- سەھىپە:تۇرا يېڭىلىقلىرى
- | باھا:49
- | زىيارەت: 4,538 قېتىم ئوقۇلدى
- | خەتكۈچ: ، بلوگ
ئەسىرلەر ئۆتتى ، يىللار ئۆتتى ، ئاينى قوغلاپ ، ئاي كەينىدىن كۈنلەر ئۆتتى . مانا شۇنداق قىلىپ ، بىز ئىنسانلار سۇدا ياشايدىغان بىلىق بولمىساقمۇ ، مۇشۇ ئىنتىرنىتتىن ئىبارەت تور دۇنياسى بارلىققا كېلىشى بىلەن ، تورغا چۈشكەن بىلىقلاردەك تورغا باغلىنىپ قالدۇق . تورغا چۈشكەن بىلىقلار جان قايغۇسىدا قىينالسا ، ئەكسىچە بۇ "تور"بىزلەرگە مەنىۋى ئوزۇق ، ئۆز ئىقتىدارىمىزنى جارى قىلدۇردىغان ، ئۆزىمىزنى تونۇتىدىغان سەھنە شۇنداقلا بەيگە مەيدانى بولۇپ قالدى. يۇقىرىقى قۇرلارنى مەن يازدىممۇ ياكى بۇ قۇرلار مېنى يېزىۋاتامدۇ بىلمىدىم ، توساتتىن قۇلىقىمغا "ساز بىلوگ".......قۇرۇلۇپتۇ دېگەن پاراڭلار ئاڭلىنىپ دىققىتىم چىچىلىپ كەتتى .
شۇنىڭ بىلەن ساز بىلوگ بىلەن تونۇشۇش ئىستىكىدە ئۇنى زىيارەت قىلدىم . ئۇنى سىلەرگىمۇ تونۇشتۇرۇشنى لايىق تاپتىم .
ساز بىلوگنى تونۇشتۇرۇشتىن ئاۋال ، ئالدى بىلەن "ساز"سۆزىگە چۈشەنچە بىرىپ ئۆتەي :
ساز سۆزى ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆز بولۇپ ، كەڭ تەرەپلىمە مەنىگە ئىگە . بۇ يەردىكى مەنىسى-ياخشى ، ساق ، جايىدا ، يىقىملىق ، جاراڭلىق دېگەن مەنىلەرنى بىلدۇرىدىغان بولۇپ ، كونىلاردىكى:"ئاز بولسۇن ساز بولسۇن ."، "ئىش قورالىڭ ساز بولسا ، مۇشەققىتىڭ ئاز بولۇر"دېگەن ماقال-تەمسېللەرمۇ ، مانا مۇشۇ "ساز"سۆزى ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن .
"ساز بىلوگ"ئۇيغۇر بىلوگچىلىكىدىكى باشلامچىلاردىن ئۇيغۇربەگ ۋە پىرىستانلارنىڭ بىر قوللۇق پىلانلىشى ، لايىھەلىشى ، بىلىكيار (لەقىمى سەھرالىق) نىڭ يىقىندىن كۈچ چىقىرىشى بىلەن ۋوردپىرس سۇپىسىدا "ئۇلىنىش بىلوگى" سۈپىتىدە مەيدانغا كەلدى .
قۇرۇلۇش مەقسىتى : ئۇيغۇر بىلوگچىلىقىدا مەيدانغا كەلگەن بارلىق بىلوگلارنى جەم قىلىش ، ئۇلارنى زىيارەت قىلىشقا قولايلىق تۇغدۇرۇش ، داڭدار بىلوگلارنىڭ مەيدانغا چىقىشىغا تۈرتكە بولۇش ، خەلقىمىزنى بىلوگ بىلەن ئۇچىرىشىش ، تونۇشۇش ۋە ئۇنى چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىش ئاساسى مەقسەت قىلىنغان . ئىقتىساد توپلاش مەقسىتى يوق ، ئىلاندىن خالىي ، ئىسمى-جىسمىغا لايىق ساز بىلوگدۇر .
بىلوگ شۇئارى : يولىمىز بىر ، مەنزىلىمىز بىر !!!
بىلوگىڭىز بولسا ساز بىلوگقا ئۇلىنىش قىلىڭ ، ساز بىلوگ ئارقىلىق ئۆز بىلوگىڭىزنى نامايەن قىلىڭ ، باشقىلارغا تونۇتۇڭ .
ساز بىلوگ-سىزنىڭ ، مېنىڭ ، ھەممىمىزنىڭ ئۆز بىلوگلىرىمىزنى تونۇتۇشىمىزدىكى كۆۋرۈك . بۈگۈن ساز بىلوگقا كىردىڭىزمۇ؟
سازبلوگ بلوگ جەمگاھىنىڭ مەڭگۈلۈك ئادرېسى : http://www.sazblog.com
يازمىدا : مۇئەللىم بلوگىدىن مۇئەللىم
ئۇيغۇربەگدىن تولۇقلىما: ئەمەلىيەتتە سازبلوگنىڭ قۇرۇلۇپ، تۇنجى قەدەمدە بلوگلارنى يىغىپ توپلىغىلىمۇ ئۈچ ئايدىن ئاشتى، مەلۇم سەۋەبلەرگە كۆرە مۇشۇ كەمگىچە سۆرۈلۈپ قالدۇق، ئەلۋەتتە، نۇرغۇن بلوگلارنىڭ بۇ بلوگزارلىققا قوشۇلمىغانلىقى ئېنىق، شۇڭلاشقا چۈشۈپ قالغان بلوگداشلارنىڭ تۆۋەندىكى بەتتىكى ئۇسۇللار ئارقىلىق بلوگىڭلارنى سازبلوگ بلوگ جەمگاھىغا قوشۇۋېلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز. شۇنداقلا، لايىق كۆرسەڭلا بۇ بالا بېكەتنى ئۇلىنىشىڭلارغا قوشۇۋېلىشىڭلارنى سورايمىز. مەزكۇر بېكەتنىڭ مەقسىدىمۇ بلوگلارنى بىر يەرگە توپلاش ھەمدە تېخىمۇ كۆپ زىيارەت ئېقىمىغا ئىگە قىلىشدىن ئىبارەت.
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن
- [ مەخپىي رېتسىپ ] WordPressدە باشبەتتىكى تۇنجى يازما كەينىگە ئېلان قىستۇرۇشنىڭ تەدبىرى (9)
- مۇنبەرنى قايتا گۈللەندۈرۈش خىزمىتىگە ئاتلىنايلى! (8)
- [تەنەپپۇس مەزگىلى]مۇڭلۇق تاتارچە ناخشا-بۇلبۇل
- [ئايفون بىلىملىرى] ئايفوندا سېستىما يېڭىلىغاندا چىقىدىغان نامەلۇم خاتالىق (-1)نى ئوڭشاش (7)
- [بايقاش]نۇرقۇت ئەترىتى توربېتى DiscuzXگەكۆتۈرۈلۈپتۇ(نەق مەيدان خەۋىرى) (1)
- wordpress تا بەلگىلىگەن ۋاقىت ئىچىدىكى ئەڭ كۆپ ئىنكاسلىق يازمىنى چىقىرىش ئۇسۇلى (12)
- wordpress پارولى توغرا تۇرۇپمۇ باشقۇرۇش بېتىگە كىرگىلى بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش (6)
- [يەرلىك قىستۇرما] WP-beFont – ۋوردپرەس 3.5 نەشىرىگە ئۇيغۇرچە فونت ۋە كىرگۈزگۈچ قىستۇرمىسى (8)
- نېمىشقا سىزنىڭ wordpress بلوگىڭىز E-mail ئەۋەتەلمەيدۇ (3)
- بلوگنى سىپەمدىن قوغداپ قېلىشنىڭ 6 تەدبىرى (2-باب: خاككېر ئېمپىرىيىسى) (3)
- Prestan Simple 3 نەشىرىنى جىددي ياساۋاتىمەن، تەكلىپ پىكىر بارمۇ؟ (27)
- js ئارقىلىق بلوگ ئۈستىگە ئۇچۇر(ئېلان) چىقىرىش (2)