- سەھىپە:ئۇنىۋېرسال
- | باھا:7
- | زىيارەت: 1,318 قېتىم ئوقۇلدى
- | خەتكۈچ: ، ئايفون
بۈگۈنكى تىمىنىڭ مەزكۇر بلوگىمىزنىڭ خاراكتىرى بىلەن تازا مۇناسىۋىتى يوق، ئەمما بىر نەچچە كۈن مۇقەددەم ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ئامېرىكىلىق Iphone 4 تېلىفونۇمنى ئىشلىتىش داۋامىدا بىر ئاز بىلىمگە ئىگە بولىۋالغان ئىدىم. مەزكۇر يازمىنى ئەسلى پاسىبان كۇلۇبى ئۈچۈن يازغان، قەدىناس تۇرايىمىزنىڭ يېڭىلانماي تاشلىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن بۇ تېمىنى ھەم بۇ يەرگە تەڭ يوللىدىم. ئايفونچى بلوگگېرلار مۇنداقلا قاراپ قويسا بولىدۇ.
نامەلۇم خاتالىق (-1) ھەققىدىكى دەسلەپكى ئىزدىنىش
ئالدىنقى مەزگىل پاسىبان كۇلۇبىدا «ئامېرىكىلىق كېسەك»نامىدا بىر قانچە تىما يوللىغان ئىدىم، كېيىن مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا يىشىلگەن بۇ قەدىناس كېسىكىمنى ئىشلىتىش داۋامىدا، كۆپ قېتىم سېستىما يېڭىلاشقا توغرا كېلىپ، نۇرغۇن قېتىم «نامەلۇم خاتالىق -1 »(发生未知错误-1)غا ئۇچراپ كەلدىم. توردىكى ئىزدىنىشىم ئاساسىدا شۇنى بىلدىمكى، «نامەلۇم خاتالىق –1» كۆپىنچە ئامېرىكا نەشىرىدىكى ئالما 4 تېلىفونلىرىدا ئۇچرايدىكەن، شۇنداقلا بۇ خاتالىق كۆپىنچە ھاللاردا قاتتىق دېتال كاشىلىسىدىن كۆرۈلۈدىكەن، نورمالدا قېپى ئالماشتۇرۇلغان(翻新) تېلىفونلاردا بۇ كاشىلا كۆپرەك كۆرۈلىدىكەن(ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى مېنىڭ كېسىكىممۇ دەل مۇشۇنداق قېپى ئالماشتۇرۇلغان تېلىفون بولۇپ چىقتى،بۇنى ئاز دەپ قاتتىق دىتاللىرىدا كاشىلا كۆپ چىقتى). نورمالدا، باشقا تېلىفونلاردا مۇنداق خاتالىق ئاز كۆرۈلىدىكەن، شۇنداقلا تاسادىبىي كۆرۈلسە بۇ تېلىفوننى چاتقان سىم بىلەن ۋاستىلىك مۇناسىۋىتى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
مەن ئۇچرىغان ئەھۋال: IOS 5.1.1 نەشىرى، Iphone 4 16 گىگابايتلىق ئامېرىكا نەشىرى
نامەلۇم خاتالىق (-1)نى ھەل قىلىش
1. تېلىفون سىمىنى(يەنى كومپىيۇتېرغا باغلايدىغان سىمىنى) ئالماشتۇرۇپ سىناپ بېقىش
2. باشقا كومپىيۇتېردا سىناپ بېقىش
3. باشقا كومپىيۇتېردا باشقا، يېڭى سىم بىلەن سىناپ بېقىش
4. ئاۋۋال كومپىيۇتېرىڭىزدىكى hosts ھۆججىتىڭىزنى زاپاسلاڭ، ئاندىن hosts ھۆججىتى ئىچىدىكى مەزمۇنلارنى ئۆچۈرۈۋېتىپ، كومپىيۇتېرنى قايتا قوزغۇتۇپ سىناپ بېقىڭ.
5. كومپىيۇتېرىڭىزدىكى itunesغا ئائىت بارلىق مەزمۇنلارنى(ھۆججەت، پروگرامما دېگەندەك) يۇيۇۋەتكەندىن كېيىن، itunesنى ئورگان بېتىدىن قايتا چۈشۈرۈڭ، شۇنداقلا يۇقىرىدىكى 1-4كىچە بولغان مەزمۇنلارنى قايتا تەكرارلاڭ.
يۇقارقى تەدبىر ئاقمىدى، قانداق قىلىش كېرەك؟
نامەلۇم خاتالىق (-1)نى ھەل قىلىشنىڭ دادىسى
1. سېستىمىنى يېڭىلاش مەشخۇلاتىنى نورمال ئېلىپ بېرىڭ، ئاندىن «نامەلۇم خاتالىق -1 »(发生未知错误-1)كۆرۈلگەن ھامان خاتالىق ئەسكەرتىشىگە ھېچقانداق چىقىلماي، ئىككىنچى باسقۇچدىكى مەشخۇلاتنى باشلاڭ.
2. بۇ ئادرىسدىن لازىملىق قورالنى چۈشۈرۈڭ، ئاندىن ئىچىدىكى ھۆججەتلەرنى ئۈستەل يۈزىگە چىقىرىڭ.
3. ئاندىن پىرىسدىن چىققان ھۆججەتلەردىن redsn0w.exeنى تېپىڭ ۋە مەزكۇر پروگراممىنى ئىجرا قىلىڭ.
4. قوزغالغان كۆزنەكتىن ئاۋۋال Extrasنى تاللايمىز، ئاندىن Recovry fixنى تاللايمىز.
5. يۇقارقى باسقۇچلارنى تاماملاپ بولغاندىن كېيىن، پروگرامما سىزدىن DFU ھالىتىگە كىرىش مەشخۇلاتىنى قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ، سىز تىز سۈرئەتتە DFU ھالىتىگە ئۆتۈپ بولىشىڭىز كېرەك.
6. ناۋادا، يۇقارقى باسقۇچلار مۇۋەپپىقىيەتلىك بولسا، بولۇپمۇ سىزنىڭDFU ھالىتىگە كىرىش مەشخۇلاتىڭىز ئۇتۇقلۇق بولسا، تېلىفونىڭىزنىڭ ئىكرانىدا ئاۋۋال بىر پاتمان كودلار ئىجرا بولىدۇ، ئاندىن بىر ئاز ۋاقىتتىن كېيىن بىر ئاناناس مىۋىسى(菠萝)نىڭ سۆرىتى چىقىدۇ، ناۋادا بۇ جەريانلار كۆرۈلسە، مەشخۇلاتىڭىزنىڭ توغرا بولغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
7. ناۋادا 6-باسقۇچدىكى ئەھۋالنى ئۇچراتمىسىڭىز قەتئىي چۈشكۈنلەشمەي 1-5كىچە بولغان جەرياننى قايتا-قايتا سىناڭ. مۇئەللىپ 13-قېتىملىق سىناشتا مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا «نامەلۇم خاتالىق -1 »(发生未知错误-1)نى ھەل قىلىپ، سېستىمىسىنى يېڭىلىۋالدى.
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن
- Prestan Simple 3 نەشىرىنى جىددي ياساۋاتىمەن، تەكلىپ پىكىر بارمۇ؟ (27)
- [بلوگگېرلار چايخانىسى]ئۇيغۇربەگدىن ھەر قايسى بلوگگېرلارغا ساۋاق ۋە نەسىھەت (2) (24)
- Windows بوشلۇقىدا ساختا تىنچ بەت(伪静态) ھاسىل قىلىشنىڭ تەدبىرى (15)
- [Windows7 ئۇسلۇبى] ‹‹نانىيا رىۋايىتى3›› چۈشۈرۈشكە تەمىنلەندى (2)
- wordpress دىكى Fatal error-cood خاتالىقىنى ئوڭشاش (5)
- [ئويلىرىم]Google ئېلان قىلغان 1،000داڭلىق توربەت دەرىجىسىنى كۆرۈپ… (2)
- ئۇيغۇربەگ : كاشىغەرىينىڭ ئوغلىمەن!… (2)