- سەھىپە:ئۇيغۇربەگنىڭ ئويلىرى
- | باھا:1
- | زىيارەت: 1,066 قېتىم ئوقۇلدى
- | خەتكۈچ: ، culture, ئۇيغۇر, ئۇيغۇربەگ
بۈگۈن شېنجىننىڭ ھاۋاسى بۆلەكچىلا دىمىق. نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ياغقان چوڭ يامغۇرنىڭ تەسىرىدە ھاۋا ئىللىپ قالارمىكىن دېگەن خام خىيالىمنىڭ ئەكسىچە، ھاۋا تېخىمۇ ئىسسىپ، تىنجىقلىشىپ كەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە شېنجىننىڭ تۆمۈر پاشىلىرى چېقىپ كېچىلىرى ئۇيقۇمنى بۇزۇپ كېتىپ باراتتى. ئەتتىگەندە، باشقا ئىشلار ئېسىمدە يوق، كاللامدا بۈگۈن ئالماقچى بولغان كەسپىي دەرسلىكنىڭ چارەكلىك ئىمتىھاننىڭ قورقۇنچى بىلەن تولغاچ، ئەتتىگەندە باشقا ئىشلارنى ئويلىغۇدەك بولماپتىمەن، گەرچە تۆنۈگۈن تەكرار قىلغان بولساممۇ، كەسىپ ئالماشقاندىن كىيىنكى تۇنجى قېتىملىق سىناق بولغاچقا، يەنىلا بىر ئاز جىددىيلىشىپ باراتتىم…
ئىمتىھانمۇ تۈگىدى، چۈشلۈك تاماقتىن يېنىپ، كېلىۋىتىپ بىر ساۋاقدىشىمنىڭ ‹‹ ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن، بۈگۈن دوپپا كىيدىڭىزمۇ؟›› دېگەن مەزمۇنىدىكى ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. شۇھامان بۈگۈنكى كۈننى ئىسىمگە ئېلىپ سۈكۈتتە تۇرۇپ قالدىم. بېشىمدا دوپپا يوق ئىدى، دوپپا يوقلۇقىدىن ئەمەس، دوپپا كىيىش ئىسىمدىن چىقىپ قالغانلىقىغا ئۆكۈنمەكتە ئىدىم.
راستىنى دېسەم، بۇ بايرام توغرۇلۇق ئالدىنقى يىلى نۇرغۇن ئۇچۇرغا ئىگە بولغان بولساممۇ، شۇنداقمۇ تۆنۈگۈن كىشىلەر تورى()ئارقىلىق مەلۇماتقا ئېرىشكەن بولساممۇ، نېمىشقىكىن كۆڭلۈمنىڭ بىر يېرىدە بۇ بايرامغا نىسبەتەن چوڭقۇر بولغان تونۇش يوق ئىدى. بۇ بايرامنىڭ چىقىش تارىخى ھەققىدە ئازراق ماتېرىيال كۆرگەن بولساممۇ، ئەمما يەنىلا چۈشەنچەم چۇڭقۇرلاشمىغانىدى. ياتاققا قايتىپ، ئەينى چاغدا يۇرتۇمدىن ئەپكەلگەن دوپپامنى بېشىمغا كىيدىم. شۇ ھامان، كىيىم ئىشكاپىمدا كانۋاي كۆڭلىكىم بارلىقى ئېسىمگە كەلدى-دە، شۇ ھامان ئۇنىمۇ ئۈستۈمگە كىيدىم.
-ۋوي، نەگە بېرىپ ئويۇن قويىسەن؟-دەپ سورىدى ياتاقدىشىم كۈلۈمسىرەپ. جاۋاب بېرىشنىڭ ئورنىغا ئەينەكنى ئېلىپ ئۆزۈمگە سەپ سالدىم. ئەينى چاغ، يولداشلار بىلەن بىرگە ئوقۇيدىغان ۋاقىتلىرىمىز، مەكتەپدە بىرەر پائالىيەت بولسا ياكى رەھبەرلەر كەلگەن ۋاقىتتىلا مۇشۇ ھالدا كىيىنىپ چىقاتتۇق. بۇنى ھەتتا مىللىي كىيىم دەپ خەنزۇچە ئاتىشاتتۇق. بولمىسا، ئادەتتە دوپپا-كانۋاي كۆينەك كىيىدىغان ۋاقتىمىز يوقنىڭ ئورنىدا ئىدى. شۇنداق قىلىپ دوپپا ۋە كانۋاي كۆينەكنى كىيىپ ئۆزۈمنىڭ باشقىچە روھلىنىپ كەتكەنلىكىمنى ھېس قىلدىم-دە، چۈشتىن كىيىنكى دەرستە مۇشۇ كىيىمىم بىلەن چىقىشنى قارار قىلدىم.
چۈشتىن كىيىن، ئىككى سائەت دەرسىم بار ئىدى، بۇ دەرسنى ئامېرىكىلىق پروفېسسور بېرىدىغان بولۇپ، سىنىپقا كىرگىنىمدە ئۇ يوق ئىكەن، ئەسلىدىكى ئورنۇمغا بېرىپ، خەن ساۋاقداشلارنىڭ سۇئالغا تولغان كۆزلىرىگە كۈلۈمسىرەپ ئولتۇردۇم. بىر ئاز ۋاقىتتىن كىيىن ئوقۇتقۇچىمىز سىنىپقا كىرىپ كەلدى. يوقلىما قىلىۋېتىپ، ماڭا كەلگەندە ئۇ تۇيۇقسىز ماڭا تىكىلدى.
-.كىيىمىڭ ھەجەپ چىرايلىقكىنە جەك،-دېدى ئۇ كۈلۈمسىرەپ
-شۇنداق، بۇ بىزنىڭ مىللىي كىيىمىمىز
-ھە، بۈگۈن بايرىمىڭلارمۇ؟
-شۇنداق، بىزنىڭ دوپپا كۇلتۇر بايرىمىمىز
-نېمە دېدىڭ؟ دوووو؟
-دوپپا، بىزنىڭ باش كىيىمىمىز
-ۋاۋ…دوبا؟ سەن ئالبانمۇ؟
-ياق مەن ئۇيغۇر
-ئۇيگۇر(كىيىنكى دىئالوگلاردا ئۇيغۇر دەپ ئېلىنىدۇ)؟ ئۈرۈمچى؟
-شۇنداق، جۇڭگونىڭ غەربىي ئۆلكىسىدىن كەلدىم
-ھە، ئۇيغۇرلار دەپ كۆپ ئاڭلىغانمەن. ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ مۇنداقمۇ كىيىمى بارلىقىنى ئەمدى كۆرۈشۈم. قارىماققا ئالبانلارغا ئوخشاپ قالىدىكەنسىلەر ھە…
-ئالبانلاردىن بەكرەك تۈرككە ئوخشىشىمىز مۇمكىن
-تۈرك…تۈركىيە تۈركلىرى، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركلىرى دەپ ئاڭلىغان
-بىزمۇ شۇ ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركلىرىدىن. ئۇيغۇر، ئۆزبېك،قازاق قاتارلىق نۇرغۇن ئېتنىك گۇرۇپلار ئەمەلىيەتتە بىر يىلتىزدىن
-ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تىلى، دىنى بارغۇ؟
-شۇنداق، ئۇيغۇرلار تۈرك تىلىنىڭ بىر تارمىقى بولغان ئۇيغۇر دىئالىكىتىدا سۆزلەيدۇ، كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئىتىقاد قىلىدۇ ھەمدە ئەرەپ يېزىقى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىشلىتىدۇ
-ئاجايىپ! بۈگۈن مەن ئۈچۈن بىر قېتىملىق مەدەنىيەت ئۆگۈنۈش دەرسى بولدى، رەھمەت ساڭا جەك، كېيىنچە سەن بىلەن سېنىڭ خەلقىڭ ھەققىدە كۆپرەك مۇڭدىشىشقا پۇرسەت بولغاي ئىلاھىم! ئەمىسە، بىز دەرسىمىزنى باشلايلى…
بۇ مۇئەللىمنىڭ دەرسىنى ئاڭلاۋاتقىلى 2 ئايچە بولغان بولسىمۇ، ئەمدىلىكتە بېشىمدىكى دوپپا بىلەن ئۇچامدىكى كانۋاي كۆڭلەكنىڭ تۈرتكىسىدە ماڭا بەكرەك دىققەت قىلغانىدى، دەرستىن چۈشكەندىن كىيىن، ئۇيغۇرلارنى نامرات، يالىڭاچچىلىقتا ئۆتىدۇ، دادىسى كاۋابچى، بالىسى يانچۇقچى دەپ ئويلايدىغان ساۋاقداشلارنىڭ سۇئالى ئاستىدا قالدىم…
دوپپا، دوپپا… كەچلىك تاماقدىن يېنىپ، ياتاققا قايتقاندىن كىيىن بېشىمدىكى دوپپا بىلەن ئۇچامدىكى كۆڭلەك ھەققىدە ئويغا پاتتىم. دوپپا=ئۇيغۇر، ئۇيغۇر=دوپپا؟….
2011-يىلى 5-ماي، شەھىرى شېنجىن
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن
- يالما كەنت بالىلىرى، كېلىڭ، يۈرىكىڭىزنى تۇتۇپ بېقىپ فىلىمنى كۆرۈپ كېتىڭ!… (16)
- WordPress دە بەت ئۈستى، ئاستى ۋە ئىنكاس رايونىغا قايتىش كونۇپكىسى قوشۇش (21)
- [يۈك قورالى]نۆۋەتتىكى ئەڭ كۈچلۈك BT چۈشۈرۈش قورالى-µTorrent
- بلوگ ئاپتورىنىڭ Gravatarباش سۆرىتىنى بلوگنىڭ Favicon سۆرىتى قىلىپ بەلگىلەش تەدبىرى (25)
- بلوگ باشبىتىگە ئارقا سۇپىغا كىرىش رايونى ياساش (10)
- ئاڭلىمىدىم دېمەڭلار خالايىق، «2012-يىللىق 10 نادىر بلوگ»نىڭ بېلەت تاشلاش قىسمىنى باشلىۋەتتۇق!… (9)
- Google Adsenseھېساباتىڭىزنىڭ قانداق قەتلىئام قىلىنغانلىقىنى بىلەمسىز؟