تۇرايىمىزغا قاراشلىق بلوگ مۇلازىمىتى كەسپىي بېكىتى «بلوگچى.بىز» دۇنياغا كەلدى!…

03

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك ئەزىز مېھمانلىرىمىز. كۆرگىنىڭىزدەك، تۇرايىمىز، يەنى ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى كەڭ بلوگگېرلارغا يېڭى تېخنىكا، يېڭى ئۇچۇر، يېڭى ئۇسلۇبلارنى تەمىنلەپ كېلىۋاتقان كەسپىي تېخنىكا بلوگى بولۇپ، پرېستان ئىككىمىزنىڭ ئۇسلۇب ۋە تېخنىكا ئىزنالىرىنى نۇرغۇن بلوگلاردا ئۇچرىتالايسىز. بۈگۈنكى يازمىدىن بۇرۇن بىز نۇرغۇن ھاجەتمەن بلوگگېرلار ئۈچۈن ھەقلىق ياكى ھەقسىز بولۇپ تۈرلۈك جەھەتلەردە ياردەم قىلىپ كەلگەن. ئەلۋەتتە، ھەقلىق ياردەملەرنى قىلىپ ئىقتىسادىي كىرىممۇ قىلىپ كەلدۇق. خوش، گەپكە كەلسەك، تېخىمۇ كۆپ بلوگگېرلىرىمىزغا قولايلىق يارىتىپ بېرىش شۇنداقلا ئۆگەنگەن بىلىملىرىمىز ئارقىلىق ئازراق بولسىمۇ كېرىم قىلىش ئۈچۈن بىر مەزگىللىك پىلان ئارقىلىق بلوگ مۇلازىمىتى كەسپىي بېكىتى «بلوگچى.بىز»نى پۈتتۈرۈپ چىقاردۇق. «بلوگچى.بىز» قانداق بېكەت؟ يازما داۋامىغا نەزەر سالغايسىز!…


«بلوگچى.بىز» ھەققىدە

بلوگچى.بىز-ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىغا قاراشلىق كەسپىي بېكەت بولۇپ، ئەركەك بوشلۇق مۇلازىمىتى، بلوگگېر مۇلازىمىتى، ئۇسلۇبچىلىق، Godaddy تور نامى مۇلازىمەتلىرى قاتارلىق كەسپىي مۇلازىمەتلەرنى بىر يۈرۈش قىلغان كىچىك بىر خانە. ناۋادا سىز بىر بلوگگېر بولسىڭىز، ئىشىنىمەنكى، «بلوگچى.بىز» سىزگە تولىمۇ ئەسقاتقۇسى.

مۇلازىمەتلىرىمىز

Godaddyدىن ۋەكالەتەن خەلىقئارالىق تور ناملىرى(.com,.net,.biz,.info) ياكى رايونلۇق تور ناملىرى(.me دېگەندەك) ئىسىم تىزىملىتىپ بىرىش، باشقۇرۇش، ئىسىمنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىپ بىرىش، دۆلەت ئىچىدىكى تور ناملىرىنى Godaddyگە يۆتكەپ بېرىش، Godaddyدىن بوشلۇق سېتىۋېلىپ بېرىش ھەمدە ۋاقتىنى ئۇزارتىپ بېرىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيمىز…

چەتئەل بوشلۇقلىرى مۇلازىمىتى

Godaddy,Justhost,Blueshost,Dreamhost,Hostmonister قاتارلىق چەتئەلنىڭ داڭلىق چوڭ بېكەت بوشلۇقلىرىنى ۋەكالەتەن ئىلتىماس قىلىپ بېرىش، شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ بىرىش، مەسلىھەت كۆرسۈتۈش، ۋاقتىنى ئۇزارتىش، قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن، شۇنداقلا بلوگگېر دوستلار ئۈچۈن ئىشەنچلىك، ئەركەك، مۇقىم بولغان كىچىك بوشلۇقلار بىلەن تەمىنلەيمىز...

بلوگ قۇرۇش - باشقۇرۇش مۇلازىمىتى

تور تېخنىكا بىلىمى ياكى تەجرىبىسى ئاز، ئەمما بلوگ يېزىش ئىشتىياقى كۈچلۈك ئەدىب-شائىرلار ئۈچۈن، ھەۋەسكارلار ئۈچۈن، تىجارەتچىلەر ئۈچۈن، ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن، شۇنداقلا باشقا ساھەدىكى ھەر قايسى كىشىلەر ئۈچۈن بلوگ قۇرۇش، بلوگنىڭ تېخنىكىلىق ئىشلىرىنى ھۆددىگە ئېلىش، بوشلۇق-تورناملىرىنى ۋەكالەتەن باشقۇرۇپ بېرىش، ساندان-ئۇچۇرلىرىنى قەرەللىك زاپاسلاپ بېرىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى ئېلىپ بارىمەن...

ئۇسلۇبچىلىق مۇلازىمىتى

تور دۇنياسىدا سىز ياقتۇرۇپ قالغان ئۇسلۇبلار بولسا دوراپ ياساپ بېرىش؛ لايىھىڭىز بولسا، لايىھەگە ئاساسەن قوراشتۇرۇپ بېرىش؛ تەييار يات تىلدىكى ئۇسلۇبلار بولسا سىزگە مۇۋاپىق باھادا سۈپەتلىك قىلىپ،يۇقىرى سەۋىيىدە سىزگە يارىغۇدەك قىلىپ ئۆزلەشتۈرۈپ بېرىمىز.ئەلۋەتتە،باھامۇ شۇ ئۇسلۇبنىڭ ئىقتىدارى ۋە قۇرۇلمىسىغا قاراپ بېكىتىلىدىغان بولۇپ،ئەمگىكىمىزگە يارىشا ھەق ئالىمىز....

تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلار «بلوگچى.بىز» ئورگان بېتىدە، بلوگگېر بولمىسىڭىزمۇ كىرىپ قويۇڭ، ئىشىڭىز بولسىمۇ كىرىپ قويۇڭ، بلوگىڭىز بولمىسىمۇ كىرىپ قويۇڭ.

مەنزىل: http://www.blogchi.biz/

«بلوگچى.بىز»دىن ئالاھىدە خۇشخەۋەر

«بلوگچى.بىز» توربېتىنىڭ يېڭى ئېلان قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن، ئەسلى باھاسى 138 يۈئەن بولغان ساندان ۋە ھۆججەت زاپاسلاش ئىقتىدارى قوشۇۋېتىلگەن، 8,00mb(ساندان+بوشلۇق) چوڭلۇقتىكى، 20Gلىق ئېقىم مىقدارىغا ئىگە بلوگ بوشلۇقى 5-ئاينىڭ 14-كۈنىگىچە 99 يۈئەن باھادا ئىتىبار قىلىنىپ سېتىلىدۇ، بوشلۇقنى سېتىۋالغۇچىلارغا سېستىمىنى ئورنىتىپ، قىستۇرما ۋە تاللىغان ئۇسلۇبلارنى قاچىلاپ تەڭشەپ بېرىش بىلەن بىرگە EOT تونۇتۇپ بېرىلىدۇ.  پۇرسەت غەنىيمەت! بوشلۇق ھەققىدىكى مەنزىل: http://www.blogchi.biz/hosting.html

يېڭى-ئۆگەنگۈچى بلوگگېرلار ئۈچۈن باھاسى تېخىمۇ مۇۋاپىق بولغان ياخشى بوشلۇق ئىزدەۋاتىمىز، ئەمما، بىخەتەرلىك ئۈچۈن ساندان+ھۆججەت زاپاسلاش ئىقتىدارى بار مەزكۇر بوشلۇقىمىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

تۇرايىمىزدىن نەپكە ئېرىشكەن بلوگگېرلار بولسا ياردەم قىلىپ تەشۋىقات قىلىشىپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

single-ad

sidebar-ad


25 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...
  • تۇرايىمىزدىن مەيلى ھەقلىق بولسۇن مەيلى ھەقسىز بولسۇن، ياردەمگە ياكى تېخنىكىلىق مەشخۇلاتلارنى قوبۇل قىلغان تورداشلىرىمىزنىڭ بىرەر ئېغىز سۆزلەپ قوللاپ قۇيىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، مەيلى، رازى بولماي دەردىڭىزنى تۆكەلمەي تۇرغان بولسىڭىزمۇ :oops:

    • ئوربېتا | 2012.04.25

      ئاددى بىر بلوگنى قۇرۇپ قويسام كۈلۈنلۈك ip 250 دىن يۇقىرى مېڭۋاتىدۇ …..مەن تەشۋىق قىلىپ قۇياي :|

    • ئوربېتا | 2012.04.25

      بلوگىمدا ئېلان قىلىپ قويدۇم …كۆرۈپ بېقىڭ ئۇرۇن ماسلاشمىغان بولسا ئىنكاس يېزىپ قۇيارسىز ..ئۆزگەرتىمەن :razz:

    • شەربەت | 2012.04.26

      قوش قوللاپ قوللايمىز. ئالدىراش بولساممۇ، مۇشۇنداق ساۋاپلىق ئىشلار ئۈچۈن خالىسانە ياردەمدە بولۇشقا ھەرۋاقت تەييارمەن. تاما-تاما كۆل تولار ، مۇشۇنداق بىللە ئىلگىرلەيلى ;-)

  • ئىزتىل | 2012.04.25 جاۋاب

    قالتىس ، ئاجايىپ ئېسىل ئىشتن بىرنى قىپسىلەر بۇرادەرلەر ، قوللايمەن ، مۇشۇنداق بىر ئىشنىڭ روياپقا چىققىنى بىز ئۈچۈن ، ئۇيغۇر بلوگگىرلار ، بلوگ يېزىش ئىشتىياقى كۈچلۈك ئەمما سىلەر دەپ ئۆتكەندەك تېخنىكىلىق ئىشلىرىنى ھەل قىلالمىغانلىق سەۋەبلىك بۇ ساھەگە كىرىشەلمەيۋاتقان دوستلىرىمىزنىڭ ئىشلىرى ئەمدى ئاسانلا ھەل بۇلۇپ كېتىدىغان بولدى ، مەن تۇنجى بۇلۇپ قوللايمەن ، چۈنكى ئۇيغۇربەگ ۋە پرېستان ئىككى ئەپەندى مېنىڭ بلوگ دۇنياسىغا قەدەم بېسىشىمغا زور دەرىجىدە تۈرتكىلىك رول ئوينىغان ، يەنە كېلىپ مەن ۋە ماڭا ئوخشاش بلوگ ساھەسىدە چۆرگىلەپ يۈرگەنلەرگە قانچىلىغان ۋاقىت ۋە زېھنىنى سەرىپ قىلىپ يۈرۈپ ياردەم قىلمىدى ، ئەلۋەتتە يارەم خالىس ، بىراق ھەقلىق ئىش قىلىشمۇ خالىس ئىش جۈملىسىدىندۇر ، چۈنكى بلوگ ساھەسىدە سوتسىيالىزىم روياپقا چىققىنى يوق . ئۇلارنىڭ ھەقلىق مۇلازىمەت قىلىش پەقەت پۇل ئۈچۈنلا ئەمەس …
    روھى باي دېگەننى ئەمدى ئىسپاتلاپ بەردىڭلار .
    مەن تەشۋىق قىلىمەن . رەسىمنىڭ HTML ئادىرسىنى قانداق تاپىمەن ؟

  • ئەلشات | 2012.04.25 جاۋاب

    ئاخىرى رەسمى ئىلان قىلدىلىدە

  • ئۇدۇن | 2012.04.25 جاۋاب

    مۇبارەك، بلوگچىلىقىمىزدىكى يەنە بىر بوشلۇق تولدۇرۇلدى مانا. كۈندىن كۈنگە روناق تاپسۇن بلوگچى بىز!!!

  • مەيلى قانداقلا بولمىسۇن قاتتىق قوللايمەن!

  • ئوربېتا | 2012.04.25 جاۋاب

    مەن ئاسمانغا كۆتۈرۈپ تۇرۇپ قوللايمەن …….ماڭا بىر ئۇسلۇپ ياساپ بەرگەن . مەن ئالامەت رازى بولدۇم…… :mrgreen: لېكىن بۇ ئۇسلۇپ مەخپى ….. :cool:

  • مۇزات | 2012.04.26 جاۋاب

    شۇنچىۋالا خالىسانە ياردەم بەرگەن بلوگ ساخاۋەتچىسنى كىم قوللىمايدۇ،ئەلۋەتتە ھەممىمىز قوللايمىز. تور نام ئۇزارتىش ۋە بوشلۇق ئېلىش قاتارلىق ئىشلارنى قانداق قىلامەن دەپ يۇرگەن،ئەنسىرمسەممۇ بولغۇدەك. ;-)

  • ھارماس | 2012.04.26 جاۋاب

    ئاخىرى سىلە باش بۇلۇپ ئۇيغۇر بىلوگچىلك تارىخىنى تېخىمۇ گۇللەنگەن ۋاقتىنى بارلققا كەلتۇرەې دەپسىلە ھە

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.05.2

      ئەزەلدىن باش بولۇپ كېلىۋاتىمىز دەپ تۇرۇۋالسام…

  • ئىقبال | 2012.04.26 جاۋاب

    مەن ئالدىراپ قالغان ، گەرچە ئىنكاستا كېيىن قالغان بولساممۇ ، ئەمما ئىشىنڭكى بىرىنچى بولۇپ قوللايمەن . مەيلى تەشۋىق قىلىش جەھەتتىن بولسۇن ياكى مەن قولۇمدىن كېلىدىغان باشقا جەھەتلەردە بولسۇن ، مۇشۇ ئۇيغۇر بىلوگچىلىقىنى يەنىمۇ تەرەققى قىلدۈرۈش ئۈچۈن بولسىمۇ ، سىلەرگە بولغان ياردىمىمنى ئىھتياجلىق بولغان چاغدا جەزمەن ئايمايمەن ….ئىشلىرىڭلار مەڭگۈ روناق تاپقاي…!!!

  • ئەجرىم | 2012.04.26 جاۋاب

    بەگ .ئەمسە تەشۋىقات ئىلانىدىن بىرنى سوۋغا قىلاي :|

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.05.2

      جىڭ ھە؟

  • ئالپبەگ | 2012.04.26 جاۋاب

    ئۇيغۇربەگ يامان جۇمۇ…

  • رىنات | 2012.04.26 جاۋاب

    «بلوگچى بىز» نىڭ روناق تېپىشىغا تىلەكداشمەن. :smile:

  • ئەرك | 2012.04.27 جاۋاب

    مەن روھى جەھەتتىن قوللاپ بېرەي :lol:

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.05.2

      بىز ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللاپ كېلىۋاتىمىزغۇ سىزنى!

  • ئىزدەن | 2012.04.28 جاۋاب

    پېقىرمۇ قاتتىق قوللايمەن! گەرىچە بىلوگۇم 50 ip غا توشمىسىمۇ، تەشۋىقات رەسىمنى چىقىشى ھامان قويۇپ بولىمەن! ھېچ بولمىسا ئىنكاس يازالمىسام ip دا بولسىمۇ يوقلاپ تۇرىمەن!

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.05.2

      ناھايىتى رەھمەت ئېيتقانلىرىڭىزغا…

  • Forever | 2012.04.28 جاۋاب

    ئۇيغۇر بلوگچىلىق ساھاسىدىكى بىر بوشلۇقنى تولدۇرۇپسىلەر ، قوش قوللاپ قوللايمىز !!! گەرچە بلوگگىر بولمىساممۇ :mrgreen:

  • ئەجەپ پىچەت ئىش بوپتۇ ، ھارمىغايسىلەر …

  • ئاتەش | 2012.04.30 جاۋاب

    كەتكەن ۋاقىت: 2 مىنۇت 30 سىكۇنت
    ئىرىشكەن نۇمۇر: 45

    • ئاتەش | 2012.04.30

      ماۋۇ ئىنكاسنى خاتا يوللاپ ساپتىمەن. خاپا بولماي ئۆچۈرۋىتەرسىز.

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif