- سەھىپە:WP تېخنىكىسى, WP قىستۇرمىسى
- | باھا:9
- | زىيارەت: 1,728 قېتىم ئوقۇلدى
- | خەتكۈچ: ، ئاپتور, ئۇيغۇر, بلوگ
بلوگنى يېڭى قۇرۇپ بولۇپ نەچچە كۈن ئۆتمەيلا چەتئەلدىن تونۇمايدىغانلار تۇققانلار ئىنگىلىزچە ئىنكاس يېغىپ كەتتى، ئۇلارنى ئۆچۈرۈپ تۇرساق بۇ بەز تۇققانلار يازمىمىزدىن ياكى ئىنكاسلاردىن بىرەر جۈملە سۆزنى كۆچۈرۈپ ئېلىپ بلوگىمىزنى ئەخلەت ئىنكاس بىلەن تولدۇرۇپ تاشلىدى، قانداق قىلىمىز؟ بۈگۈنكى ۋە ئەتىدىكى يازمىمىزدا سىپەمدىن ساقلىنىشنىڭ 6 تەدبىرى بىلەن تونۇشۇپ ئۆتىمىز، ئاددىيراق بولۇشى ئۈچۈن بۈگۈنكى قىسمىمىزنى قىستۇرمىلارغا ئاتىدۇق، سىپەمدىن زىرىككەن بولسىڭىز دىققىتىڭىز يازمىمىزدا بولسۇن.
1. قىستۇرمىغا قارشى ئالدىنقى سەپنىڭ كاتتىۋېشى، يولداش – ئاكام سەمەت(Akismet)
ئالاھىدىلىكى: ئاپتوماتىك يوللانغان ياكى باشقىلار غەرەزلىك يوللىغان سپەملەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار
سىپەملەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنىڭ ئىچىدە بلوگداشلارنىڭ ئالقىشى ۋە ئىتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن قىستۇرما Akismet بولۇپ، تۇرانىڭ ئىخلاسمەنلىرىنىڭ ئىسىدە بولسا، بىز مەزكۇر قىستۇرما ھەققىدە تۇرايىمىزدا مەخسۇس توختىلىپ ئۆتكەن، بۇ قىستۇرمىنىڭ ئۈنۈمى ھەقىقەتەن يۇقىرى بولغاچقا، WordPressنىڭ سۈكۈتتىكى قىستۇرمىسى ئىچىدە بۇ قىستۇرمىمۇ بار بولۇپ، بلوگداشلار چوقۇم ھازىرلاشقا تىگىشلىك قىستۇرمىدۇر.
پىرىنسىپى: مەزكۇر قىستۇرمىنى قاچىلاپ، ئورنىتىپ، تەڭشەپ بولغاندىن كېيىن، بلوگىمىزغا يوللانغان ھەر قانداق ئىنكاس ئاۋۋال ئاكام سەمەتنىڭ مۇلازىمىتىرىدىن ئۆتۈپ، «تەكشۈرۈش»نى قوبۇل قىلىپ، مەسىلە كۆرۈلمىگەندىن كېيىن ئاندىن بلوگىمىزنىڭ ئىنكاس قاتارىدا كۆرۈلىدۇ.
مەزكۇر قىستۇرما چۈشەندۈرۈلۈشى ۋە تەڭشىكى ھەققىدە تۆۋەندىكى يازمىمىزدا تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنغا ئىگە بولالايسىز:
يازما :«ئاكام سەمەت» قىستۇرمىسى ۋە ئۇنىڭ ئارقىلىق سپەم(ئەخلەت ئۇچۇر)لارنى قەتلىئام قىلىش تاكتىكىسى
مەنزىل: http://www.uyghurbeg.net/3073.html
2. Cookies for Comments قىستۇرمىسى
ئالاھىدىلىكى: غەرەزلىك يوللانغان سىپەمنىڭ كەينىنى، ئاپتوماتىك يوللانغان سىپەمنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ
پىرىنسىپى: قىستۇرما ئاپتورى Donncha O Caoimنىڭ دېيىشىچە، مەزكۇر قىستۇرما بلوگىمىزدا html كودىدىن بىرنى ھاسىل قىلىپ، كود ئىچىگە بىر رەسىم ياكى بىر جەدۋەلنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويىدىكەن، تور كۆرگۈچ بۇ جەدۋەل ياكى رەسىمنى زىيارەت قىلغاندا مەخسۇس cookie ھاسىل قىلىدىكەن، زىيارەتچى ئىنكاس يوللىغان ۋاقىتتا قىستۇرما ھاسىل قىلىنغان cookieنى تەكشۈرىدىكەن، ناۋادا مەزكۇر cookieنى بايقىيالمىسا يوللانغان ئىنكاسنى سىپەم قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىدىكەن.
بۇ قىستۇرمىنىڭ يەنە بىر ئارتۇقچىلىقى شۇكى، ئۇ ئىنكاسنىڭ يوللىنىش شۈرئىتىنىمۇ نازارەت قىلىدىكەن، يەنى ئىنكاسچىنىڭ ئىنكاس يوللاش سۈرئىتى ناھايىتى تىز بولسا، مەسىلەن ئۈچ سىكۇنت ئىچىدە يوللاپ بولغان بولسا يوللىغان ئىنكاسنى سىپەم دەپ ھۆكۈم قىلىپ چىقىرىدىكەن.
قىستۇرمىنىڭ يەنە بىر تاللىشى بولۇپ، سىپەم دەپ ھۆكۈم قىلىنغان ئىنكاسلارنى قەتلى قىلىش(ئۆچۈرۈش) ياكى زىندانغان تاشلاش(ئەخلەتلەش)نى ئاپتوماتىك بەلگىلىگىلى بولامىش. قالغىنىنى ئۆزىڭىز بىر سىناپ كۆرۈڭچۇ…
قىستۇرمىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسى: http://wordpress.org/extend/plugins/cookies-for-comments/
3. CAPTCHA تەستىق كودى قىستۇرمىسى
ئالاھىدىلىكى: ئاپتوماتىك يوللانغان ئىنكاسلارنى توسالايدۇ
پىرىنسىپى: ئىنكاس يوللاش كۆزنىكىنىڭ ئاستىدا بىر تاللاش، يەنى كىچىك ماتىماتىكىلىق ھىسابلاش كۆزنىكى قوشۇلىدۇ ھەمدە ئىنكاسچىدىن بۇ كۆزنەكنى تولدۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ، ئادەتتە ماشىنا ئادەم بۇنداق كۆزنەكنى تولدۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولمىغاچقا، ئىنكاس يوللىيالمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بلوگىمىز بۇ سىپەملەردىن قۇتۇلىدۇ.
بۇ قىستۇرما ئەمما لېكىن، زىيارەتچىلەرنى زىرىكتۈرۈپ قويىشى مۇمكىن، مەسىلەنگە مېنى…
قىستۇرمىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسى: http://wordpress.org/extend/plugins/captcha/
كىلەركى سان يازمىمىزدا بىردەم كود ئويناپ قويىمىز، خۇشۋاغ قىلىڭلار بلوگداشلار…
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن
- Google Adsenseھېساباتىڭىزنىڭ قانداق قەتلىئام قىلىنغانلىقىنى بىلەمسىز؟
- Prestan Simple 2 ئۇسلۇبىنى يېڭى ئىشلەتكۈچىلەر بىر قىسىم تەڭشەشكە تېگىشلىك جايلار (18)
- [تەۋسىيە يۇمتال]سىھىرلىك چاسا 2.0 Beta1
- چەتئەلدە ئىشلەنگەن مىكروكىنو–تاملار ئارقىسىدا… (8)
- [WordPress ئۇسلۇبى] سابىق ئۇسلۇبىمىز SimplePerfect تارقىتىلىدۇ (3)
- [ئۇيغۇرچە خەتلىك كىنو] دۇنياۋى داڭلىق ئەسەر ئاساسىدا ئىشلەنگەن نادىر كىنو–لەگلەك قوغلىغۇچى بالا (19)
- [ھەقلىق ئۇسلۇب]ئۇيغۇربەگنىڭ كەپىسى ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ئۇسلۇب تارقىتىلىدۇ (2)
- بۇ قېتىم مەنمۇ قاراپ ئولتامىدىم، ئىجادىي بولمىسىمۇ ئۆزلەشتۈرمە ئۇسلۇب تارقىتىمەن، نامى: D4 (94)
- پرېستان نەگە كەتتى؟ (11)
- Prestan Simple 2.0 ئۇسلۇبى ئېلان قىلىندى، چۈشۈرمىگەن بلوگگېرلار ئارماندا… (39)
- Prestan Simple ئۇسلۇبىمىز يېڭىلاندى، خاتالىق تاپقانلارغا ھەقسىز سوۋغا قىلىنىدۇ!… (18)
- WordPress ئۇسلۇبىغا ئۆزى بەلگىلىگەن تىزىملىك ئىقتىدارىنى قوشۇش تەدبىرى (6)