ئەمما!؟

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.03.10

      ئاكام سەمەتنى مەن بەكلا كېيىن تونۇپ قالدىم-دە ئىسسىت…

  • Qarabeg | 2012.03.10 جاۋاب

    سىزنىڭ دىگىنىڭىز بويىچە نومۇر ئىلتىماس قىلىپ ئېلىۋالدىم ھەم ئاچقۇچ نومۇرنى توشقازدىم. لېكىن جەزىملەيدىغان يېرىنى تاپالماي جىق ھەپىلەشتىم. ئەڭ ئاستىدا ئاكىسمېتنىڭ نورمال ئىشلەۋاتقانلىقىنى جەزىملەڭ دەپ بىر يېرى بار ئىكەن شۇ كونۇپكىنى باستىم. باشقا بىر بەت كۆرۈندى . ئۆچۈرۋېتىپ قايتا كىرسەم ئاچقۇچ نومۇر يوق. تۇرىدۇ. دىمەكچى، ئاكىسمېت نورمال قوزغالدىمۇ يوق بىلمىدىم. مەنئۈچۈن كۆپ جاپا چېكىپسىز، سىزگە كۆپ رەخمەت ئېيتىمەن.

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.03.10

      ئارقا سۇپا-باشقۇرۇش بېتى قاتارىدا ئاكام سەمەتنىڭ ئىستاتىستىكىسى بولسا نورمال بولغان بولىدۇ!…

  • wiros | 2012.03.10 جاۋاب

    مەن بۇ ئاكاشنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن سىپەملەر بىلەن كۆپ جەڭلەرنى قىلغانتىم …

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.03.10

      ئۆزىڭىزنىڭ تۇققانلىرى بىلەن جەڭ قىلىپ كەپسىزدە…

  • رىنات | 2012.03.10 جاۋاب

    مۇشۇنىڭغا مەن يامان سەل قارايتىم. بىر قىپ قويسام بولامدۇ نېمە..

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.03.10

      سەل قارىماڭ، بولمىسا كېيىن سىزنى سەل قاراپ قويىدۇ…

  • تىلەك | 2012.03.10 جاۋاب

    مەن شۇنداق قىلىۋالغان ئىدىم، رەھمەت!

  • ئۇدۇن | 2012.03.10 جاۋاب

    ئاكام سەمەت ما ئىسىم قىززىق چىقىپتۇ ھە :grin:

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.03.10

      كىم قويغان ئىسىم بولغۇيتى؟

  • uybbj | 2012.03.10 جاۋاب

    بەگ ئۆزلە قويغان ئىسىمدۇ

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.03.10

      ئېسىمدە يوق جۇمۇ، بىر يەرلەردىن ئاڭلىۋالغانلىقىم ئېسىمدە…

  • مەن بۇرۇنلا ياللىۋالغان بۇ سەمەتاخۇنى ھازىرقىچە 37 ئىنكاسنى تۇتۇپ تۇرمىگە تاشلىدى :razz:

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.03.12

      سىزنىڭ دۆلىتىڭىز خېلى پاراۋان ئىكەندە…

  • Qarabeg | 2012.03.12 جاۋاب

    بېگىم كۆرسەتمىڭىز بىلەن ئاكام سەمەتنى قاچىلىغانتىم كۆسىلە، بۇگۈن سىپەمدىن 9 نى تۇتۇپ تەستىقتىن ئۆتكەزمەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈم جەھەننەمگە يوللىدىم.

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.03.12

      مۇبارەك بولسۇن، مۇبارەك بولسۇن، مۇبارەك بولسۇنەي، مۇبارەك بولسۇن! :mrgreen:

  • ئەركە | 2012.03.13 جاۋاب

    مەن دەل مۇشۇنى تاپالماي يۈرەتتىم، نەچچە كۈننىڭ ياقى ئېلخەتكە تولا ئۇچۇر كىلىپ، ( مەن تېخى دەسلەپتە بىرسى ئىنكاس يازغان چېغى دەپ 6 چىشلىق بوپ ھىجاياپ قارىسام ئەخلەتكەن ئەمەسمۇ.. ئاچچىقىم نەدىن كىلە، شۇنىڭ بىلەن سپەملەپ قويغاچ تۇرغانتىم :twisted: ) شۇ تولا ئۇچۇر كىلىپ قانداق يوقىتامەن دەپ تۇرغان، ئەمدى مانى سىناپ باقاي.. :???:

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.03.13

      سىنىماي بولمايدۇ، ئاكام سەمەت بەك ياخشى!

  • ش.ئە.ئۇيغۇرى | 2012.03.15 جاۋاب

    بلوگ قۇرغاندىن باشلاپلا بۇ نەرسىنى قاراۋۇللۇققا تۇرغۇزۇپ قويغان، تاس قاپتىمەن بۇ قارىمنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ قالغىلى، ئەمدى بلوگومنىڭ ئارقا سۇپىسىغا بېرىپ ھال سوراپ كېلەي، ھېلىمۇ كۆپ جاپا چېكىپ كەتتى ئەخلەتلەرنى توسۇيمەن دەپ

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif