ئاڭلىمىدىم دېمەڭلار خالايىق، «2012-يىللىق 10 نادىر بلوگ»نىڭ بېلەت تاشلاش قىسمىنى باشلىۋەتتۇق!…

ئاڭلىمىدىم دېمەڭلار خالايىق، «2012-يىللىق 10 نادىر بلوگ»نىڭ بېلەت تاشلاش قىسمىنى باشلىۋەتتۇق!…

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەزىزلەر! 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى باشلانغان «ئۇيغۇرلاردىكى 2012-يىللىق 10 نادىر بىلوگنى باھالاش پائالىيىتى» بۈگۈن ئەڭ ئاخىرقا باسقۇچقا-بېلەت تاشلاپ، 10 نادىر بىلوگنى تاللاپ چىقىش باسقۇچىغا قەدەم قويدى. بۇ جەرياندا نامزات كۆرسىتىش باسقۇچى(بىر ئاي) ۋە نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن بىلوگلارنى نومۇر قويۇپ باھالاپ، ئالدىنقى 20 بىلوگنى تۇرغۇزۇپ چىقىش باسقۇچى(15 كۈن) ناھايىتى رەتلىك، ئادىللىققا يېقىن داۋام ئەتتى. نەتىجىدە بۇ باسقۇچلار ئارقىلىق، ئالدىنقى 20 بىلوگ رەسمىي نامزات قىلىپ تۇرغۇزۇلدى.شۇنداق قىلىپ،  2012-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى 23:59 قىچە بىر ئاي داۋام قىلىدىغان 10 نادىر بىلوگنى بېلەت تاشلاپ تاللاش پائالىيىتى رەسمىي باشلاندى.

 

ئالدىنقى 20 بىلوگنى تۇرغۇزۇپ چىقىش باسقۇچى ھەققىدە زۆرۈر ئىزاھاتلار:

1. نومۇر قويۇش ئۆلچىمى ئامال كونكېرت ۋە ئىنچىكە بولدى.
2. ھەيئەتلەر ئىسىملىكى مۇشۇ تېما ئېلان قىلىنغانغا قەدەر ئاشكارىلانمىدى.
3. بىلوگى نامزاتلىققا كىرگەن بىلوگگىرلارنىڭ ھېچقايسىسى باھالاش ھەيئىتى گۇرۇپپىسىغا كىرگۈزۈلمىدى.
4. بەزى بىلوگلار دەل مۇشۇ باسقۇچتا ئېچىلمىغان ياكى نورمال بولمىغان قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن نومۇر قويۇلمىدى ياكى نومۇر تارتىلدى.
5. باھالاش نەتىجىسىدىن مەلۇمكى، بۇ يىللىق باھالاشتا ئالدىنقى يىللىرى نەتىجىگە ئېرىشكەن بەزى بىلوگلار شالللىنىپ قالغان، يېڭىدىن خېلى كۆپ بىلوگلار سەپكە قوشۇلغان. بۇنى باھالاش گۇرۇپپىسىكى ھەيئەتلەرنىڭ يىللاردىكىگە نىسبەتەن كەڭرەك ساھەدىن تاللانغانلىقىدىن دېيىش مۇمكىن.

پائالىيەتنى ماددىي ۋە تەشۋىقات جەھەتتىن قوللىغۇچىلار:

      (ئورۇنلارنىڭ پائالىيىتىمىزنى قوللاش ھەققىدە پوزىتسىيە بىلدۈرگەن ۋاقتى بويىچە تىزىلدى)
      1. بىلكان ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ماددىي مۇكاپات بۇيۇملىرى بىلەن قوللىدى.
      2. مۇئەللىم ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ماددىي مۇكاپات بۇيۇملىرى بىلەن قوللىدى.
      3. ئۇيغۇرسوفت كومپيۇتېر چەكلىك شىركىتى ماددىي مۇكاپات بۇيۇملىرى بىلەن قوللىدى.
      4. مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانسىسى تەشۋىقات جەھەتتىن قوللىدى.
      5. شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى تەشۋىقات جەھەتتىن قوللىدى.
      6. «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلى تەشۋىقات جەھەتتىن قوللىدى.
      7. ئۇلىنىش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى (ulinix.cn) تەشۋىقات جەھەتتىن قوللىدى.
      8. ياخشى تور پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى (izda.com ئارقىلىق) تەشۋىقات جەھەتتىن قوللىدى.
      9. بىرزات بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ماددىي مۇكاپات بۇيۇملىرى بىلەن قوللىدى.
      بۇ ئورۇنلارغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز.
2012 –يىللىق 10 نادىر بىلوگنى باھالاش گۇرۇپپىسىدىكى ھەيئەتلەر:
     (ھەيئەتلەر ئىسىملىكى بىلوگ باھالاش نەتىجىسىنى شىركىتىمىزگە يوللاپ بەرگەن ۋاقتى بويىچە تىزىلدى)
      يۈسۈپ مۇھەممەت (ئاقسۇ ۋىلايەتلىك تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى خەۋەرلەر بۆلۈمىنىڭ خادىمى)
     ئابدۇخېلىل ئوسمان (يەكەن ناھىيەلىك سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى تور بۆلۈمىنىڭ تېخنىكى)
     ئابدۇرېشىت نىياز (ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۇچۇر تورى مەركىزىنىڭ مەسئۇلى)
     ئابدۇقادىر جالالىدىن (شىجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى)
     يالقۇن روزى (شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتىنىڭ كاندىدات ئالىي مۇھەررىرى)
     نىزامىدىن ۋاھاپ ( ئۇلىنىش خەلقارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى)
     ئەلى (بىلكان ئېلېكتىرون شىركىتى يۇمشاق دېتال بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى)
     ئابدۇرېشىت غۇپۇر (شىجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى)
     ئەمەتجان رۇسۇل (كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى)
     بۇ ھەيئەتلەرگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز.
2012 –يىللىق 10 نادىر بىلوگنى باھالاش گۇرۇپپىسىدىكى ھەيئەتلەر نومۇر قويۇپ تاللاپ چىققان بىلوگلار تىزىملىكى:
      (باھالىغۇچىلار تەرىپىدىن قويۇلغان ئومۇمىي نومۇر جەملىمىسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى بويىچە تىزىلدى)
        باھالاشقا جەمئىي 61 بىلوگ قاتناشتۇرۇلغان بولۇپ، باھالاش گۇرۇپپىسىدىكى ھەيئەتلەر تۆۋەندىكى 20 بىلوگنى تاللاپ چىقتى. بۇ 20 بىلوگنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا كىرگەنلىكىنى تەبرىكلەيمىز ۋە ئۈزۈپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. شاللىنىپ قالغان 41 بىلوگقا يەنىمۇ غەيرەت، ئۈمىدۋارلىق تىلەيمىز. چۈنكى، پائالىيەت ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ.
       بىلوگ نامى: تورخۇمارلار كۇلۇبى
      تور ئادرېسى: http://www.torhumar.com
      ئېرىشكەن ئومۇمىي نومۇرى: 525
      بىلوگ نامى: ئالىم ئەھەت بىلوگى
      تور ئادرېسى: http://www.alimahat.com
      ئېرىشكەن ئومۇمىي نومۇرى: 509
      بىلوگ نامى: بىر ھون بىلوگى
      تور ئادرېسى:  http://www.birhon.com
      ئېرىشكەن ئومۇمىي نومۇرى: 495.5
      بىلوگ نامى: 80 خالتا بىلوگى
      تور ئادرېسى: http://www.80halta.com
      ئېرىشكەن ئومۇمىي نومۇرى: 489
      بىلوگ نامى: ھەزرەت گىرافىكى
      تور ئادرېسى: http://www.hezret.com
      ئېرىشكەن ئومۇمىي نومۇرى: 450
      بىلوگ نامى: Jeck بىلوگى
      تور ئادرېسى: http://www.jeckblog.com
      ئېرىشكەن ئومۇمىي نومۇرى: 438
      بىلوگ نامى: شاھ ئۇيغۇر بىلوگى
      تور ئادرېسى: http://www.shahblog.net
      ئېرىشكەن ئومۇمىي نومۇرى: 424
      بىلوگ نامى: يۈكسەل بىلوگى
      تور ئادرېسى:  http://www.yuksel.me
      ئېرىشكەن ئومۇمىي نومۇرى: 418
      بىلوگ نامى: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى
      تور ئادرېسى: http://www.uyghurbeg.net
      ئېرىشكەن ئومۇمىي نومۇرى: 409
      بىلوگ نامى: ئۈمىدلەن! بىلوگى
      تور ئادرېسى: http://www.umidlen.com
      ئېرىشكەن ئومۇمىي نومۇرى: 406
      بىلوگ نامى: ئالىم بىز بىلوگى
      تور ئادرېسى:  http://alimbiz.net
       ئېرىشكەن ئومۇمىي نومۇرى: 405
      بىلوگ نامى: گۈلەن بىلوگى
      تور ئادرېسى:  http://www.gulenblog.com
      ئېرىشكەن ئومۇمىي نومۇرى: 404
      بىلوگ نامى: تور سودا بىلوگى
      تور ئادرېسى:  http://www.torsoda.net
      ئېرىشكەن ئومۇمىي نومۇرى: 390
      بىلوگ نامى: ۋەتەن بىلوگى
      تور ئادرېسى:  http://www.weten.me
      ئېرىشكەن ئومۇمىي نومۇرى: 389
      بىلوگ نامى: بىلنۇر ستۇدېنتلار كۇلۇبى
      تور ئادرېسى: http://bilnur.com
      ئېرىشكەن ئومۇمىي نومۇرى: 388.5
      بىلوگ نامى: ئىلقۇت بىلوگى
      تور ئادرېسى: http://blog.ilqut.com
      ئېرىشكەن ئومۇمىي نومۇرى: 387
      بىلوگ نامى: لوپنۇرى بىلوگى
      تور ئادرېسى: http://www.lopnuri.com
      ئېرىشكەن ئومۇمىي نومۇرى: 385
      بىلوگ نامى: پىرېستان بىلوگى
      تور ئادرېسى: http://prestan.net/blog
      ئېرىشكەن ئومۇمىي نومۇرى: 382
      بىلوگ نامى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بىلوگى
      تور ئادرېسى: http://pasahet.com
      ئېرىشكەن ئومۇمىي نومۇرى: 380
      بىلوگ نامى: روھچىن بىلوگى
      تور ئادرېسى: http://www.rohqin.com
      ئېرىشكەن ئومۇمىي نومۇرى: 377
      تېما ئاستىدىكى بېلەت تاشلاش ئورنىدىن بېلەت تاشلاپ، «2012-يىللىق 10 نادىر بىلوگنى باھالاش پائالىيىتى»گە ئاكتىپ ئاۋاز قوشقايسىز.

بېلەت تاشلاشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار :

      1. بېلەت تاشلاش ۋاقتى:2012-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى 23:59  غىچە بىر ئاي.
      2. بېلەت تاشلاش سورۇنى: كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى مۇنبىرى [http://bbs.xjcfan.com]
      3. بىر ئادەم پەقەت بىر قېتىملا بېلەت تاشلاشقا بولىدۇ. شۇ بىر قېتىملىق بېلەت تاشلاشتا ئەڭ كۆپ بولغاندا 10 بىلوگقا بېلەت تاشلاشقا بولىدۇ.
      4. ئەزا بولماي تۇرۇپ پەقەت ۋە پەقەت بىر قېتىملا بېلەت تاشلاشقا بولىدۇ.
      5. ساختا بېلەت تاشلاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنىگىچە پائالىيەت سورۇنى ھېسابلانغان كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى مۇنبىرىنىڭ ئەزا قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى ۋاقىتلىق تاقالدى.
     6. بېلەت تاشلاشتىن ئاۋۋال تورداشلارنىڭ نامزات بىلوگلارنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، نامزات بىلوگلار بىلەن تونۇشۇپ، ئەستايىدىل پوزىتسىيىدە بېلەت تاشلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
      7. ئەڭ ئاخىرقى نەتىجە بېلەت تاشلاش تامام بولغان ھامان خۇلاسە قىلىنىپ، 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى رەسمىي ئېلان قىلىنىدۇ.
       مۇناسىۋەتلىك تېمىلارنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ.
       تەشۋىقات رەسىمى ئىشلىنىۋاتىدۇ...
      بۇ پائالىيەتنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە، چامىڭىز يەتكەن دائىرىدە تەشۋىق قىلىپ قويۇشىڭىزنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۈمىد قىلىمىز.   
      زۆرۈر بولسا، شىركىتىمىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.
      تېلېفون نومۇرى: 8554813-0991
      تور بېكەت:  http://www.xjcfan.com
      ئېلخەت:  xjcfan@sina.com
      ئادرېسى: ئۈرۈمچى شەھىرى يەنئەن يولى 154-نومۇر جىلى سودا ئىشلىرى بازىسى 3-قەۋەت 37-ئىشخانا

كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى چەكلىك شىركىتى

2012-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى

بېلەت تاشلاش ئۈچۈن تۆۋەندىكى مەنزىلگە ئاتلىنىڭ

مېنى بىر قېتىم چەكسىڭىز ئاپىرىپ قويىمەن



无觅相关文章插件,快速提升流量

توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن


9 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...
  • ۋەھىمە | 2012.11.21 جاۋاب

    دىۋان
    مىنىڭ چ چ رىم يوقاپ كەتكەچ xjfan گە كىرەلمىدىم ، تور سودا ، مۇئەللىم ، ئۇيغۇربەگ ، رىنات بەگلەرنىڭ كىگە تاشلىماقچى ئىدىم ، ئەمما ئامال بولمىدى ،

  • ياخشى كۆڭلىڭىز ماڭا تىگىل بولدى ، ماڭا تاشلايدىغان بىلەتنى ئۇيغۇربەگ ، تور سودا ، پىرىستانلارنىڭ بىلوگىغا تاشلاڭ ، ئەزا بولمىسىڭىزمۇ بىلەت تاشلىيالايسىز ، كوت-كوتڭىزغا قايغۇرۇپ كەتمەي بىلەتنى تاشلاۋىرىڭ ….. :mrgreen: :lol: :???:

    • سالىھ بەگ | 2012.11.23

      مۇئەللىم سىزنىڭ بىلوگىڭىز يوقمۇ قانداق :roll:

  • huxhuy | 2012.11.21 جاۋاب

    ئاللاقاچان «تاش»ئەمەس، بىلەت تاشلاپ بولغان بېگمنىڭ كەپىسىگە جۇما :mrgreen:

  • تورسودا | 2012.11.22 جاۋاب

    ۋاھ….ياخشى نىيەتلىك دوستلىرىمنىڭ ھەممىسى بەگ كەپىسىگە يىغىلىۋاپتىغۇ، بۇرادەرلىرىمنىڭ قوللاپ بەرگىنىگە كۆپتىن كۆپ تەشەككۇر…سالامەت بولۇڭلار… :oops:

  • مەنغۇ دائىمراق كىرىپ تۇردىغان بىلوگلاغا تاشلاپ قويدۇم

  • گىك | 2012.11.23 جاۋاب

    مەنمۇ تورخۇمار ، ئالىم ئەھەت ، ئۇيغۇربەگ بىلوگلىرىغا بىلەت تاشلىۋەتتىم

  • بەگ ئىنىم سىزگە ۋە پىرىستانغا بىردىن بىلەت كەتتى !

  • ئالپبەگ | 2012.11.26 جاۋاب

    يۇقارىقى ئون بلوگنىڭ ھەممىسىگە بىردىن بېلەت تاشلىۋەتتىم، ھەممىسى بىر بىرىدىن قېلىشمايدىغان نادىر بلوگلار.

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif