«مۈشۈكياپىلاق دۆلىتى : قورۇقچىنىڭ ئەپسانىسى» دېگەن كارتون فىلىمنى كۆردىڭىزمۇ؟

2136958023189220457

خوش، بۈگۈن تۇرايىمىزدا يا قىستۇرما يوق، يا تېخنىكا يوق، يا ئۇسلۇب يوق، ئەمما ناھايىتى مەنىلىك بولغان بىر فىلىم بار. ئىشىنىمەنكى، كارتون فىلىمغا ئامراق ياكى ئامراق ئەمەسلەر بولسۇن، ئەمما كىنو-فىلىملەرنى كۆرۈپ قويىدىغان بلوگگېرلىرىمىز بۇ فىلىمنى خۇددى ماڭا ئوخشاش ئىشتىياقتا كۆرۈپ قويغۇسى. بۇ فىلىمنىڭ شەرەپلىك ئىسمى «مۈشۈكياپىلاق دۆلىتى : قورۇقچىنىڭ ئەپسانىسى» ، خوش، يازمىنىڭ داۋامىغا قاراپ ئالغا قىلايلۇق!…


فىلىمنىڭ تەشۋىقات فىلىمى

فىلىم ھەققىدە قىسقىچە تونۇشتۇرۇش

مەزكۇر «مۈشۈكياپىلاق دۆلىتى : قورۇقچىنىڭ ئەپسانىسى» ناملىق فىلىمنىڭ رىژىسسورى ئەينى چاغدا بىر مەزگىل داڭقى چىققان « 300 ئەزىمەت »(300勇士) دېگەن فىلىمنىڭ رېژىسسورى بولۇپ، ئۇ بىر قانچە قانلىق جەڭ فىلىمنى تۈگەتكەندىن كېيىن، تۇنجى بولۇپ كارتون فىلىم، بولۇپمۇ ئەفسانە ۋە كومىدىيە ئارىلاشقان بىر كارتوننى ئىشلىشى ئىكەن. «مۈشۈكياپىلاق دۆلىتى : قورۇقچىنىڭ ئەپسانىسى» ناملىق مەزكۇر فىلىم ئالدىنقى مەزگىللەردە نەشىر قىلىنغان « مۈشۈكياپىلاقلار دۆلىتى »ناملقق بالىلار چۆچەك كىتابىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ قىسمىدىن ئۆزگەرتىلىپ ئىشلەنگەن بولۇپ، فىلىمنىڭ مەزمۇنى ۋە كۆرۈنۈشى جەھەتتىن كاتتا فىلىم « ھۆكۈمران ئۆزۈك »نىڭ « مۈشۈكياپىلاق » نۇسخىسى دەپ باھا بىرىلگەن.

فىلىمنىڭ ئاساسلىق ۋەقەلىكلىرى

مەزكۇر نادىر كارتون فىلىمدە سورېن ناملىق بىر بالا مۈشۈكياپىلاق ئەجدادىنىڭ ئەپسانىۋى ھېكايىسى « مارجان تاش قورۇقچىسى »نىڭ تەسىرىگە ناھايىتى ئۇچرىغان بولۇپ، دائىم ئاشۇ ئەپسانىدىكى باتۇر ئەزىمەت – « بوشلۇق ئەزىمەت»گە ئايلىنىپ، جەمەتىنى مۇدھىش كۈچلەرنىڭ قىرغىنچىلىقىدىن قۇتقۇزۇپ، ئادالەت ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. سورېن مۇشۇنداق خىيالدا يۈرگەن چاغلىرىدا ئۆز ئاكىسى ئۇنى ئەخمەق، خىيالپەرەس دەپ زاڭلىق ئەتسە بىر تەرەپتىن ئۇنى بىر ئامال قىلىپ كۆزدىن يوقىتىشنى خىيال قىلىدۇ ( چۈنكى سورېن جەمەتىنىڭ ئارزۇلۇق ئوغلى ئىدى، شۇڭلاشقا ئۇ ئىنىسىدىن دائىم قىزغىناتتى). كېيىن، بۇ ئاكا-ئۇكا ئىككىسى ئۇچۇشنى مەشىق قىلماقچى بولۇپ، ئېھتىياقسىزلىقدىن يامان كۈچلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالىدۇ…

بۇ يامان كۈچلەر – ئەسلىدىكى بىر ساپ ئېرقتىكى مۈشۈكياپىلاقلار بولۇپ، بىر زامانلاردا سەلتەنەتلىك دۆلىتى بار ئىدى، كېيىن « بوشلۇق ئەزىمەت»ى ئۇلارنى ئاغدۇرۇپ تاشلىۋەتكەن بولغاچقا، ئۇلار بىر ئامال قىلىپ ئاشۇ دۆلىتىنى قايتىدىن قۇرۇشقا ھەرىكەتلىنىپ، بىر قاتار سۇيىقەستلەرنى پىلانلاپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ياش-گۆدەك مۈشۈكياپىلاقلارنى تۇتقۇن قىلىپ، ئۇلارغا تۈرلۈك ۋاستىلەرنى قوللۇنۇپ كاللىسىنى يۇيغاندىن كېيىن، زالىم بىر جەڭچى قىلىپ تەربىيىلەيتى، شۇ ۋاقىتتا ھېلىقى ئاكا-ئۇكا مۈشۈكياپىلاقلار بۇلارنىڭ قۇلىغا چۈشۈپ قالىدۇ، كېيىن ئاكىسى ئۆزىنىڭ كارامىتىنى كۆرسىتىدىغان ۋاقىت كەپتۇ دەپ قاراپ، ئۆزىنىڭ دۆلىتىدىن بىراقلا ۋاز كېچىپ، ئاشۇ ساپ ئېرقلارنىڭ قوشۇنىغا ئەل بولۇپ، سادىق بىر جەڭچىگە ئايلىنىدۇ ھەمدە ئىنىسىنىڭ قېچىپ كېتىشىگە قارشىلىقلار كۆرسىتىدۇ.

ئىنىسى بولسا، باشقا بىر چىشى مۈشۈكياپىلاق بىلەن قېچىش پىلانىنى تۈزۈپ، بىر ياخشى نىيەتلىك مۈشۈكياپىلاقنىڭ ياردىمىدە، بۇ زۇلمەت ئۆڭكۈرىدىن قېچىپ چىقىدۇ ۋە مۈشۈكياپىلاق دۆلىتىنىڭ پادىشاھىنى ئىزدەپ تاپىدۇ ھەمدە ئۆزىنىڭ كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىنى بىر-بىرىلەپ سۆزلەپ بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن مەزكۇر كارتوننىڭ تېخىمۇ گۈزەل ۋە تېخىمۇ نادىر بولغان جايلىرى باشلىنىدۇ…

ئۇيغۇربەگنىڭ فىلىمگە بولغان باھاسى

كىچىكىمدىن كارتون فىلىملەرگە ئاجايىب ھەۋىسىم بارتى، مەزكۇر كارتون فىلىم مەن كۆرگەن ۋە ئامراق بولغان «باتۇر تاشپاقىلار»،«شىر پادىشاھ» قاتارلىق فىلىملەردەك نادىر، ئەمما بۇ فىلىملەردىنمۇ بەكرەك مەزمۇنلۇق بولغان بىر فىلىمكەن. بۇ فىلىمنى ئۇيغۇرچىگىمۇ تەرجىمە قىلىشنى ئويلاشقان، ئىشقىلىپ ياخشى فىلىم، چوقۇم ياقتۇرۇپ قالىسىز!

فىلىمنى كۆرۈش مەنبەلىرى

1. ئاق بۈركۈت تورىدا ئۇيغۇرچە خەتلىك تەرجىمىسى بىلەن كۆرۈش، مەنزىلى :

http://www.akburkut.com/eza/forum.php?mod=viewthread&tid=2006

2. تور يۈزىدە كۆرۈش، مەنزىلى :

http://www.xiaobajie.com/dongman/6786/



无觅相关文章插件,快速提升流量

توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن


12 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...
  • ئاتەش | 2012.02.16 جاۋاب

    مەن تەتىل جەريانىدا بىر دوستۇمنىڭ ئۆيىدە كۆرگەن ئىدىم، ھەقىقەتەن تېخنىكا گەۋدىلەندۈرۈپ ئىشلىنىپتۇ دەپ ئويلىغان. قايسى كۈنى ئاق بۈركۈت تورىدا ئۇيغۇرچە خەتلىكىنىمۇ كۆردۈم. راستىنلا بىر كۆرۈشكە ئەرزىگۈدەك كارتون فىلىمكەن بۇ.
    ئو، مەن دىۋاندا ئولتۇرۋىلىپ، بەك كۆپ سۆزلەپ كېتىپتىمەنيا؟ :mrgreen:

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.02.18

      بەھۇزۇر ئولتۇرۇۋېرىڭ، بەگلىكدە دىۋاندا ئولتۇرسا تىللايدىغانلار يوققۇ…
      ئەمما ھەقىقەتەن بولىدىغان كىنو بارغۇ بۇ!

  • كارتوننىڭ قېپىنى يارىدىغاندىن بىرسى كەلدى :mrgreen:

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.02.18

      مەن كارتوننىڭ مېغىزىنى يارىدىغىنى !

  • ئۇدۇن | 2012.02.16 جاۋاب

    فەچەت كارتون جۇما بۇ… مەن كۆرۈپ بولغانتىم :grin:

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.02.18

      بىزمۇ كۆرۈپ بولدۇققۇ!

  • ئىزدەن | 2012.02.17 جاۋاب

    مانى بالام بەك ياقتۇرۇپ قالغانتى ئەمما! رەھمەت!

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.02.18

      سىزمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز دەيمە…

  • سۈرخان | 2012.02.17 جاۋاب

    ئەمما CGھەۋەسكارلىرى كۆرسە بولغۇدەك ئالامەت كارتون جۇمۇ بۇ. ئىشلەتكەن تېخنىكىسى بەكلا يۇقىرى

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.02.18

      راستلا…

  • ۋىروس | 2012.02.20 جاۋاب

    ھە … مەن تىلىۋىزوردا كۆرگەن ، ماڭا ھەممىدىن يارىغىنى س ج تېخنىكىسى بولغانتى …

  • Rishte | 2012.02.25 جاۋاب

    ھەقىقەتەن كۆرۈشكە ئەرزىيدىغان كارتۇن بۇ، مەنمۇ بىرنەچچە قېتىم كۆردۈم، يەنە كۆرگۈم كېلىپلا تۇرىدۇ..

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif