ئالدىنقى يازمامنى يوللاپ يوقاپ كەتكىلى بۈگۈن دەل 1 ئاي بوپتۇ، بۇ جەريادا بولۇپ ئۆتكەن ئىشلار، يەنى مەكتەپ ھاياتىمدىن بىردىنلا جەمىئەت ھاياتىغا قەدەم بېسىش، ئائىلىدىكى قىلسا-قىلسا تۈگىمەيدىغان ئەمما قىلمىسا بولمايدىغان ئىشلار ۋە خىزمەت ئىزدەش جەريانىدىكى تىڭرىقاشلار سەۋبىدىن تورغا چىقالمىدىم، بەلكىم يۇقۇردا ئېيتقانلىرىمنىڭ ھەممىسى «بانا»دۇر، راست گەپنى قىلسام ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن تورغا چىققۇم كەلمەس بولۇپ قالغان ئىدى.
تورغا چىقمىغان بۇ بىر ئاي جەريانىدا ئۆزەمنى باشقىچىلا يىنىكلەپ قالغاندەك ھېس قىلغان ئىدىم. بىر قانچە قېتىم يېرىم كېچىگىچە مۇسابىقە كۆرگىنىمنى ھىسابقا ئالمىغاندا مەكتەپتىكى ۋاقىتلاردەك كېچە-كېچىلەپ ئۇخلىماي ئۇسلۇب يازىدىغان، كارۋاتقا چىقىپ بولۇپمۇ بىر قانچە سائەت يانفۇن ئارقىلىق wordpress بىلىملىرىنى كۆردىغان، ئەتىسى خېلە ۋاقلارغىچە ئۇخلايدىغان ئىشلار يوقلا ئىدى، ئەلۋەتتە كېچىسى بالدۇر ئۇخلىغاندىن كېيىن، ئەتىسى سەھەر تۇرىدىغان گەپ ئىكەن، ئەگەر سىز سەھەر تۇرسىڭىز بىر كۈننىڭ ناھايتى ئۇزۇن ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدىكەنسىز، ئىشەنمىسىىڭىز سىناپ بېقىڭ.
بۇ بىر ئاي جەريانىدا نۇرغۇن دوستلار ماڭا خەت يېزىپ ھال ئەھۋال سوراپ تۇردى، مەن ئۇلاردىن بەك خوشال، ھەمدە بىر قىسىم دوستلارنىڭ QQ دا wordpress ھەققىدە سورىغان سۇئاللىرىغا جاۋاب بېرەلمىگەنلىكىمدىن ئىنتايىن خىجىل، چۈنكىن مەن بۇ بىر ئاي جەريانىدا QQ دېگەن ئوقەتنى ئېچى باقمىغان ئىدىم. بۈگۈن QQ نى ئېچىشىمغا خەت كەلگەنلىك ئۇچۇرى ساراپ توختىمىدى، ھەتتا كومپىيۇتېرىم قېتىپ قالدى(كونا كومپىيۇتېر ئەمەسمۇ، توغرا چۈشەنسەك بولىدۇ). ئوقۇپ باقمىغان ئېلخەتتىن 68 پارچە، google reader دە 700 پارچىدىن ئارتۇق ماقەلە مېنىڭ ئوقۇشۇمنى ساقلاپ تۇرۇپتۇ....(ۋاي بېشىم!)
مۇشۇنچىلىك يېزىپ تۇراي، ئۇنداقتا دوستلار ئاللاغا ئامانەت، كېلەر قېتىم مەن پەيدا بولغۇچە خۇدايىم سىلەرنى سالامەت قىلسۇن!
پرېستاننىڭ شەخسىي بلوگىدىن ئېلىندى، مەنزىل:
http://prestan.net/blog/where-is-the-prestan.html
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن
- بلوگ ئۈچۈن پىكىرخانا(پىكىر يېزىش دەپتىرى)ئېچىش (7)
- wordpress دىكى Fatal error-cood خاتالىقىنى ئوڭشاش (5)
- wordpressنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ۋە چۈشۈرۈش (2)
- چەتئەلدە ئىشلەنگەن مىكروكىنو–تاملار ئارقىسىدا… (8)
- ئۇسلۇب قاتىللىق دېلوسى پاش قىلىندى : باش گۇماندار Prestan Uzhal ئاشكارا تارقىتىلدى! (22)
- [ئۇسلۇب ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش يۈرۈشلۈك دەرسلىكى] ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش مۇھىتى ھازىرلاش (4)
- [بلوگگېرلار چايخانىسى] يېڭى بلوگگېرلارغا تۆت دەرس